مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

بىلىمخۇمار: يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

6

يازما

6

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84878
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
78
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
6 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-9-9
ئاخىرقى:
2015-9-29
ۋاقتى: 2013-2-7 01:28:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
togrulbek يوللىغان ۋاقتى  2013-2-6 10:24 PM
مەن بۇ ماقالىنى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە 5 قېتىم ئ ...

ئىلىم-پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش--- مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا گۈللىنىش يولى




توغرۇلبېك
ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى كىچىككىنە بىر تەرجىمىنى  قىسقارتىپ  مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم؛

مۇسۇلمانلار ۋە ئىلىم-پەن
----قايتا گۈللىنىش يولى

ئامىرىكا نىيۇيۇرىك شەھىرىدە چىقىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار مۇنبېرى كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 26 –كۈنىدىكى سانى تور بېتىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم.
مەنبە:
http://www.economist.com/news/in ... -islamic-world-road


2005-يىلى ئامىرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ يىغىندى سانى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان 17 دۆلەت ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئارتۇق.پۈتۈن دۇنيادا 1 مىلياردا 600 مىليۇن مۇسۇلمان بار،لېكىن مۇسۇلمانلاردىن ئارانلا ئىككى كىشى خېمىيە ، فىزىكا پېنى بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،تېخى بۇ ئىككىسى ئاللىبۇرۇنلا غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار، بۇلاردىن بىرسى ھازىرمۇ ھايات بولۇپ ئۇ خېمىيەشۇناس ئەخمەد ھەسەن زاۋائىل بولۇپ ھازىر ئامىرىكاكالىفورنىيە شېتاتى تەبىئىي پەنلىرى(تېخنىلوگىيە) ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىيلارغا قارايدىغان بولساق،نوپۇسى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ100دىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ،لېكىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن 79 نەپىرى بار .ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات توغرىسىدا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا سالغان مەبلىغى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 0.81% نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ،دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ.لېكىن ئامىرىكىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ،دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 2.9% نى ئىگەللەيدۇ،ئىسرائىلىيەنىڭ بولسا دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 4.4% تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ.
8-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ياۋرۇپا قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرنى باشتىن كەچۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ،ئىلىم -پەن تېخنىكىسى مۇسۇلمانلارنىڭ زىمىنىدا ھەممىلا جايدا قىزغىن تەرەققى قىلغان، ئابباس سالىھ ئىلىم ئۆگىنىشكە ناھايتى كۆپ پۇل سەرىپ قىلغان.11-ئەسىردە ئىبىن سىنا يازغان << مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ قانۇنىيەتلىرى>> نەچچە يۈز يىلغىچە ياۋرۇپادا تىببىي ئىلىم ئۆلچەملىك دەرسلىك ئوقۇتۇش كىتابى قىلىپ قوللىنىلغان. مىلادىي 9 -ئەسىردە مۇھەممەد خارازىمى يازغان << كىتاب ئەل جابىر>> دە ئالگېبىرا پېنىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ ،ھازىرقى ئالگېبېرا پېنى دىگەن پەن ئىسمى ئۇنىڭ يازغان كىتاب نامىدىن كەلگەن.
ئەل ھەسەن ئىبنى ئەل ھەزەم يۇرۇقلۇق ۋە ئوپتىكا ئىلىم پېنىگە ئاساس سالغۇچى، پارىس ئالىمى ئەبۇ رەيھان ئەل بىرۇنى يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنى ھېساپلاپ چىققان بولۇپ خاتالىق پەرقى ئارانلا 1 % بولغان.مۇسۇلمان ئالىملار قەدىمقى يۇنان(گىرىتسىيە)نەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا زور رول ئوينىغان بولۇپ،بىر نەچچە ئەسىردىن كېيىن دەل مۇشۇ مىراسلار ياۋرۇپا ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنى قوزغىغان.
ئىسلام دىنى ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىشنى پەيدا قىلغان،رامازان ئېيىنىڭ باشلىنىش كۈنىنى توغرا ھېساپلاپ چىقىش(يېڭى ئاينىڭ چىقىشىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ)ئاستىرونومىيە ئالىملىرىغا ئىلھام بولغان.بۇ قەدىمقى ئالىملارنىڭ  قەدىمقى مۇۋەپىقىيەتلىرىنى كىشلەر كۆرۈش-بىلىشكە  مۇۋەپپەق بولدى،نەچچە مىڭلىغان كىشلەر قاتار پايتەختى دوھا غا  بېرىپ ، 2013-يىل كۈزدە بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكچى: يەنى:     مىڭبىر كەشپىيات ( مىڭبىر كېچە دىگەن ئىسىمدىن ئۆرنەك ئېلىنغان).
تېخمۇ مۇھىمى –مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان ھەمدە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان. سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا 2009-يىلى قۇرۇلغان پادىشاھ ئابدۇللا پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى 20 مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق راسخود قا  ئېرىشكەن بولۇپ، ئامىرىكىدىكى باي ئۇنۋېرسىتېتلارمۇ بۇنىڭغا زۇقلانغان.چەتئەللىكلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقان، فىرانسىيە خېمىيە ئالىمى ،نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جىئېن رىچارد پەن باشلامچىسى بولۇپ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ‹‹يېڭى ئەزا ›› سەئۇدىي ئەرەبىستانى پەخىرلەنگەن ھالدا ئەنگىلىيە ئوكسىفورد ئۇنۋېرسىتېتى،كانبېرىج ئۇنۋېرسىتېتى ۋە لوندون ئىمپىرىيە تېخنولوگىيە(تەبىي پەنلەر)ئىنىستىتۇتى بىلەن پەن تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.خوشنا دۆلەت  قاتارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ پەن –تەتقىقات خىراجىتىنىڭ
  دا  ئىگەللىگەن نېسبېتىنى     0.8 % دىن زور مىقداردا ئاشۇرۇپ GDP
2.8% كە  كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،  يەنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بۇيىچە ھېساپلىغاندا سوممىسى ھەر يىلى 5 مىليارد ئامىرىكا دوللىرى بولىدۇ.   تۈركىيە  2005 -يىلىدىن2010-يىلىغىچە ھەر يىلى پەن تەتقىقات خىراجىتىنى ھەر يىلى 10%دىن ئاشۇرۇپ ماڭغان، 2010 –يىلىغا كەلگەندە تۈركىيەنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتى نۇرۋىگىيىنىڭ 2 ھەسسىىسىگە توغرا كەلگەن .
سېلىنغان مەبلەغنىڭ ناھايتى تېزلا ئۈنۈمى كۆرۈلگەن،  2000 –يىلىدىن 2009-يىلىغىچە تۈركىيىنىڭ ئىلىم-پەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى 5000 غىمۇ يەتمەسلىك ھالىتىدىن 22000 پارچىغا يەتكەن.
ئىراننىڭ سالغان مەبلىغى  نېسبەتەن سېلىشتۇرغاندە سەل ئازراق ،لېكىن ئىلمىي ماقالە سانى 1300 دىن 15000  غا  كۆتۈرۈلگەن. گەرچە سان سۇپەتكە ۋەكىللىك قىلمىسىمۇ،لېكىن ئىلمىي ماقالە سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
،نۇرغۇنلىغان پەن-تېخنىكا قەرەللىك ژورناللىرى (ئىسلام ئەللىرىدىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ) ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى بارغانسېرى كۆپ نەقىل ئالماقتا.
تومسون رىئوتىس ئىسىملىك بىر ئۇچۇر شېركىتىنىڭ 2011 – يىللىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا 1990-يىللارنىڭ بېشىدا نەشىرىيات سودىگەرلىرى مىسىر، ئىران،ئىئوردانىيە،سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە تۈركىيە( مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئىقتىسادىي ياخشىلىرى)ئىلمىي ماقالىلىرىدىن نەقىل ئېلىشى پۇتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمەيتى،2009-يىلىغا كەلگەندە ئۆرلەپ ئىككىدىن بىرىگە چىققان.ھەممىدىن بەك ئەتىۋارلىق ماتىماتىكا پېنى ساھەسىدە ئىران ھازىر دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ 1.7% كە يەتكەن. مىسىر ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانمۇ ياخشى ماڭغان بولۇپ 1% كە يەتكەن. تۈركىيە بىناكارلىك قۇرۇلۇش ساھەسىدە يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.

مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد مورسى(ئامىرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتىدە   سانائەت ماتىرياللىرى ئىلمىدە دوكتۇرلۇق دىپلومىغا ئېرىشكەن) ھۆكۈمەت پەن تەتقىقاتقا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدۇ دىگەن.
خۇلاسە:
مۇسۇلمان ئەللەر پەن تېخنىكا تەتقىقاتىدا ئىلگىرلىمەكتە.

تۈگىدى

0

تېما

40

يازما

41

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86409
يازما سانى:
40
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
194
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
30 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-23
ئاخىرقى:
2015-7-20
ۋاقتى: 2013-2-7 01:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 01:37 AM
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزگە  !  كۆڭلۈمدىكىنى دەپسىز !

ئاردا ۋە سەددىچىن ئىسىملىك بۇرادەرلەر

0

تېما

40

يازما

41

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86409
يازما سانى:
40
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
194
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
30 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-23
ئاخىرقى:
2015-7-20
ۋاقتى: 2013-2-7 01:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاردا ۋە سەددىچىن ئىسىملىك بۇرادەرلەر ئاللا سىلەردىن  رازى بولسۇن.
سىلەردەك توغرا ئەەقىدىلىك بىرقانچە قېرنداشلاردىن مەمنۇن بولدۇم.

0

تېما

40

يازما

41

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86409
يازما سانى:
40
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
194
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
30 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-23
ئاخىرقى:
2015-7-20
ۋاقتى: 2013-2-7 01:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاردا ۋە سەددىچىن ئىسىملىك بۇرادەرلەر ئاللا سىلەردىن  رازى بولسۇن.
سىلەردەك توغرا ئەقىدىلىك بىرقانچە قېرىنداشلاردىن مەمنۇن بولدۇم

1

تېما

158

يازما

159

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 38221
يازما سانى:
158
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3677
تۆھپە :
90
باھا :
112
توردا:
1708 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-4-20
ئاخىرقى:
2014-8-28
ۋاقتى: 2013-2-7 03:08:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئېسىل تېما ..،،،تىما يوللىغۇچىغا  رەخمەت ..........ساقلىۋالدىم

ئۆلۇم..،،،،،،،،،،..؟؟

88

تېما

951

يازما

1047

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90534
يازما سانى:
951
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10922
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2066 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-16
ۋاقتى: 2013-2-7 04:01:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار"! بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش، ئىسلام ئىتىقادىمىزنى، ۋە مىڭ يىللىق ئىلغار مىللى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش. دەل شۇندىلا مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. ئىتىقادىمىزنى چىڭ ساقلاپ قالغان ئاساستا باشقىلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنىڭ شاكىلىنى چۆرىۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا خىزمەت قىلدۇرساق بولىدۇ. لىكىن بىزنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ قۇرئان كۆرسەتكەن يول بىلەن ماڭالىساق ئەڭ بەخىتلىك ئىنسانلاردىن بولۇپ قۇدرەت تاپالايمىز. ئەمىلىيەتتە يەھۇدىلاردىكى بار ئىلغارلىق ئىسلام روھىتىدە نەچچە ھەسسىلەپ يۇقىرى بار. ئاردا قاتارلىق تورداشلار دىگەندەك بىز ئۆزىمىزگە پەلەستىندىكى دىنى قېرىنداشلىرىمىزنى رەھىمسىزلەرچە قىرىۋاتقان ۋەھشى يەھۇدىلارنى ئۈلگە قىلمىساقمۇ ئىسلامنى چۈشۈنۈپ ھەقىقى ئىسلام روھى بويىچە قۇرئان كەرىمنى ئاساس قىلىپ ماڭالىساق بەخىتلىك بولۇپ قۇدرەت تاپالايمىز"!.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
miskin1314 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

باھا خاتىرىسى

106

تېما

585

يازما

691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89938
يازما سانى:
585
نادىر تېما :
20
مۇنبەر پۇلى :
23759
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2594 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-12
ئاخىرقى:
2016-4-4
ۋاقتى: 2013-2-7 11:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن. بۇ تىمىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكى ئىككى تور بەتتىن تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن:
http://en.wikipedia.org/wiki/Jews
http://jewishmag.com/115mag/smartjews/smartjews.htm

بۇ يەردىكى گەپ، يەھۇدىلاردا بىلىمنى ئۇلۇغلاش، ئىلغار مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىش ئادەتكە ئايلانغان ۋە ئەنئەنىلىرىدە چىڭ تۇرغاچقا بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان.

گەرچە مەن ئامرىكىدا كۆرگەن يەھۇدىلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى ئوبدان بىلگەندىن باشقا، ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكىدىن ئالاھىدە پەخىرلىنىدىغانلىغىنى ھېس قىلمىدىم ھەم ئۇلار بەكمۇ يەھۇدى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئىلىپمۇ كەتمەيدىكەن، ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن بەزى دىننىي پائاليەتلەرگە قاتناشقىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بەكمۇ ئۆزىنى باشقا ئامرىكىلىقلاردىن پەرقلىق ھېس قىلىشمايدىكەن. ھەتتا مەن تونۇشىدىغان بىر نەچچە پىرافىسورمۇ، ئىسرئىليەدىكى يەھۇدىلارنىڭ رادىكال قاراشلىرىدىن سەسكىنىدىغانلىغىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن بۆلەك  ئاساسەن جۇدىزىمنىڭ باشقا پائاليەتلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. فېيىس بۇك (جۇڭگودىكى كىشىلەر تورى دىگەننىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولغان بىر ئاممىۋە ئالاقە تورى) تا بىر «رادىكال زىيانىزىم (ئىسرائىليە يەھۇدىلىرىنىڭ تۈپ قاراشلىرى) غا قارشى ئامرىكا يەھۇدىلىرى» دەيدىغان چوڭ گۇرۇپپا بولۇپ، ئۇلار ئىسرائىليە يەھۇدىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى ئىكەن. ئامرىكا يەھۇدىلىرى پۈتۈن يەھۇدىلارنىڭ ئاساسەن يېرىمىغا يىقىن نوپۇسىنى ئىگەللەيدىغان بولغاچقا، يەھۇدىلار ھازىر بەكرەك بىر مىللەت ئۇقۇمىدىن دىننىي ئۇقۇم ۋە مەدەنيەت ئۇقۇمىغا ئايلىنىشقا يۈزلىنۋاتىدۇ، دىسە خاتا كەتمەيدۇ.

بۇلارنىڭ گېنى ئىلغار بولغاچقا شۇنداق ئەقىللىق بولغان دىگەن قاراش ۋە ئاۋۇ 1954 يىلدىكى IQ سىنىقى نەتىجىس ئۇلارنىڭ تىگىدىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولالمايدۇ. ئۇلار ئىلغار مائارىپتا تەربىيەلەنگەن ۋە بىلىم ئىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرالىغانلىغى ئۈچۈن شۇنداق نەتىجىلەرنى قازانغان دىسە ئەقىلغا مۇۋاپىق. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ گېنىنى تەكشۈرۈپمۇ ھىچقانداق ئورتاق ئالاھىدىلىك بايقالمىغان يەردە، بۇ پۈتۈن بىر مىللەت كىشىلىرىنى ئەقىللىق ياكى دۆت دەپ ئايرىش بىر سەپسەتە، خالاس. ھەتتا، 1953-يىلى DNA نىڭ قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشىنى بايقاپ، ھازىرقى زامان ھاياتلىق-مىدىتسىنا پەنلىرىنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىغا ئاساس سالغان ئاتاقلىق گېنتىكشۇناس، مولىكۇلا بىئولوگىيە ئالىمى،  نوبىل فىزىئولوگىيە-مىدىتسىنا مۇكاپاتى ساھىپخانى، دوكتۇر جەيمىس ۋاتسون(James Watson) نىڭ تولۇق گېن تەرتىپنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇنىڭدا بەزىلەر تەرىپىدىن بىر قەدەر دۆت سانىلىدىغان ئافرىقا كىشىلىرىنىڭ گېن ئالاھىدىلكى بارلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا گېنغا ئارتىپ قويۇش بىر بىمەنىلىك.

0

تېما

6

يازما

6

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84878
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
78
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
6 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-9-9
ئاخىرقى:
2015-9-29
ۋاقتى: 2013-2-7 12:35:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 11:12 AM
ياخشى تىمىكەن. بۇ تىمىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندى ...

ئىنكاسىڭىزغا قوشۇلىمەن.
مەنمۇ ھېچقانداق بىر ماتىريالدا بىر مىللەتنىڭ ياكى بىرەر قەۋمنىڭ ئېرسىيەت گېنى باشقا قەۋملەرگە قارىغاندا ‹‹ ئەقىللىق گېنى ››ئارتۇق بولىدىكەن دىگەن تەتقىقات خۇلاسىسىنى كۆرمىدىم، 2000-يىلى ئېلان قىلىنغان ئىنسانلار گىن تىپىنى توردىن كۆردۈم، ئۇنىڭدا بىزنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ھىچ كەم گېنىمىز يوق.
لېكىن مەن كۆرگەن تىببىي-مېدىتسىنا ماتىرياللىرىدا مۇنداق بىر كۆز قاراش باركەن: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلغان ساغلاملىق توغرىسىدىكى بىر ماتىريالدا: ئاتا-ئانىسىدىكى يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت(شېكەر سىيىش كېسىلى،قان شېكىرى يۇقىرى كېسىلى)،يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش قاتارلىق ئامىللار ئاتا-ئانىسىدىن بالىسىغا تەخمىنەن 15% ئېرسىيەت قېلىشى مۇمكىن،دەپتۇ .ئېرسىيەت كېسەللىكلىرىنى بىر-بىرلەپ تەپسىلى سىتاتىستىكىسىنى مىسال قىلمايمەن،يۇقارقىسى مېنىڭ ھازىرچە ئېسىمدە قالغىنى.
مېنىڭچە بىلىمخۇمار ئاكىمىز ساغلام ئەر ،ساغلام ئايال بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولسا بۇ ئىككەيلەندىن تۇغۇلغان بالا ناھايتى ساغلام (زېھنىي ئۆتكۈر دىگەننى  ساغلام مېڭە دەپ  چۈشەنسەك بولىدۇ)بولىدۇ ،دىمەكچى، ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەقىللىق گېنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن دىگەن مەنا ئەمەس، ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر تۇغۇلغان. ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھسسلام بىلەن ھاۋا ئانىدىن تۆرەلگەن.
بىلىمخۇمار ئاكىمىز 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان ‹‹ ئۇيغۇر دۆت ئەمەس،ئەقىللىق ›› دىگەن تېمىسىدا ياپون ،يەھۇدىي ،ئېنگىلىز مىللەتلىرى ئوقۇغان دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى ۋە قىلىۋاتقان ئىنژىنىرلىق خىزمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ دىگەن.
مېنىڭچە بىلىمخۇمار ئاكىمىز ساغلام ئەر بىلەن ساغلام ئايال توي قىلىپ بالىلىق بولسا ،بۇلاردىن تۇغۇلغان بالىسى ناھايتى ساغلام(تەن ساپاسى،زېھنىي ئىقتىدارى قاتارلىق بوي -بەدەن،كۆز كۆرۈش قۇۋۋىتى،زېھنىي ئىقتىدارى،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى قاتارلىق مېدىتسىنا ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرى ئۆلچىمىدە ناھايتى ساغلام بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ،دىمەكچى، ھەرگىزمۇ گېنى ئەلا بولىدۇ دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ)بولىدۇ دىمەكچى.

0

تېما

22

يازما

22

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91248
يازما سانى:
22
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
280
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
76 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-6
ئاخىرقى:
2013-10-31
ۋاقتى: 2013-2-7 12:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاردا قاتارلىق تورداشلار ۇيەردە قەستەن  گەپنى بۇراۋاتامسىز ياكى كاللىڭىز سەل ئىشلىمەيدىغان ئادەممۇ سىز ؟ رادىكال مىجەەزىڭىزنى .ئۆزگەرتىڭ بۇ يەردە تولا مەمەدانلىق قىلماڭ ،،،، سىز تېمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ تولا ۋالاقلىماڭ ....ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا مۇسۇلماننى پەش قىلمىسىڭىزمۇ خۇدايىم بۇيرۇسا بىزمۇ مۇسۇلمان .،دىننى تەستەك قىلىپ چالۋاقىسىڭىز سىز نىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلقىڭىزنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ .... بەزى تورداشلار نەچچە چۈشەندۈرۈپتۇ بولمىسا ئىشقىلىپ سەل كاللىڭىزنىڭ قاپاق يېرى بادەك قىلىدۇ ،،،، كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ ! بۇ تېما ئىنتايىن چۈشىنىشلىككەن بولمىسا !  كىچىك بالىلاردەك گېپىڭىزدە چىڭ تۇرۋپ قەھرىمان بولىمەن دىمەي  ئەتراپلىق ئويلاپ بېقىڭ !  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
toyota + 100 توغرا دىدىڭىز ،، كالل.

باھا خاتىرىسى

0

تېما

22

يازما

22

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91248
يازما سانى:
22
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
280
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
76 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-6
ئاخىرقى:
2013-10-31
ۋاقتى: 2013-2-7 13:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپىر ساراڭلار خېلى باركەنغۇ !           كىم سېنى يەھۇدىينىڭ قىرغىن قىلىدىغان ئىشىنى دورا دېدى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-4 11:48 AM, Processed in 0.123039 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش