akida918 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 03:35 PM
سوغۇق بولسا تىخى قاخشايمىز .. ئىسىق بولسا تىخى ..ئەمدى ھ ...
ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن قىشتا تېمپىراتۇرىنىڭ يۇقۇرى بولىشى پۇتۇن جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بىرىۋاتقان ئومومىي يۈزلۈك ھادىسە. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ھەقاچان. قىشتا قار ياغمىسا بۇغداينىڭ ھوسۇلى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
يىزا قىشلاقلاردا كۆمۈر بولمىسا ئوتۇن كەڭرى، بولمىسا كىۋەز شادىسى ياكى مەدەك دىگەندەكلەرنى قالاۋىرىدۇ.
باشقا يۇرت قانداقكى بىلمىدىم، ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە يىزا قىشلاقلاردا كۆمۈر قالايدىغانلار كۆپ ئەمەس.
ئەمما ئويلاپ بىقىڭ، بۇغداي قەھەتچىلىكى بولسا نىمە ئىشلار بولۇپ كىتە.
شۇڭا ئۇنى اللە نىڭ نىممىتى دىگەندىن، ئاللانىڭ ئىرادىسى دىسەك توغرا بولامىكى، چۈنكى اللە بەندىلىرىگە ئاپەتنى نىممەت قىلىپ بەرمەيدۇ، بەلكى غەزەپ قىلىپ ياكى سىناش ئۈچۈن بىرىدۇ.