ياڭ شىڭمېن : ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تۇركىيەنىڭ ھەچقانداق مۇناسىۋىتى يوق
مەركىزىي مىللەتلەرئونۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى ياڭ شىڭمېن ( 杨圣敏 ) 16-چىسلا بېيجېڭدا مۇخبېرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلغاندا، تۇركىيەدىكى بەزىلەرنىڭ « بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش » دىگەن گېپىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، تارىخنى بىلمىگەنلىك، « تۇركىيەبىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقى بەك چوڭ، ھەم بەك يىراقتا، ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق »دىدى.
ياڭ پىروففىسورنىڭ قارىشىچە، تارىختا ئۇيغۇرمىللىتى شەكىللىنىش جەريانىدا، نۇرغۇن خەنزۇ مىللىتىنىڭ تەركىۋىنى قۇبول قىلغان.يۇقورقى گەپنى دىگەن تۇركېيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.
16-چىسلا ياڭ پىروففىسور بېيجىڭدە مۇخبېرلارنىڭ كۆللىكتىپ زىيارىتىنى قوبول قىلغاندا،بەزى مۇخبىرلارنىڭ تۇركىيەدىكى بەزىلەرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۇزبەرگەن « ئىيۇل »ۋەقەسىگە بولغان باياناتىغا قارىتا سۇئالىغا جاۋاپ بەردى..
ياڭ پىروففىسور « تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەنزۇ، توڭگانلار بىلەن بولغان مۇناسېۋىتىنى، تۇروكلەر بىلەن سېلىشتۇرسا« قايسىسى يېقىنلىقىنى بىلمەمدۇ ؟ »
ياڭ شىڭمېن مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى مىللەت ۋە جەمىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتېنىڭ پىروففىسورى ۋە قۇشۇمچە باشلىقى، جوڭگو مىللەتلەر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاساسلىقى مىللەتشۇناسلىق ۋە مىللەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 1984-يىلى شىنجاڭدا تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلغان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تەتقىق قېلىشتىكى ئىلىم نوپوزى.
ياڭ پىروففىسور ئۇيغۇر مىللىتى مىلادى 840-يىلى موڭغول يايلىقىدىن كەلگەن بىربۆلەك كىشىلەر ۋە شىنجاڭدىكى ئەسلى بار بولغان بېر بۆلەك كىشىلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن، ئۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدا نۇرغۇن خەنزۇلار بولغان، ئۇيغۇر مېللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا نۇرغۇن خەنزۇلارنى ئۆز تەركىۋىگە قوشۇۋالغانلىقىنى تەتقىق قىلغان.
ياڭ پىروففىسور « 1865-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بىر سانغۇن، شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى بېسىۋېلىپ جەنۇبى شىنجاڭنى ئىگەللەپ،يەتتە شەھەر دۆلىتى قورغان. ئەينى ۋاقىتتا تۇركىيەلىكلەر ئۇنى قوللاپ، مارشال ئۇنۋانى بەرگەن. بۇ كىشى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا قۇللىق تۇزىمنى يۇرگىزىپ، قۇل بازىرىنى ئەسلىگە ئەكىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى مىسېر، تۇركېيە، ھېندىستان قاتارلىق جايلارغا قول قېلىپ ساتقان. چىڭ ھۆكۇمتى قوشۇنى تېزلىكتە ئۇيغۇرلار بىلەن بېرلىشىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان » دىدى.
« ئەگەرتۇركىيە بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بار دىسەك، ئەنە شۇ مۇناسېۋەت بار »دىدى ياڭ پىروففىسور.
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/s/blog.60f25ed70102e5ox.html
تېلماچ: قادىر روزى دولان
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=14744