مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: oghuzkhan

ئۇيغۇر تىلىنى كىم بۇزىۋاتىدۇ ؟- ئۇيغۇر ئاكادېمىيە تورى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10904
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2417 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 07:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xyz يوللىغان ۋاقتى  2013-1-26 07:02 PM
مەنچىغۇ يېڭى يېزىقتا قوش ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن  ...

http://ug.wikipedia.org/wiki/%D9 ... 2%D9%89%D9%82%D9%89

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9266
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4479 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:19:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xyz يوللىغان ۋاقتى  2013-1-26 07:02 PM
مەنچىغۇ يېڭى يېزىقتا قوش ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن  ...

Uyghur Latin Elipbe

http://www.elipbe.com/elipbe.html


مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

قاراڭغۇدىن زارل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7926
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:38:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan  ،قېرىندىشىم  ،سىزنىڭ مەخسىدىڭىزنى توغرا دىگەندىمۇ تەڭقىتلەش ئۇسۇلىڭىزدا كەتتۇرۇپ قويدىڭىز.ئىلمى پاكىتلىق  ھالدا  خاتالىق بولسا ئوتتۇرغا قۇياتتىڭىز  .كونىلاردا «كىسەل ئىت قۇيرۇغىنى تالايدۇ»دىگەن گەپ بار .بىز ئۇيغۇر  قېرىنداشلار ئۆز ئارا تالىشامدۇق ؟

قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3431
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 06:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە بۇزىدۇ ؟ مەن ئوقۇسام بۇزغان ئىش يوقكەنغۇ ؟ تۈركلەر قوللىنىۋاتقان يېزىقتا يېزىلىپتۇ شۇ . بىرلىشىمىز دەپ قۇرۇق چۇقان سالغانغا ھېساب ئەمەس ، مۇشۇنداق بارچە تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئاۋال يېزىقنى ،تىلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھىم . قازاق قېرىنداشلىرىمىز سىلاۋيان يېزىقىدىن ئاللاھ خالىسا لاتىن يېزىقىغا ئۆتمەكچى تۈركىيەدەك . بىزمۇ ئىمكانىيەت يار بېرىپ چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلمىغۇدەك بولسا يېزىق ئۆزگرتىپ ، تۈركى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتسەك بولاتتى تېخى . تېمىنى ھەيۋەت قويۇۋالسا نېمە دەيدىكىن دەپ ئېچىپتىمەن . شۇ ئىشمىتى ، قىلىدىغان باشقا ئىشىمىز يوقمىدۇ دەيمەندە .

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9266
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4479 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 10:45:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
boldibas يوللىغان ۋاقتى  2013-1-28 06:13 PM
نەدە بۇزىدۇ ؟ مەن ئوقۇسام بۇزغان ئىش يوقكەنغۇ ؟ تۈركلە ...

تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئېلىپبە ئىشلىتىشىگە  بىز ۋە بىزنىڭ نەۋرە چەۋرىلىرىمىزمۇ ئۇلىشالمايدۇ ،
تۈركىيە نىڭ يېزىقنى قايتا ئۆزگەرتىشى مۈمكىن ئەمەس ،
، ھەم يېزىق ئۆزگەرتىپ قويغانغا  ھەمكارلىق ئاشقان بولمايدۇ،
ياۋرۇپا بىرلىكى ،  شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىتتىپاقى ، قاتارلىق ئىتىپاقلار يېزىق، تىللىرىنى  ئۆزگەرتمەيمۇ ھەمكارلىقنى ئاشۇرىۋاتىدۇ .
--------------
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بۇ تور بەت تېخنىكىسى نىمىگە ئاساسەن ئاتالمىش «ئورتاق تۈرك ئېلىپبە»سىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتتى،
بۇ ھوقۇقنى ئۇلارغا كىم بەردى ؟
گۈرۈچتە خەۋەر يوق ، سەۋزە دەم يەپتۇ دىگەندەك ، بۇ يېزىق تېخى رەسمى ئىلان قىلىنمىدى ، پەقەت لايىھە سەۋىيىسىدە  تارقىلىپ يۈرىيدۇ .
بۇ يېزىق رەسمى ئىلان قىلىنىپ، باشقا تۈركى دۆلەتلەر ئىشلەتكەندىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىققا كۆچمەيدۇ .
ھەم كۆچۈشنىڭ ئەھمىيىتمۇ يوق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuzkhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 10:46 AM  


مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 11:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kukhelal يوللىغان ۋاقتى  2013-1-23 07:06 PM
مۇۋاپىق تەكلىپ بولسا قۇبۇل كۆرۈش،توغرا تەنقىت بولسا ق ...

ياخشى  تەكلىپ

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3431
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 06:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-29 10:45 AM
تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئېلىپبە ئىشلىتىشىگە  بىز ۋە ...

  سىزنىڭ بەزىبىر يازغانلىرىڭىزنى ئەجەب كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم . 80 تۈركىي مىللەتلىرى دېگەندەك بىر گەپنى قىپسىز ، مەن تۈركى قەۋىملەردىن ئۇيغۇر ، قازاق ، قېرغىز ،  ئۆزبىك ، تۈركىمەن ، تۈرك ، ئەزەربەيجان ، تاتار ، قارا قالپاق ، داغۇر ، سالار ، باشقىرىت ، ياقۇت ، يۇغۇر قاتارلىقلارنى بىلىدىكەنمەن قايسى 80 بىلسىڭىز بىرمۇبىر ساناپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
   يەنە بىر ئىش ، تۈركىيە مىنىستىرى رەجەب تايىپ ئەردوغان يېقىندا تۈركىمەنىستاندا زىيارەتكە بارغىنىدا تۈركولوگلارنى بىرلىكتە ئېلىۋالغان ھەمدە تۈركىي بىرلەشمە ئىتىپاق قۇرۇش مەقسىدىنى بىلدۈرگەن . تۈركىمەنىستان دۆلەت ۋەكىللىرىمۇ بۇ لايىھەگە نىسبەتەن قوللاش پوزتىسيىسىدە بولغان . تۈركىيە تەرەپ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت قازاقىستاننى قۇشۇلدۇرالىسا بۇ لايىھەنى 2050-يىلغىچە  پۈتۈن تۈركىي مىللەت ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان . لايىھەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى : پۈتۈن تۈركىي قەۋېملەر يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، ئورتاق تىل يېزىق بىرلىكى ھاسىل قىلىش ، تۈركىي ھەرىپلىرىنى 34 ھەرىپ قىلىپ بەلگىلەش ، تۈركىي دۆلەت بايراقلىرىغا تەقلىد قىلىپ ،(بايراق رەڭگى يادىمدا قالماپتۇ) بىر ئاي ، كەينىگە 8 يۇلتۇزلۇق تۈركىي بىرلەشمە ئىتىپاق بايرىقىنى ئېسىش ، بۇ 8 يۇلتۇز تۈرك ، قازاق ، ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ، قېرغىز ، تۈركىمەن ، ئەزەربەيجان ، تاتار قاتارلىق نۇپۇسى ئون مىليوندىن ئاشقان 8 تۈركىي قەۋېمگە سىموۋول قىلىنغان بولۇش قاتارلىقلار .
   تۈركىيە يەنە كېيىن قازاقىستاندا بولغان زىيارىتىدە ئويلىمىغان يەردىن قازاقىستان تەرەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپتۈ .
    سىزنىڭ دېگنىڭىزچە بولغاندا تۈركىيە ئۆزى لايىھەلىگەن قارارلارغا يەنە ئۆزى بىرىنچى بولۇپ قارشى چىققۇدەكمىش . تۈركىيەنىڭ قوڭى قىچىشىپ ياكى رەھبەرلىرى ساراڭ بولۇپ قاپتۇمۇ ياكى سىزنىڭ كاللىڭىز نامايىش توۋلاپ قاپتىمۇ ؟ بىلىپ سۆزلەۋاتامسىز ياكى باشقىلارنى سۆزىڭىزگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپۈپ سۆزلەۋاتامسىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3431
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 06:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-29 10:45 AM
تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئېلىپبە ئىشلىتىشىگە  بىز ۋە ...

سىز نەۋرە چەۋرىلىرىمىزمۇ ئۇلىشالمايدۇ ، مۇمكىن ئەمەس دېيىش ئارقىلىق نەۋرە چەۋرىلىرىمىزنىڭ ئىديىسى ، كەلگۈسىگە كېپىللىك قىلالامسىز ؟ ئاللاھدىن باشقىسى كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ جۇمۇ . نېمە گەپ ئۇ ؟ بولسا مۇشۇنداق چېچىلىپ يۈرسەك ياخشى بولامتى ؟ ئېتىڭىزنى ئوغۇزخان دەپ قويۇۋاپسىز ، بىلەمسىز كىملىكىنى ؟ نوھ پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن يافەس ، ئۇنىڭ نەسلى تۈرىك ، ئۇنىڭ نەسلى ئەبىلقا ....... نەسلى ئەلەنجە ، ئۇنىڭ نەسلى تۈمەن قاراخان ، ئۇنىڭمۇ نەسلى ئوغۇزخان !
   ئۇنىڭ زامانىسىدىن يەنە ئەلەنجە زامانىسىدا ئەجداد بوۋېسى تۈرىكنىڭ نامى بىلەن تۈرىكلەر دەپ ئاتالغان . ئوغۇزخان نەق تۈرىك خاقانى ، ئۇ دادىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ئەمىرزادىلەرنى ماختاپ ئىتىپاق دېگەن مەنىدە ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان . ئەمدىلىكتە بىز ئاتا ئانىمىز بولغان تۈركنى يات كۆرەمدۇق ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10147
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 07:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوباما يوللىغان ۋاقتى  2013-1-23 06:56 PM
قايسى يۈزۈڭ بىلەن ‹‹ئۇيغۇر تىلىنى كىم بۇزۇۋاتىدۇ›› دە ...

يازما تەستىقلايدىعانلار يوللانعان يازمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن پىشكە بولسىمۇ حەۋەر تءپىپ ئاندىن يوللىمامدىعاندۇ؟

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90855
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 08:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل ئايرىم ئوقۇم يېزىق ئايرىم ئۇقۇم بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش لازىم، ئىككىسى بىر نەرسە ئەمەس. يېزىق پەقەت تىلنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى ۋاسىتە خالاس. تېما ئىگىسى بۇنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدىمۇ قانداق يېزىق ئارقىلىق تىلنى بۇزۇپتۇ دېگەن خەتەرلىك سىگنالنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېكىتىدىكى تىل ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتكەن ئاساسلىق يېزىق ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشر قىلىنىۋاتقان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن سىلاۋىيان يېزىقىدا ۋە لاتىن يېزىقىدا كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى بولسا، بىر قىسىم جايلاردا ياشاپ تۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ جايدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ۋە قوللىنىۋاتقان سىلاۋىيان يېزىقىدا ۋە لاتىن يېزىقىدا كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت كىچىككىنە ئىقتىداردىن ئىبارەت خالاس. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ بېرىلگەن مەزمۇن يەنىلا ئەسلىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنى پەقەتلا سىلاۋىيان ياكى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن كۆرسىتىپلا بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان ياكى تىلنى بۇزىۋېتىدىغان ئۇنداق چوڭ كارامىتى يوق.
ئاتالمىش ULY نىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئەھۋالاتلىرى ماڭىمۇ خېلى ئايان. ULY نىڭ ھازىر ئىككى نۇسخىسى بار، بىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تۈزۈپ چىققان نۇسخا، يەنە بىرى تىلكوم تۈزۈپ چىققان نۇسخا، بۇنداق بولغاندا ULY نىڭ ئىككى خىل شەكلى بار دېگەن گەپ. يەنى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ULY دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇسخا ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىپ، كېيىن بۇ ئىسىم قاملاشمايدىكەن دەپ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى دەپلا ئېلىنغان، كېيىنكىسىنىڭ تولۇق نامى ‹ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى› بولۇپ، بۇنىمۇ قىسقارتىپ ULY دەپ ئاتىلىپ كەتتى. ئەمدى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىتىلگەن لايىھە بولسا پەقەت ئەڭ دەسلەپكى ULY غا ئەڭ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئە› ۋە ‹ئې› تاۋۇشلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىككى دانە لاتىنچە ھەرپ ئۇ ك ئى ج نىڭ ULY نۇسخىسى بىلەن بىردەك بولغاچقا، بۇنىمۇ ULY دەپ ئاتاپ كەتكەن بولسا كېرەك.
مەيلى قوشما ھەرپلىك ياكى تاق ھەرپلىك لايىھەلەر بولسۇن، بۇنىڭغا ئالدىراپ ھېسسياتقا بېقىنىپلا باھا بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالدىراپ قىلىنغان ھەر قانداق بىر ئىش مىللەتكە پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ  ULY نىڭ داۋراڭلىرى كۆتۈرۈلگەندە، بۇنىڭغا دەستەك بولغان ئاساسلىق شوئارلار ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقى قالاق، كومپيۇتېرغا ماس كەلمەيدۇ، تەرەققىياتىمىزنى ئاستىلىۋېتىدۇ، شۇڭا ئىسلاھ قىلىش كېرەك دېگەندەكلەر بولدى. دۇنيادا مۇرەككەپ يېزىقلار ناھايىتى كۆپ، كومپيۇتېر دېگەن بۇ نەرسە كەشىپ قىلىنغاندىن تاكى ھازىرغىچە كومپيۇتېردا يېزىقىنى بىر تەرەپ قىلالماي زارلىنىپ يېزىق ئالماشتۇرىمىز دەپ ئوتتۇرىغا چىققان بىرەر مىللەتنى ئاڭلاپ باقمىدىم، پەقەت بۇنداق دېگەنلەر ۋە شۇنداق قىلغانلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقتى خالاس.
شۇ ۋاقىتلاردا بىر بولسا كاللىنى ئىشلىتىپ جاپاغا چىداپ ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە راۋان بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك ئىدى. بىراق بۇنداق قىلىش ھازىرقى كىشىلىرىمىزگە تەس كەلگەچكە يېزىق ئالماشتۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىشتى. ياكى باشقىلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھامان ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەي بۇ كۈننى ساقلىغۇسىمۇ كەلمىدى. مانا بۇ ئالدىراڭغۇلۇقنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئەمەس ئىدى، بىراق ھېچكىمنىڭ ساقلاپ تۇرغىسى كەلمىدى - دە، يېزىق ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. بىراق ئۇزاققا بارمايلا ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىز كومپيۇتېر، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردا راۋان ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى. بۇ كۈنلەردىمۇ بۇ ھەقىقەتلەر ئالدىدا يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەن بەرگۈسى يوق.
مەن 2000- يىللاردىن كېيىنلا باشلانغان لاتىن يېزىقىنى كومپيۇتېردا ئىشلىتىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، پىكىرمۇ بېرىپ باقتۇق، تەكلىپمۇ بېرىپ باقتۇق، ھېچقاندىقى ئاقمىدى. ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىپ قالسا تاق ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ھەر تۈرلۈك سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئەگەر قوشما ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە كېلىپ چىقىدىغان ئاۋارىچىلىق ۋە بەزى ھازىر پەرەس قىلىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر قسىىم يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ھازىر بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي يازالمىساممۇ ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي:
ئۇيغۇرلار تارىختا ئۈچ چوڭ يېزىق ئىشلەتكەن، بىرىنچىسى: ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى (قەدىمكى تۈرك يېزىقى)، ئىككىنچىسى: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئۈچىنچىسى: كونا ئۇيغۇر يېزىقى (ھازىرقى يېزىقىمىز)، بۇ ئۈچ يېزىق ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلگەن يېزىقلار. بۇ ئۈچ خىل يېزىقنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئومۇمەن ھەممىسى دېگۈدەك ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردۇر، بەزىلەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۈستىدىن-ئاستىغا قارىتىپ تىك يېزىلىدىغان يېزىق ئىدى، بۇنى قانداقسىگە ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈش مۇمكىن دەپمۇ سورايدۇ، توغرا يېزىقنىڭ يۈنىلىشى جەھەتتىن ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىق بولمىسىمۇ، بىراق ئۈستىدىن-ئاستىغا يېزىلغاندىمۇ قەلەم قەغەزنىڭ سول بۇرجىكىدىن باشلىنىپ، خەتنىڭ قۇر بېشى ئۈستىدىن-ئاستىغا قارىتىپ يېزىلىشى بىزگە يەنىلا ئوڭدىن-سولغا قارىتىپ يېزىلىۋاتقان تەسىراتنى بېرىدۇ، بۇ يېزىقنى بىلىدىغان ۋە يېزىپ باققانلار بۇ نۇقتىنى چۈشىنەلەيدۇ.
ئەمدى بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تارىختا ئىشلەتكەن بۇ ئۈچ يېزىقنى تىلغا ئېلىش ھاجەت بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى بولسا ئەڭ دەسلەپ تەسۋىرىي يېزىقتىن ئېلىپبەلىك يېزىققا تەرەققىي قىلغان يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىق تەرەققىي قىلىپ تاكامۇللاشقان دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تاۋۇشقا بىر بەلگە ئىشلىتىلگەن ئىدى. ھەتتاكى قوشما تاۋۇشقا بىر بەلگە قويۇلغانكى ھەرگىزمۇ بىر تاۋۇشقا قوشما ھەرپ ئىشلىتىلگەن ئەمەس. شۇڭا بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى ئەڭ ساپ ۋە تەرەققىي قىلغان دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنىڭ ئورنىنى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىگىلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى مىڭ يىللارچە ئىشلەتكەن. بۇ يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، خەتلەر ئۈستىدىن-ئاستىغا يېزىلاتتى، ھەرپلەر بىر-بىرىگە ئۇلاپ يېزىلاتتى. بۇ يېزىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا 18 خىل ھەرپ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلگەن. شۇڭا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ناھايىتى تەس ئىدى. بۇ يېزىقتا قوشما ھەرپتىن پەقەت بىرسىلا بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ‹ڭ› تاۋۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ‹ن› ۋە ‹ك› ھەرپلىرىدىن بىرىكتۈرۈلگەن قوشما ھەرپ بولۇپ، بۇ قوشما ھەرپ كېيىنكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىغا مىراس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا بىر بەلگە بىلەن بىر قانچە تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولۇپ، بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ شاخلاپ تەرەققىي قىلىپ بىر قانچە لەھچىلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، ‹ت› تاۋۇشى بىلەن ‹د› تاۋۇشى بىرلا ھەرپ بىلەن، ‹س› تاۋۇشى بىلەن ‹ش› تاۋۇشى بىرلا ھەرپ بىلەن، ‹ك› تاۋۇشى بىلەن ‹گ› تاۋۇشى بىرلا ھەرپ بىلەن، ‹چ› تاۋۇشى بىلەن ‹ج› تاۋۇشى بىرلا ھەرپ بىلەن، ‹ئو› تاۋۇشى بىلەن ‹ئۆ› تاۋۇشى بىرلا ھەرپ بىلەن، ‹ئۇ› تاۋۇشى بىلەن ‹ئۈ› تاۋۇشى بىرلا ھەرپ بىلەن پەرقلەندۈرۈلمەي يېزىلغان بولۇپ، بۇ تاۋۇشلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇش سۆز بېرىكمىسىنى تەشكىل قىلغان ھەرپلەر تىزىقىنىڭ تەركىبىدىكى باشقا ھەرپلەر بىلەن قوشۇپ ئوقۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچى ئۆزى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇيتتى، شۇڭلاشقا ھازىرغىچە بىزگە ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئوقۇپ چىقمىقىمىز ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىدا پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاشلاردىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا ئوقۇماق تەسكە چۈشىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشتە كۆرۈلگەن بۇ خىل ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن، تۈركى تىلنىڭ بۆلۈنۈش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان بولۇپ، ‹ت› تاۋۇشى بىلەن ‹د› تاۋۇشىنىڭ، ‹ك› تاۋۇشى بىلەن ‹گ› تاۋۇشىنىڭ، ‹چ› تاۋۇشى بىلەن ‹ج› تاۋۇشىنىڭ ئېغىر نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى تۈپەيلىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىدەك پەرقلەر زورايغان.
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىز بولسا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنغان يېزىق، بۇ يېزىق دەسلەپ قوبۇل قىلىنغاندا، ئەرەب ئېلىپبەسى بويىچە ئۆز ئەينى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا بار بەزى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت بولمىغاندا بۇ تاۋۇشلارنى يېقىن تاۋۇشلار بىلەن پەرقلەندۈرمەي يېزىپ خاتىرىلىگەن. بۇ قائىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش ئىدى. كونا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشىدىن تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە ئىسلاھ قىلىنغان بىر قانچە شەكىللىرىگىچە تەكشۈرۈپ كۆرسەك، بۇ يېزىقتىمۇ بىر ھەرپ بىلەن بىر قانچە تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋاللار بار، مەسىلەن ‹ك› ۋە ‹گ›، ‹ز› ۋە ‹ژ›، ‹ئو› ۋە ‹ئۆ›، ‹ئۇ› ۋە ‹ئۈ› قاتارلىق تاۋۇشلار بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلەندۈرۈلمەي بىرلا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا تۈركى تىللاردا بۇ تاۋۇشلار بىلەن كېلىدىغان سۆزلەرنىڭ ھەرقايسى لەھچىلەردە ئايرىمچە تەلەپپۇزلىرى كۆپەيگەن، بىر لەھچىدىكى سۆز تەركىبىدىكى ‹ك› تاۋۇشى يەنە بىر لەھچىدە بولسا ‹گ› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋەرگەن، بىراق ھەر قايسى لەھچىلەردە يېزىلغاندا بىر خىل يېزىلغان. كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىمۇ بىر دانە قوشما ھەرىپى بار ئىدى، ئۇ ‹ڭ› تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان ‹ن› ۋە ‹ك› ھەرپلەردىن بىرىكتۈرۈلگەن قوشما ھەرپ ئىدى. بۇ شەكىل قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن قالغان بولسا كېرەك، ئەرەب يېزىقى ئۆزلەشتۈرۈلگەندىمۇ، ئەرەب تىلىدا ‹ڭ› تاۋۇشى ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بىر بەلگە بولمىغاچقا، ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭغىمۇ ‹نك› شەكلىدە قىلىپ قوشما ھەرپ بەلگىلەپ قويۇپتىكەن. بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن قوشما ھەرپ بېرىپ قويۇشىدا، ھەقىقەتەن ئەرەب يېزىقىدىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ڭ› تاۋۇشىغا ماس كەلگۈدەك بىر بەلگە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ياكى بىر يېڭى ھەرپ ئىجاد قىلىشنىڭ ئورنىغا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يېزىلىشىغا ماسلاشتۇرۇپ قوشما ھەرپ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ‹ڭ› تاۋۇشىنىڭ قوشما ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىدا بىر قىسىم پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا ‹ڭ› تاۋۇشىنىڭ چاستوتىسى ئۆزبېك تىلىغا قارىغاندا كۆپرەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەردە ‹ڭ› دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، ئۆزبېك تىلىدا بولسا ‹ن› ۋە ‹گ› دىن ئىبارەت ئىككى تاۋۇشقا ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقى كۆپ قېتىملىق ئىسلاھ قىلىنىش داۋامىدا ھازىرقىدەك مۇكەممەل تۈسكە كىردى، بۇ يېزىق ھازىر ھەرقايسى ساھەلەردە ھاجەتلەردىن تولۇق چىقىپ كەلمەكتە. كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشمۇ كۆپ قۇلايلىقلارغا ئىگە بولدى. لاتىن يېزىقىدا ئىپادىلەش پەقەت چەتئەللىكلەرنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلىشى ئۈچۈن ئاز-تولا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشلا رولى قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا جەھەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا توردا ئالاقە قىلىش ئىشلىرىدا ئانچە-مۇنچە ئىشلىتىلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ تەرەپلىمىلىك قوللىنىشچانلىقى يوق. مەتبۇئاتلاردا بولسا تىل-يېزىق تەتقىقاتچىلىرى ئىشلەتكەندىن باشقا، ھەرقايسى كىتاب-ژۇرناللاردا لاتىنچە يېزىلغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك.
ULY بولامدۇ OTA بولامدۇ بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر نەرسە، پەقەت ناھايىتى ئازلا پەرقى بار، بۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئالاقزادە بولۇپ، ئايىقى چىقمايدىغان مۇنازىرىلەرنى قىلىۋېرىشنىڭ ھەقىقەتەن ھاجىتى يوق، بۇ ئىشلارمۇ ئۆزىلىرىنىڭ يوللىرىدا كېتىۋەرسۇن-دە، قىلىدىغان باشقا ئىشلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاغدەك دۈگىلىنىپ تۇرۇپتۇ. OTA توغرىسىدا بىر قىسىم تورداشلىرىمىز ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەن، ھەمدە ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇ. OTA ئەسلىدە 1920- يىللاردىلا شەكىللىنىشكە باشلانغان بولۇپ، بۇنى ئەڭ بۇرۇن تاتار زىيالىيلىرى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىكەن، سوۋېت ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللىي تەركىبلەرنى ئايرىپ مىللىي رايونلارغا بۆلۈش داۋامىدا تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق مەسىلىسىدە بىر قانچە قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركى تىللارنىڭ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبە ئىشلىتىشى قارارلاشتۇرۇلغان. شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئېلىپبە ‹ياڭى ئالىپبە› دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يېزىقنى ئۇيغۇرلار 1965- يىللاردىن كېيىن ‹ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى› نامىدا قوبۇل قىلىپ، 10 نەچچە يىلچە ئىشلىتىلدى. ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل ئىشلەتكەن بۇ يېزىق 1920- يىللاردىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركى خەلقلەر ئىشلەتكەن ‹ياڭى ئالىپبە› دىن پايدىلىنىلغان بولۇپ، بىر قىسىم قوبۇل قىلىنغان ياكى قوبۇل قىلىنىۋاتقان خەنزۇچە سۆزلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ‹zh› ، ‹ch› ، ‹sh› دىن ئىبارەت ئۈچ قوشما ھەرپلەر قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 تاۋۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جەمئىي تاق شەكىل ۋە قوشما شەكىللەردىن تەركىبلەنگەن ھەرپلەردىن بولۇپ 37 بەلگە قوللىنىلغان.
ھازىر كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىمۇ ھەم شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇرەككەپ يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى بىملال بىر تەرەپ قىلىپ كېتىپ بارىمىز. بىراق بىزنىڭ يەنىلا بىر قىسىم ساھەلەردە لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنى ئىپادىلىشىمىزگە توغرا كېلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ تىل-تەتقىقات خىزمىتىدە شۇنداق، تىل-تەتقىقات خىزمىتىدە دېگەندە، ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ۋاقىتلىق مۇڭداشقۇلاردا لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن مەقسەتنى ئىپادىلەش دېگەندەك ئالاقە شەكىللىرىدىلا لاتىنچە ھەرپلەردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، 2000- يىللاردىن كېيىن شەكىللەنگەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ULY نىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى بار، كەمچىلىكىمۇ بار، بۇ لايىھە ئومۇمەن ئىنتېرنېتتىكى قىسقا ۋاقىتلىق ئېلخەت ياكى مۇڭداشقۇلاردىكى ئالاقە ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن، رەسمى بىر يېزىق شەكلىدە قوللىنىش ياكى خاتىرە قالدۇرۇشتەك زور ۋەزىپىنى ئۆتەشكە ئاجىزلىق تەرەپلىرى بار. تېمىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان OTA مۇ ھەم شۇنداق، بۇنىڭدا قوشما ھەرپلەر قىسقارتىلىپ، بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي ئالاقە ۋاستىچىلىق يېزىقى بولالىشى ناتايىن، بۇمۇ پەقەتلا قوشۇمچە يېزىق ياكى تاۋۇشنى ئىپادىلىگۈچى بەلگە (ترانسكپىتسىيە، پىنيىن) شەكلىدە بىزلەرگە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ، بولۇپمۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ۋەسىقىلەرنى، مەڭگۈ تاشلارنى، داستانلارنى، يېزىق چۈشۈرۈلگەن يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئۇنىڭدىكى ئەسلى سۆزلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەپ يېزىپ، ھازىرقىلارنىڭ ئوقۇشى ۋە ئۆگۈنىشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش رولى بار. يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى يېزىقىمىزغا قوشۇمچە ياردەمچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ خالاس.
34 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان OTA ئېلىپبەسى 1991- يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىلوگىيە تەتقىقات ئېنىستىتۇتى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئارا دەۋرداش تۈرك ئېلېپبەسى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تۈرك لەھچىلىرى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان 34 ھەرپلىك ئورتاق ئېلىپبە لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، بۇ ئېلىپبەنى ئىشلىتىشنى قارار قىلىشقان. بۇ ئېلىپبە، تۈركىيە تۈركچىسىدە قوللىنىدىغان لاتىن ھەرپلىك ئېلىپبەنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلۈپ، ئېلىپبەگە «Ä ä»، «Ñ ñ»، «X x»، «Q q»، «W w» قاتارلىق ھەرپ-بەلگىلەر كېڭەيتىپ كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇ دېگەنلىك، ھازىرقى تۈرك ئېلىپبەسىگە يېڭىدىن ھەرپ قوشۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى تۈرك ئېلىپبەسى يەنىلا ئەسلىدىكى 29 ھەرپلىك ئېلىپبە بولۇپ قوللىنىدۇ، پەقەت چاغداش تۈركى تىللارنىڭ لاتىنچە ھەرپلىك ئېلىپبە ئىشلىتىش ياكى پايدىلىنىش داۋامىدا، تۈرك ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدا بولمىغان بەزى تاۋۇشلارغا قارىتا كېڭەيتىپ قوشۇلغان 5 تاۋۇشنى ئىپادىلىگۈچى بەش دانە بەلگە بىلەن قوشۇلۇپ، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى شەكلىدە، دۇنيادىكى بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئالاقە ئىشلىرىدا بەلگىلىك ياردەمدە بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.
ھازىر دۇنيادا 35 دەك تۈركى تىللىق مىللەت ۋە خەلق توپى بولۇپ، بۇلار ئۈچ چوڭ يېزىق سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، يەنى لاتىن يېزىق سىستېمىسى، سىلاۋىيان يېزىق سىستېمىسى، ئەرەب يېزىق سىستېمىسى. نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ئازەربايجان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر لاتىن يېزىق سىستېمىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەرەب يېزىق سىستېمىسىنى قوللىنىدىغان تۈركى خەلقلەردىن ش ئۇ ئا ر دا ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، تاتارلار، ئۆزبېكلەر بار، ئۇندىن باشقا ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، ئىراندىكى ئازەرىلەر ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەرقايسى قېرىنداش تۈركى خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، خەت ئالاقە قاتارلىقلارغا بەلگىلىك قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، شۇڭا 1991- يىلى 34 ھەرپلىك ‹ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى› ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ ئېلىپبە دۇنيادىكى نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان تۈركى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكى تاۋۇشلار تەتقىق قىلىنىپ سىتاتىستىكىلانغاندىن كېيىن 34 دانە تاۋۇشنىڭ ئاساسلىق تاۋۇشلار ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلۈپ، ھەر بىر تاۋۇشقا بىردىن بەلگە بېرىلىپ، ھازىرقى 34 ھەرپلىك ئېلىپبە تەشكىللەنگەن. بۇ 34 ھەرپ ھەرقايسى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۆز تىللىرىنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن يېزىشىغا ۋە خاتىرە قالدۇرۇشىغا يېتەرلىك بولغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بولماي كەلگەن بىر قىسىم تۈركى مىللەتلەر ياكى توپلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي يېزىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئاخىسكالار، گاگائۇزلار. مەملىكىتىمىزدە بولسا، سالار مىللىتى ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، 2008- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» ئاساسىدا تۈزۈلگەن «سالار تىلى ئېلىپبەسى» نى يولغا قويۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. 2007- يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» ئاساسىدىكى لاتىنچىلاشتۇرۇلغان قازاق لاتىن يېزىقىنى ئاخبارات يېزىقى نامىدا ئېلان قىلىپ، ھازىر قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەسلىدىكى سىلاۋىيان يېزىقى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان ‹تۈرك ئاكادېمىيىسى› دە قازاقىستاندا بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ‹ئاخبارات يېزىقى› نامىدا بىر قىسىم ساھەلەردە ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئېلىپبە ئاساسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدى دەپ قارالماقتا. يېقىنقى بىر ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا ئەسلىدىكى سىلاۋىيان يېزىقىنىڭ ئورنىنى لاتىن يېزىقى ئىگىلىشى مۇمكىن.
ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەر 1999- يىلى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلىنىپ، ISO/IEC 8859-9 دەپ بېكىتىلگەن. ISO 8859-9 نىڭ رەسمىي تەرتىپ نومۇرى ISO/IEC 8859-9:1999 بولۇپ، Latin-5 ياكى Turkish دەپ قىسقارتىپ ئاتالدى، ھەمدە خەلقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى تۈزگەن ISO/IEC 8859 ئۆلچىمى ئىچىدىكى سەككىز بىتلىق ھەرپ-بەلگىلەر توپلىمىدۇر. بۇندىن بۇرۇن، يەنى 1989- يىلى  ISO/IEC 8859-9:1989 نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاساسلىقى تۈركچە ۋە كۇردچە يېزىقلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن بولسا، 1999- يىلى يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەرپ-بەلگىلەر توپلىمى «تۈركچە ھەرپ-بەلگىلەر توپلىمى» دەپ ئاتىلىپ، مەزكۇر «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» دىكى 34 دانە ھەرپ-بەلگىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.
ئىنتېرنېتتا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلار كۈندىن كۈنگە كۆپ بولۇۋاتىدۇ، مەزمۇنلىشىۋاتىدۇ، ھەم سەرخىللىشىۋاتىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزىمىزدىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ كۆرۈپ چۈشىنەلىشى ئۈچۈن، مەلۇم ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، رايونىمىزدا بولسا ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاقلار، قىرغىزلار، تاتارلار، ئۆزبېكلەر كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ، بىراق قازاقىستاندىكى قازاق ياكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنى تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىشتە بەلگىلىك قېينىلىدۇ، شۇڭا، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنى سىلاۋىيانچە يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. ئەمدى، لاتىن يېزىق سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن، ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، ئازەرىلەر، تۈركلەر ۋە ئۇ يەرلەردە تىجارەت، ئوقۇش، تىرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شۇ يەرلەردە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلىشى ئۈچۈن لاتىنچە ھەرپلەرگە ئايلاندۇرۇپ ئۆقۇش ئىقتىدارى قىستۇرۇلغان. بۇ ئىقتىدارلار مېنىڭچە ئاۋۋال ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمەيدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىلغان دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ياخشى بىلىدىغان بىرسى ئۈچۈن بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىش بىھاجەت. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشتە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزگە قۇلايلىق يارىتىش ئەمەس، باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ياخشى بىلىدىغان يېزىقىدا كۆرسىتىپ بېرىپ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن.
قىززىق يېرى شۇكى، ئۆزىنىڭ يېزىقى بار بىر خەلق ئىنتېرنېتتا ئۆزىنىڭ يېزىقىدىكى مەزمۇنلارنى ناھايىتى ئوبدان ئوقۇپ تۇرۇۋېتىپ، بىكاردىن بىكارغىلا ئۇنى يەنە بىر يېزىققا ئايلاندۇرۇپ ئوقۇپ كەتسۇن. باشقىلار چۈشەنسۇن دېگەنلىك، باشقىلار ئەڭ قۇلايلىق دەپ قارايدىغان شەكىلدە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلسىلا بولدى. بۇ قۇلايلىقلارنى يېزىق تۈسىگە كىرگۈزۈۋېلىشقا، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يېزىقى دەپ قارىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسى بەك چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ، بەئەينى بىر كىشىنى ئۈلۈم سەھنىسىگە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئېسىلىدىغان شوئارلارغىلا ئوخشاش، كىشىنى چۆچىتىدۇ. تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ بۇنىڭ ULY غا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدىلا ئەمەس، ئۇلارنى تىلنى بۇزغۇچى، تىلغا ھۆرمەت قىلمىغۇچىلار قاتارىدا قامچىلاپتۇ. كەينىگە يېزىلغان ئىنكاسلاردىن بىلدىمكى، ئەسلىدە تېما ئىگىسى شۇ لاتىن يېزىقىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىنكى بىر قىسىم ھەرىپلەرنىڭ ULY بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، بۇنى ئۆلچەملىك ULY ئەمەسكەن دەپ ئاغرىنىپ قاپتۇ، ھەمدە بۇنى تىلنى بۇزغانلىق دەپ قاراپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە كېيىنكى ئىنكاسلاردا تېما ئىگىسىگە كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، تىلنى بۇزغانلىق ئەھۋالى يوق، پەقەت يېزىقنى باشقا بىر خىل شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقتىن ئىبارەتلا بىر كىچىك مەسىلە ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىنلا، تېما ئىگىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە مۇشۇنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، لاتىنچە ئايلاندۇرغۇچنىڭ نامىنى ULY دەپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش لازىمتى، بىراق ئۇنداق قىلماپتۇ دەپ قارايدىكەن. بىراق شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، تاكى ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن ياكى ئومۇملاشتى دېگەن بىر ئوقۇپ شەكىللىنىپ بولغىنى يوق. ULY ‹ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى› دېگەننىڭ قىسقارتىلمىسى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمى جەمئىيىتى بىرلىككە كەلتۈرگەن دەپ قارالغان ULY مۇ، ئۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆپ بولۇپ كەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇھاكىمە يېغىنى زالىدا بىر-بىرىگە تىل سېلىش، مۇش كۆتۈرۈشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر توردا پىكىر ئېلىش ۋە مۇنازىرە قىلىشقا چۈشۈپ قېلىپ، پەس كويغا چۈشكەن ئىدى. كېيىن، توردىمۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئاخىرى چىقماي، ئەڭ ئاخىرىدا قانداقتۇر بىر خىل شەكىلدە ئاۋاز بېرىپ تاللاش شەكلىگە قويۇلۇپ، ھازىرقى ULY شەكىللەنگەن، بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ سۆزلىسەك، ئىش بەك ئوچۇق بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى بولمايدۇ، بەزى ئىشلارنىڭ يېپىق پېتى تۇرغىنى تېخىمۇ ئەۋزەل. ئەگەر بۇ ئىشلارنى بىلمىسەك ئىدۇق ئەلۋەتتە بەك ياخشى بولغان بولار ئىدى. دەرۋەقە، شۇ ۋاقىتلاردا بىر مەھەل ‹ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى› دەپ ئاتالغان يېزىق، سەل كېيىنلا ULY دەپ ‹ئومۇملىشىپ› كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ توختاپ قالغىنى يوق، تاكى 2008- يىلىغا كەلگەندە تىلكوم بۇ توغرىسىدىكى پىكىرلەرگە ئاساسەن، قىزىل تامغا بېسىلغان ھۆججەت چۈشۈردى، بىراق بۇ ھۆججەتتە كۆرسىتىلگىنىمۇ ULY (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) دەپ ئاتالمىغان، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن ئېلىپبەنى تىلكوم يېزىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىقمىغان، ئېنىق قىلىپ بۇنى ‹ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھەسى› دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. بۇ دېگەنلىك شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى لاتىنچە ئىپادىلىمەكچى بولساڭ، مۇشۇ ئۆلچەمدە كۆرسىتىلگەن ئىپادىلەش لايىھەسى بويىچە ئىشلەتسەڭ بولىدۇ دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مەجبۇرىلاش خارەكتېرى يوق، ھەم قانۇنلۇق يېزىق دەيدىغان گەپمۇ يوق. شۇڭا، بۇ لايىھەنىمۇ ULY دېيىشكە بولمايدۇ، بىراق بىز بۇنىمۇ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن تولۇق ئاتىماي، ئۆزىمىزچە ئۇنىڭغا زىت تەبىر بېرىپ، ئۇنىڭغىمۇ ULY دەپ نام قويىۋالدۇق. دېمەك، دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىققان ‹ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى› مۇ ULY دەپ ئاتالمىغان، كېيىن تىلكوم ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەمۇ ULY دەپ ئاتالمىغان، پەقەت بۇنى بىز ئاتاشقا ئاسانلاشتۇرۇپ ULY دەپ ئاتاپ كەتكەن بولساق كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقى مەنادىكى ULY تېخى يوق دېگەنلىك. شۇڭا، بۇ ULY دېگەن قىسقارتىلما ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى لاتىنچە ئىپادىلەش شەكىللىرى ياكى لايىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي بىر ئاتالغۇسى بولۇپ قالغان. شۇڭا، بۇنىڭغا بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق.
بىزنىڭ قانۇنلۇق يېزىقىمىز پەقەتلا بىر بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى قوشۇمچە ترانسكپىتسىيە (پىنيىن) ياكى ۋاقىتلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىنلا ئىبارەت. ئۇ خىلدىكى مەۋھۇملاشقان يېزىقلارنى ياكى لايىھەلەرنى چوڭ قانۇنلاشتۇرۇۋېلىشنىڭ، مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ قانچىلىك زۆرۈرىيىتى بار. رايونىمىزدا لاتىنچە ئىشلىتىدىغانلار زادى قانچىلىك، پەقەت دۇكانلارنىڭ ئالدىغا ئېسىلىدىغان ۋىۋىسكا ياكى ماركىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا جەھەتلەردە كۆپ رولى يوق. ۋىۋىسكا ۋە ماركىغا لاتىنچە يېزىۋالىدىغانلار، بىر بولسا خەلقئالاشماقنىڭ كويىدا شۇنداق قىلدىمۇ ياكى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ؟ بۇنى ئۆزلىرى ياخشى بىلەر. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولغان يەردە ئىشلەتمەي، ئورنىغا باشقا شەكىلدىكى يېزىقلارنى قىستۇرۇشقا ئامراق بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا، ھەقىقەتەن بىر قىسىم خاتالىقلار يۈز بەردى، بۇ خاتالىقلارنى ياكى ئوخشىماسلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە توغرا ئىپادىلەش كېلىپ چىقتى. بۇنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى ئەلۋەتتە بار، بىراق بۇ بىرىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى يېزىق مەدەنىيىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنى توغرا ئىپادىلەشكە يېتەرلىك بولالايدىغان بىر شەكىلدە بولۇشى، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىخىدىن بۇيانقى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن يېڭى يېزىقى ياكى تەجرىبىلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى ئامال بار بىر تاۋۇشقا بىر بەلگە قويۇش پىرىنسىپى تەكىتلىنىدۇ، تىلشۇناسلارمۇ مەيلى خەلقئارا ترانسكپىتسىيەدىن پايدىلانسۇن ياكى باشقا يېزىق شەكىللىرىدىن (سىلاۋىيانچە، لاتىنچە) پايدىلانسۇن، كىتابلاردا ئومۇمەن بىر تاۋۇشنى بىر بەلگە بىلەن ئىپادىلىگەن، بۇرۇن بېسىلىپ چىققان تارىخى ئەسەرلەردىن قۇتادغۇبىلىك، تۈركى تىللار دىۋانى، ئوغۇزنامە قاتارلىق بىر قاتار كىتابلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قىسىملىرى پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىر تاۋۇشقا بىر بەلگە بېرىلگەن. ھەتتا، مەلۇم بىر تاۇۋشنىڭ قاتتىق ياكى ئىنچىكە، ئۇزۇن سوزۇق ياكى قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ۋارىيانتلىرىمۇ بىر بەلگە بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا، بۇلارنى توغرا ئوقۇماق ۋە تەلەپپۇزىنى چىقارماق ناھايىتى قولايلىق ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلىدەك تاۋۇشلار ئېنىق ئايرىلغان بىر تىل ئۈچۈن، تاق ھەرپ ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا باشقا تىللارغا ئوخشاش قوشما تاۋۇشلار بولغان بولسىتى، بۇلارنى ئىپادىلەشكە توغرا كېلىپ قوشما ھەرپ ئىشلىتىلسە بۇ باشقا مەسىلە، بىراق ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپبەگە ئېلىنغان پەقەت 32 دانە تاۋۇش بار، بۇ 32 تاۋۇشنى 32 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش ھازىرقى تېخنىكا ۋە سەۋىيە جەھەتتىن ھېچ مەسىلە ئەمەس. قېيىنلىق دەرىجىسىمۇ يوق دېيەرلىك، شارائىت بار تۇرۇپ، يەنە باھانە ئىزدەشنىڭ ئۆزى سەل ئارتۇقچىمۇ قانداق. ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىمۇ، بىر تاۋۇشقا بىر بەلگە قويۇش پىرىنسىپى قوللىنىلغان. ھەرپلەرنىڭ شەكلىدە ئوخشاشلىق بار بولسىمۇ، بىراق چېكىت ياكى سىزىق بىلەن يەنە بىرىدىن ئايرىپ چىقىلغان. بۇندىن 20 نەچچە يىللار ئاۋۋالقى ئۇيغۇر يېزىقىدا ‹ئو› ۋە ‹ئۆ›، ‹ئۇ› ۋە ‹ئۈ› ھەرپلىرى پەرقلەندۈرۈلمىگەندە بېسىلغان كىتابلارنى ئوقۇغاندا ھازىر بىر ئاز دۇدۇقلاشقا ئۇچرايمىز، كېيىن، بۇ تۆت تاۋۇشقا تۆت مۇستەقىل شەكىللىك بەلگە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئوقۇش-يېزىش ئىشلىرى، شەكىلداش سۆزلەرمۇ كۆپ ئازلاپ، مەتبۇئات كۆپ قۇلايلىشىپ كەتتى.
ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇش بەزىدە ياخشى بولغىنى بىلەن، بەزى جەھەتلەرگە ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەشدە، قوشما ھەرپ بىلەن يېزىش ۋە كىرگۈزۈشنى قۇلايلاشتۇرىمىز دەپ، بىر قانچە ئۈزۈك تاۋۇشنى قوشما ھەرپ قىلىپ قويۇش ئارقىلىق كومپيۇتېردا كىرگۈزۈش ئاسانلاشتۇرۇلدى دېيىلگىنى بىلەن، سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلۇپ تۈرلىنىدىغان بىر تىلغا نىسبەتەن، بۇ قوشما ھەرپلەر ھەقىقەتەن ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۆزلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇش ۋە يېزىشنى تەسلەشتۈرىدۇ، شەكىلداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش، ئىككى دانە قوشما ھەرپ ئىشلىتىلگەن ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ قاتار كېلىشى تۈپەيلى ياكى باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئارىلاش كەلگەندىكى تەكرارلىق ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىش دېگەندەك نۇرغۇن ئامىللارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەھقىقلەشكە توغرا كېلەتتى.
ئومۇمەن بۇ توغرىسىدا ئارتۇق سۆزلۈگۈم يوق، چۈنكى ھازىرقى يېزىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرساقلا بولدى، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى چوڭ زۆرۈرىيەت ئەمەس، پەقەت زۆرۈر ۋاقىتتا، زۆرۈر ساھەلەردىلا ۋاقىتلىق ئۆز رولىنىلا ئۆتۈيدىغان بىر خىل يېزىقتا ئىپادىلەش شەكىللىرى، شۇڭا، ئۇنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتلەردە زور چوڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى يوق. بۇ بەئەينى، ھازىرقى يېزىقىمىز ئائىلىمىزگە ئوخشاش بىزگە ھەر ۋاقىت ماكان بېغىشلىيالايدۇ. بىراق باشقا يېزىقلاردا ئىپادىلەش شەكىللىرى ۋە ئۇسۇللىرى بولسا ۋاقىتلىق ياتاقلارغا ئوخشايدۇ.
ھازىر ئۇيغۇرلاردا بۇ مەسىلىگە قىزىقىدىغان ياكى ئەھمىيەت بېرىدىغانلار كۆپ ئەمەس، نىسبەتكە ئايرىغاندىمۇ 1 پىرسەنتكىمۇ يەتمىسە كېرەك دەپ قارايمەن، چۈنكى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر مەسىلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېرچىلىق ۋە تورچىلىق ساھەسىدە خېلى كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسى ياساش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئىدى. بۇ مەسىلىمۇ 10 نەچچە يىل تەھلىل قىلىندى، مۇنازىرە قىلىندى، ئىشلەندى بىراق كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك بىرەر نەتىجە چىقمىدى. پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدە خەت نۇسخىسى ياسىيالايدىغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتمىسە كېرەك دەپ قارايمەن، شۇ ۋاقىتلاردا خەت نۇسخىسىنى ياساپ تورلاردا پىكىر بېرىشكە، مەسلىھەت بېرىشكە دەۋەت قىلىنغاندا، ھەر ۋاقىت ئاكتىپ پىكىر بېرىپ، تەكلىپ بېرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ 50 ئەتراپىدىن ئاشمايدۇ، كۆرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، ئىش قىلىدىغان، پىكىر بېرىدىغانلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى مۇشۇنچىلىك. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر سەللا كەتتۈرۈپ قويسىڭىز، يەنى خەت نۇسخىسىنى ياساش جەھەتتە ئازراقلا سەھۋەنلىك كۆرسىتىلسە، بىر قانچە كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ مىللەت نامىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، سىزنى يوق قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا، بۇ جەھەتلەردىمۇ نەچچە يىللاردىن بېرى كۆپ ئېھتىياتچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، كۆپ نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى تۈگۈنچىكىنى چىقىرىش دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشتىن تەستۇر. بىر نەچچە توننىلىق تۆمۈرنىڭ ئاستىدىن ئوت چىقىرىپ بۇ پلانتتىن ئۇ پىلانتقا چىقىرىش مۇمكىنكى، كومپيۇتېردىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بۇ 20 يىلدىن بۇيان تېخى تاماملانغىنى يوق. بۇ تېخنىكىدىكى مەسىلىمۇ، ياكى باشقا مەسىلىدىنمۇ بۇنىڭغا كېسىپلا بىر نېمە دېمەك تەس، مۇھىمۇ بۇ ئىشلارنى بىلىدىغانلار مېنىڭچە بەك كۆپ ئەمەس، ئاباي دېگەندەك خەت نۇسخىسىنى ياساشنى ياكى ئۇنى ئوبدان بىلىدىغانلارنىڭ سانى 10 غىمۇ يەتمەيدۇ دېگەندەك، بەلكىم بۇ ساندىنمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ، شۇنى چۈشىنىپ تۇرۇپ پىكىر-تەكلىپ بېرەلەيدىغانلار 100 ئەتراپىغىمۇ بارمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پۈتۈنلەي ‹مۇنازىرى› گە قاتناشقان ئاممىنىڭ بۇ توغرىسىدا كۆپ چۈشەنچىسى يوقلۇقىغا قارىماي، بۇ مەسىلىلەرنى مۇنازىرە ئارقىلىق ھەل قىلىش بەسى مۇشكۈللىكى چۈشىنىپ يېتىلمىگەن. ئەلقىسسە، بۇنى كېيىنكىلەر ھەل قىلالامدۇ يوق، بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرى يا چۈشىدۇ يا چۈشمەيدۇ.
مەنمۇ، ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېردىن قول ئۆزدۈم، ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ كىرىش سۆزىگە ئىشلىتىلگەن قول يازما خەت شەكلى كۆركەم بولغاچقا، بىر تورداشنىڭ تەكلىپى بىلەنلا، مەن بۇ خەت شەكلىنى كومپيۇتېر خەت نۇسخىسىغا ئايلاندۇرۇپ باقماقچى بولدۇم، 2-3 ئايدەك ئىشلەپ ئاخىرى بۇ قول يازما شەكلىدىكى خەت شەكلىنى كومپيۇتېر خەت نۇسخىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقىپ، ئۇنى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تورىغا يوللاپ قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر خەت نۇسخىسى ئىشلەشتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈم. چۈنكى، بىر ئادەم ياكى ئىككى ئادەم تەكلىپ بەرسىلا بىز جان دىلىمىز بىلەن ئىشلەيمىز، بىراق ياسايدىغانلار 1 ياكى 10 دىن ئاشمايدۇ، پىكىر بېرىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 دىن ئاشمايدۇ، بەزىدە شۇ 5-10 غىچە كىشى، ھەممە پۈتكەندىن كېيىن ياخشى بولسا خۇداغا شۈكۈركى، ئەگەر ئازراقلا يېزى بىرەرسىنىڭ كۆزىگە سىغماي قالسا، ياكى سەل چوڭ-كىچىك بولۇپ قالسا، كومپيۇتېرىدا بىر تەرەپ قىلالماي جىلى بولۇپ قالسا، كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ ئىشلىتەلمىگەن بولسا، بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى شۇ خەت نۇسخىسىنىڭ مەسىلىسى-دە، خەت نۇسخىسى بىلەن قوشۇلۇپ ياسىغۇچى چوڭ تاياقنى يېگىنى يېگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلەر مىللەت نامىدىنلا چۈشىدۇ، ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرگەندە، ياخشى ئىش قىلدىم دەپ ئاسىي كېتىشى تۇرغانلا گەپ. ئەگەر، بۇ تېمىدىكى بەزى سۆزلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىۋالمىغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ‹تىلنى بۇزىۋاتىدۇ› دېگەندەك ئاسىي بەتناملارغا قېلىشى مۇمكىن. ھەر ئىشنى بىلىپ قىلىشتىن سىرت، يەنە بىلىپ سۆزلەش كېرەك. بىلمەي تۇرۇپ سۆزلىگەندە، نۇرغۇنلىغان بىلمىگۈچىلەرگە باشقا بىر خىل ئۇقۇملارنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ-دە، بىر مەھەللىك ئوقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ماشىنىنىڭ چاقىدا يەل بولمىسا چاقتا يەل قالماپتۇ دەيلى، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى دەپ، ھەممىسىنى چۈچىتىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. باش ئاغرىسا بېشى ئاغرىپ قاپتۇ دەيلى، ئاغرىپ قاپتۇ دەپلا ئاخىرلاشتۇرمايلى، ئاغرىپ قاپتۇ دېسەك، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن جىسمى ئاغرىدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئانا تىلنى قوغدايمىز، راۋاجلاندۇرىمىز دەپ ئېغىزدا دېسەكلا ھېساب ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك، مۇشۇ مۇنازىرىنى باشلىغۇچى بولسۇن ياكى سۆز قىستۇرغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسىدە ئىملا خاتالىقلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەك، دۇنيادا ئىنسان 100 پىرسەنت ئىش قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قىلغان ئىشىمۇ 99 پىرسەنتتىن ئاشمايدۇ.
ھازىر بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، شۇنداق ئويلايمەنكى، بۇزۇلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان تىلىمىز، ھەقىقەتەن تېخىمۇ بۇزىلىۋېتىپتۇ. ھەتتاكى، تىل بۇزۇلۇشى ئېغىر بولماستىن، بۇنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش، پىكىر بېرىش، ئانالىز قىلىش تەپەككۈرلىرىمۇ بۇزۇلىۋېتىپتۇ. گەپ-سۆزلەرنى جايىدا قىلالماسلىق ياكى توغرا چۈشەندۈرەلمەسلىكمۇ تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە يازساق، سۆزلىسەك نەچچە كېچە-كۈندۈزمەي يېتىشمەيدۇ، تولا سۆزلىگەن بىلەن ئىش ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، مۇشۇنچىلىك سۆزلەي، بۇنىڭدىن ئارتۇقراقى ھەقىقەتەن ئارتۇق كېتىپ قالغۇدەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش