8 -نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ گۈزەل سەنئەت ئېمتىھانى
سىيىت نوچى ئېمتىھاننى تولىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ تۈگۈتۈپ نەتىجىسىنىمۇ ئاممىغا ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلېۋىتىپ كۆڭلى خاتىرجەم بولغىنى بىلەن ياقۇپبەگنى ئۇنىڭ تەشۋىشى قىيناپ قويدى. بۇ قېتىملىق ئەلچى تاللاش ئىشىدا چۇقۇم سۇڭجىياڭنىڭ ئەككى نەپەر ئادىمى ئەلچىلىككە تاللىنىشى كېرەك ئىدى. ياقۇپبەگ بۇ ھالەتنى جىددىي تۈردە كېڭەش يىغىنى چاقىرىىپ تۈزەتمىسە بولمايتى. بولمىسا نەسىردىن ئەپەندىم دىگەن ھاڭۋاقتى ئىشنى بۇزماي قويمايتى. ئوردىنىڭ يىغىن زالىدا ئۈچ بەگ بىلەن ئۈچ كومسىيە ياقۇپبەگنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى مۇجەسسەملەشكەن يىغىنغا قاتناشتى. ياقۇپ بەگ سىيىت نوچىنى ‹باشبالتاق› دەپ ئوچۇق ئاشكارە تىللىدى. بۇ نەسىردىن ئەپەندىمگە ئاگاھ يىغىن بولۇپ ھېسامغا تىغ ئۇچى سانجىلدى. دىمىسىمۇ بۇ ھېسامنىڭ ئەكەلگەن ئەلچىسىنىڭ ياپۇنغا بېرىشى توغرا ئەمەس. نەدىمۇ تېخى نامى-ئاتىغى چىقمىغان بەگلىكتىن بىر قوڭالتاق كىشى چوڭ ئىش تەۋرىتىدىغان ئىش بولسۇن! ئۇ بارسىمۇ نېمىنى ھەل قىلىدۇ! دىمەك ئىشنى بىجىرىپ كىلىپ چىڭگىزخانىنى خوش قىلدى دىگەنلىك، ياقۇپبەگنىڭ ئوچىقىغا سۇ قۇيغانلىق بولماي نېمە!
لىكۈي، ۋۇسۇڭ، باجى، ئەبەيلەر ئاللبىرۇن قەشقەر سەنئەت سارىيىدا كومسىيە نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىۋاتاتتى. بۇ قېتىملىق گۈزەل-سەنئەت ئېمتىھانىدا باجى دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيىتماقچى، ئەبەي گېتتار چېلىپ قىزىقچىلىق قىلماقچى، لىكۈي باجىنىڭ دۇتتارىغا ئۇسۇل ئوينىماقچى، ۋۇسۇڭ ئەبەينىڭ چاخچىقىغا پاس چىقىرىپ بەرمەكچى بولدى. ئۇلار تازا رېپىتىس قىلىپ ئىككى بۆلەك بولۇپ تەييارلىق قىلىشماقتا ئىدى.
يىغىن قىسقا ئېچىلغان بىلەن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ زىتىغا تىگىپ سەل قورقانچە سېلىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ئېمتىھانىدا كومسىيە بولۇپ قىسىلىپ قېلىشى تازا ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس. رەت قىلسا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق. ئىككىلىنىپ تۇرۇپ سەلەي چاققانغا قارىدى. سەلەي چاقانمۇ ئۈنسىز دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنسىمۇ بۇ قېتىملىق ئېمتىھانىغا كومسىيە بولماسلىق قارارىغا كىلىپ چىقىپ، ئېشىكىنىڭ چۇلۋېرىغا ئېسىلىپ بىر ھازا غەمدە تۇرۇپ كەتتى. ئېشەك قۇلىغىنى لىڭشىتىپ ئۇنى ئاۋۇندۇرۇپ قويدى. ئاڭغىچە نەدىندۇر تاڭسىڭ پالاقشىپ كىلىپ ئېشەكنىڭ چۇلۋېرىغا ئېسىلدى. ئۇ ئېشەكنى ياخشى يۈتىلەيتى. نەسىردىن ئەپەندىمنى چوقۇم ئېمتىھان رايۇنىغا ئاپارمىسا ئۇنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۆزگۈرۈپ كىتەتتى. باجىنىڭ سەنئەتتىكى ئىقتىدارى ئالاھىدە بولۇپ رەقىپلىرىنى يېڭىپ تاللىنىشى مۇقەررەر. ئەبەينىڭ ئىشى سۇغا چىلاشتى. ھېلىقى لىكۈي بىلەن ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش بىلەن ئوۋ ئوۋلاشتىن باشقا ئارتۇقچىلىغى يوق. باجىنىڭ تاللىنىشى ئۈچۈن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئېشىكنى يۆتىلەش كېرەك ئىدى. شۇڭا تاڭسىڭ نەسىردىن ئەپەندىمنى ئېشىكىگە مېندۈرۈپ يۈتىلەپ ماڭدى. ئېشەكنى مېنىپ باشقا ياققا مېڭىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ شۈنچە ئاقىل ئېشەكنى چوڭ كوچىدا يۆتىلەپ مېڭىشتىن ئويالمىغان تاڭسىڭنى كۆرگەن نەسىردىن ئەپەندى باجىنى ئويلاپ قالدى. باجى دۇتتارنى ھەقىقىتەن ياخشى چالغان بىلەن ناخشىنى ئۆزى توقىۋالاتتى. كىتىپ بېرىپلا يەنە ئازاتتى. بۇ قىلىقنى ئاڭلىماسلىققا سالغان بىلەن نودا يوشىخونىڭ ئالدىدا شۇنداق تاقۇ-تۇققۇ ناخشا ئوقۇپ يۈرۈش دۆلەت مەنپئەتىگە، يۈز-ئابرويىغا دەخلى قىلغانلىق بولاتتى. نېمە ئامال قېنى ئېمتىھان رايۇنىغا بارغاندىن كىيىن ئەمىلىيەت بەلگىلەر دەپ خىيالنى ئۈزدى. تاڭسىڭمۇ شېرىن خىياللارنى قىلدى. باجى ئەلچىلىككە تاللىنىپ قالسا ئوردىنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ چوڭ خىزمەتلەرنى قىلىپ، ھوقۇق تۇتاتتى. ھەم ئۆيلىنەتتى. ئۇلار شۇ خىياللار بىلەن سەنئەت سارىيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى. نەسىرىدىن ئەپەندىم ئېشەكتىن تولىمۇ چەبدەسلىك بىلەن چۈشتى-دە، ئارقىسىغىمۇ قارىماي سەنئەت سارىيىغا كىرىپ كەتتى. تاڭسىڭ ئېشەكنى سەنئەت اسارىيىنىڭ ئالدىدا تۈتۈپ ئولتۇردى. ياقۇپبەگ، ھېسام، سۇڭجىياڭلارمۇ كەلدى.
نەسىردىن ئەپەندىم ئېمتىھان رايۇنىغا كىرگەندە ئۇلار رېپىتىس قىلىشىۋاتاتتى. ئەپەندىمنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ، تازا ئاچچىغى كەلدى. ئۇ كىرىپلا ئەبەينى:
- تاققۇ-تۇققۇ گەپ قىلماي ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر! -دەپ تىللىدى. شۇنىڭ بىلەن مەيدان سۈكۈتكە چۈمدى. مەيداندىكىلەر ئېمتىھاننىڭ باشلىنىشىنى تەققەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى. نەسىردىن ئەپەندىم ئېمتىھان تەرتىۋىنى ئېلان قىلدى. ئاندىن:
-باجى سەن ئاۋۋال سەنئەت ئالاھىدىلىگىڭنى نامايەن قىلىپ باق!-دىدى.
-ھە.ھە بولىدۇ!-دەپ دوتتارنى كۆتىرىپ پالاقشىپ، ئۆزىنىڭ قاملاشمىغان ئۇستىخانلىرى بىلەن سەھنىگە پاتمايلا قالدى. ئەتىراپقا قاراپ خۇشاللاندى. ئۇنىڭ تۈنجى قېتىم رىقابەتچىللىرىنى يېڭىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىغا چىقىشى ئىدى. ئۇ تامبىلىنىڭ بىر پاچىقىنى تۈرۈپ خۇددى ئوتانچىلاردەك سەھنىڭ ئوتتۇرسىغا چىقىپ بەداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىدىن شۇنداق مەغرۇرلاندى ۋە ئۆزى توقىغان ئىجادىي پەدىللىرىگە شۇنداق چالدىكى لىكۈي ئىختىيارسىز چىقىپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. لىكۈينى ئۇسۇلغا سالغان باجى تازا ماسلىشىپ ھېلى قوپسا ھېلى سىڭايان بولۇپ قۇلاقلىرىنى قېقىپ، بۇرۇنلىرىنى سوزۇپ نازلىنىپ قويۇپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىغىنى چىقارماقتا ئىدى. لىكۈيمۇ سوزۇلۇپ، موللاقشىپ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى چالسا بىرى ئويناپ يېرىم سائەتكىچە ھېرىپمۇ قالمىدى. تازا قىزىغان لىكۈي قۇچىغىدا ئەخلەت چىلىكىنى قوچاقلاپ تانسا ئوينىغانلىغىنى ھىس قىلالماي توختىدى. يېرىم سائەتلىك ئېلىنغان باجىنىڭ ئېمتىھانى غەلبىلىك تۈگىدى. نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ قولىقىغا دۇتارنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز كىرمىدى.
ئىككىنجى نۆۋەت ئەبەينىڭ بولدى. ئۇ گېتتارنى خۇددىى جىمىدەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالدى. تاققۇ-تۇققۇ توقىغاندا ۋۇسۇڭ پاس چىقاردى. ئۇلار شۇنداق ئەتىراپىلىق ھەم مەزمۇنلۇق قىلىپ ئورۇندىدىكى قىلچىمۇ سەۋەنلىك يوچىغى سادىر قىلمىدى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئورۇندىغان نۇمىرىغا باجى ۋە لىكۈيلەرمۇ قول قويۇپ يۇقرى باھا بەردى. ئۆزىنىڭ يېڭىلىپ قالغانلىغىنى ئىتىراپ قىلىپ مەيۈسلەندى. لىكىن نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ بۇنداق تاقۇ-تۇققۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشقا قانداقمۇ رايى بولسۇن! گېتتاردەك چالغۇلار مىللى ئۆرۈپ-ئادەت سازلىرىمىزدا ئاھاڭ بۇزىدىغان سازغۇ؟ ئۇ ئەبەينىڭ نەتىجىسىنى كىچىككىنىمۇ ئىتىراپ قىلىپ قويمىدى.
ئۈچۈنچى نۆۋەت سۇڭجىياڭنىڭ ئەلچىللىرى بولۇپ سەھنىگە چىققاندىن كىيىن لىكۈي بىلەن ۋۇسۇڭ ئۆزىلىرىنىڭ ئورۇنداپ بولغانلىغىنى دەپ تىرناقلىرىنى تاتىلىشىپ، نازىنىن قىزلاردەك لەۋلىرىنى يالاپ، كۆزلىرىنى قىسىشىپ نەسىردىن ئەپەندىمگە خۇلۇق چىقىرىپ خۇشامەت قىلدى. ئەمما نەسىردىن ئەپەندىم خۇشال بولماي ئەكسىنچە ئۇلاردىن ناھايىتى بىزار بولۇپ، قوڭلىرىغا تىپىپ ئېمتىھان مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. بۇنى كۆرگەن سۇڭجىياڭ لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ خىجىل بولماستىن ياقۇپبەگكە ‹بۇ نېمە قىلىق؟› دىگەن مەنىدە قارىدى. ياقۇپبەگ نەسىردىن ئەپەندىمنى چاقىرىتىپ تىرىك يىۋەتكىدەك دەرجىدە ئاچچىقلاندى. دېمەك ئېمتىھان ئاياقلاشتى. پەقەت نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ كۆپچىلىككە ئېمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشلا قالغان ئىدى. ئەتىراپتىلكىلەر ۋۇسۇڭ بىلەن لىكۈينىڭ ئىشىغا قاراپ ھەدەپ بەس-مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى. ئاڭغىچە نەسىردىن ئەپەندىم نەتىجىنى ئېلان قىلىشقا چىقتى. كۆپچىلىك ئۇنى كۆرۈپ تىنىچلاندى. ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ:
1- باجى. ئۆزى ئجاد قىلغان ناخشىلارغا يېقىملىق دۇتار چېلىپ ئورۇنلاپ نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن ئەلچىلىككە تاللانسا بولىدۇ.
2-ئەبەي گېتتارنى ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالغان بىلەن ئاخىردا تاققۇ-تۇققۇ، داڭقات پۇتى گەپلەرنى سېتىپ نەتىجىسىنى يوق قىلدى. بۇنداق سۆزلەر بىلەن نودا يوشىخودەك قىزىل كۆزلەرگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەلچىلىككە تاللىنىشى رەت قىلىنسا بولىدۇ.
3-گەرچە لىكۈي بىلەن ۋۇسۇڭ كۆز قىزىپ، قوڭ ئوينۇتۇپ مەيدان تەرتىۋىنى بۇزغان بىلەن نودا يوشىخودەك ئىشقىۋازلارغا ياراپ قېلىش ئىمكانىيتىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. مەن ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەمىلىي ھەركىتىگە قاراپ بېرىم ئەلچىلىككە تاللانسا بولىدۇ دەپ قارايمەن! تامام.
داۋامى (9-سەلەي چاققاننىڭ ئەمىلى مۇنازىرە ئېمتىھانى) داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ!