ياڭ شىڭمېن : ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن تۇركىيەنىڭ ھەچقاند ...
بۇ گەپچە بىز ئۇيغۇرلار تۈركمۇ ئەمەس،بۇ زىمىن ئەجداد زىمىنىمۇ ئەمەس بىز ئۇلارنى بۇزەك قىلىپ كىلىۋاپتىمىزدە.ئۇ پىرافۇسسسسسسۇر دەپ ئاتالغان قانداقتۇر ىستىداتلىق ئالىم ئۇنداقتا ئاددىيسى ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدىكى تارىخىنى ئەجىبا بىلمەمدىكىنا.جۇڭگۇنىڭ مەدىنىيەت ئامىلى شەرىقتىكى خۇاشىيا مەدىنىيتىدىن باشلانغان،ئەينى چاغدىكى زىمىن تىرتۇرىيەسى تىبەت بىلەن بۇ يەر قۇشۇلمايدىكەن.كىيىنكى مانجۇلارنىڭ سۇلالىسى بولغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ چىيەنلۇڭنىڭ پات پات غەربى شىمالدىكى چوڭ كىچىك خۇجىلار بىلەن ۋە غالدان بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم.
ئىشقىلىپ،بۇ پىرافىسۇر ئاتالغان ئاقنانچىنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇيغۇر بىلەن تۈرك ئىككى مىللەتنى بىر بىرىدىن ئايرىۋىتىش تەشنالىقى بار دەپلا چۈشەندىم،ھەم بۇ ماقالىسىنى ئىلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئىدىيەسىگە كىرگۈزۈپ تۇمۇر تۇتماقچى دەپمۇ قارىدىم.ئۇ ئالىم ئاقنانچى بەك چوڭ يەردىن چۈشۈپ قاپتۇ،ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتكە ساپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تەتقىق قىلىپ كەلسۇن.ھەم ھەقىقى كارامىتى بولسا ياماتو مىللىتىنىڭ خەنزۇ لار بىلەن قانداش ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ نۆۋەتتىكى ماجىرانى بىسىقتۇرۇشقا ئارلاشسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 10:17 PM