bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 02:12 PM
ھۆرمەتلىك بىلگەجان ئەپەندىم،
مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ ...
ھۆرمەتلىك بىلمخۇمار ئەپەندى،
ماختىغانلىقىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم. مەن ئۆزۈم بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى قوشۇمچە قىلسام ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئاز-تولا چوڭقۇرلۇشۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئويدا، ئالدىنقى ئىنكاسىمنى يوللىغان ئىدىم.
ئەمدى، پايدىلانغان ماتىرىياللىرىڭزغا كەلسەك، مەن يوللىغان 1-ئۇلانمىدا يەھۇدى دىنى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار ئىكەن، 2-ئۇلانمىدا سىز دىگەندەك يەھۇدىلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى تلغا ئىلىنىپتۇ. سىز 1-ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلانمىغان بولسىڭىزمۇ، ئوخشاش ئۇچۇرلار بار بولغاچقا، مەن شۇنداق ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەگەر سىز ئۇلانمىلارنى ئۆزىڭىزلا قوشۇپ قويغان بولسىڭىز، مەنمۇ خاتالىشىپ يۈرمەسكەنمەن.
مەن تىمىنى ھەرگىزمۇ بىر تەرجىمە ئەسەركەن دىيىش مەقستىدە ئەمەسمەن، مەن دىمەكچى بولغىنمنى ئوبدان ئىپادىلەپ بەرمەپتىمەن، پەقەت يەھۇدىلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئاشۇ بەتلەردىن تىپىلىدىغانلىقىدىن ئوقۇرمەنلەرگە خەۋەر بىرىش مەقسىتىدە ئىدىم. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئەقلىي سىلىشتۇرما ئىلىپ بىرىپ ياراتقان ئەمگىكىڭىزگە ئاپرىن ئېيتىمەن. شۇڭا سىزگە مەن ئادىل بولمىغان باھا بەرگەندەك تۇيۇلغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن كەمنە سەمىمىي كەچۈرۈم سوريمەن.
مەن يەھۇدىلارنىڭ ئەقىللىقلىقى ھەققىدىكى بەزى بايانلارغا قوشۇلمىغاندىن باشقا، ماقالىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمنى #107 -قەۋەتتە بايان قىلدىم. كۆرۈپ قارشى پىكىرىڭىز بولسا، كۆپرەك بىلىم بىرەرسىز.
- بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىشكە تەشنا، سىزگە ئوخشاش بىلمخۇمار بىر ئېنىڭىزدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-8 02:06 AM