|
|
|
|
ئەسسالام تورداشلار، يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيە تورىغا كىرىپ تىما مەزمۇنىنىڭ لاتىن ۋە سىلاۋىيان يېزىقلىرىدا ككرۈشكە بولىدىغان ئىقتىدارىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ مەزكۇر ULY غا ئايلاندۇرۇپ كۆرۈش كونۇپكىسىنى باسسام، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان يېزىقلار پەيدا بولدى ، ۋە ھەيران قالدىم، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت ۋە پەن-مۇئارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇمىز دەپ جار سېلىۋاتقان بۇ توربەت، ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ ، ئۆز ئالدىغا ئۆلچەم بېكىتىپ، تىلىمىزنى قالايمىقان قىلماقتا ئىكەن .
ULY بولسا 2001- يىلى بىرلىككە كېلىپ، 2008- يىلى ئاپتونۇم رايۇنلىق تىل -يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن تامغا بېسىلىپ ئۆلچەملەشكەن يانداش قۇرال ئىدى ، بىراق بۇ قالپىغى يوغان { ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى} تور بېتى نىمە ئۈچۈن يېزىقىمىزنى خالىغانچە بۇزۇپ ئوينايدۇ ؟ ئۇلاردا بىرلىك، ئىتتىپاق ، ئۆلچەمگە بوي سۇنۇشتەك ئەڭ ئاددى ئۇقۇممۇ بولمىسا، قانداقسىگە ‹مەدىنىيەت ئۇيغۇردىن› دىگەن يۇغان شۇئارلىرىغا يۈز كىلەلەيدۇ .
سىلەرمۇ قاراپ بېقىڭلار ؛
شۇڭا بۇ توربەت تېخنىكلىرىنىڭ ئانا تىلىمىزنى خالىغانچە بۇزۇپ ئوينىماسلىقىنى، ئۆلچەمگە بوي سۇنۇپ، ھەقىقى ULY نى توغرا ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن ، ئاۋۋال ULYدىن ساۋات چىقىرىپ، ئاندىن باشقىلارغا مەدىنىيەت تارقىتىمەن دەپ جار سېلىڭلار .
http://en.wikipedia.org/wiki/Uyghur_Latin_alphabet
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuzkhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 03:27 PM
|
|
|
|
|
|