مەن بۇ ماقالىنى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە 5 قېتىم ئوقۇپ چىقتىم،ئۇيغۇر زىيالىلاردىن 5 ئادەمگە تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەردىم،پېرىنتېردا قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ 3 ئادەمگە ئوقۇپ بېقىڭ دەپ تەۋسىيە قىلىپ قولىغا بەردىم.
مەن ئالدى بىلەن بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، چۇڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن،سالامەت بولۇڭ.
مۇنبەرداشلارغا دەيدىغىنىم: ماقالىنى تەھلىل قىلايلى، ماقالە ئاپتۇرىغا ئالدىراقسانلىق قىلىپ قالايمىقان باھا بەرمەيلى. ئىنكاس ماقالە ئۈستىدە بولسۇن، ئادەمگە باھا بەرمەيلى،قالايمىغان سۇئال قويمايلى، ئاۋۋال ئۆزىمىز قانچىلىك ئادەم دەپ پىشانىمىزنى تۇتۇپ كۆرەيلى، بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ئادىمىيلىكى ،كىشلىك پەزىلىتى ،غۇرۇرى،دىني ئېتقادى قاتارلىق جەھەتلەردىن ياخشىلىقى ماقالىلىرىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ،
ئالدىراپ ئىنكاس يازغان بەزى مۇنبەرداشلار ئويلىنىپ ئوبدان ئوقۇپ گەپ قىلىڭلار،
مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنىنى ئىجات قىلدى دىگەن سۆزنى
بىلىمخۇمار ئاكىمىز بۇ ماقالىسىدا بەزى غەرپ تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە دەپ ئاپتۇغۇ؟ ، ھەرگىزمۇ مېنىڭ قارىشىمچە دىمەپتۇ، ماقالىنى ئوبدان كۆرۈڭ. بۇ ماقالىدا بىلىمخۇمار ئاكىمىز بىزنى
يەھۇدىيلارنى دورايلى دىمەپتۇ، ئۇلارنىڭ تېرىشچانلىقلىقىغا قاراپ كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ بىزمۇ تېرىشايلى دەپتۇ.
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇر تىلىغا قاچان تەرجىمە قىلىنغان، قانچىلىك ئادەم تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇپ چىقتى ؟ دىگىنى قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمە كىتابى تېخى 1986 –يىلى بېسېلىپ كىتاپخانىدا سېتىلغان، ئۇنى 10 مىليۇن ئۇيغۇرىمىزدىن تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇپ چىققانلار پۇتۇن مىللەت نىسبېتىدە قانچە پېرسەنتنى ئىگەللەيدۇ دىگىنى،مېنىڭچە : مەن بىلىدىغان كۇچار،شايار،باي، ئاقسۇ شەھىرى ،قەشقەر شەھىرى،قەشقەر يېڭىشەھەر، قەشقەر كونا شەھەر، ئاتۇش،قۇمۇل ،ئۈرۈمچىدىكى تۇغقان ياكى دوست –بۇرادەر ،خۇلۇم خوشنىلارنىڭ ئىچىدە گەرچە ناماز ئوقۇيدىغانلار خېلى كۆپ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇپ چىققانلار ناھايىتى ئاز، گەرچە ھەر بىر ئائىلىدە دىگۈدەك بىر ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرئان كىتاب بار بولسىمۇ بىر ئائىلىدىن تولۇق ئوقۇپ چىققانلار ئارانلا بىر ياكى ئىككى ( مەن بىلىدىغان يۇقارقى يۇرتلاردا ئۆزەم كۆرگەن ئەھۋال، باشقا ئۆيلەر بەلكىم بۇنىڭدىن ياخشى بولىشى مۇمكىن) ئادەم .
يۇقارقى ماقالىدىن يەھۇدىيلار توغرىسىدا ماڭا تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى مەن خاتىرەمگە تىزىپ چىقتىم: يەنى-
1. دىنىي كىتاپنى ئانا تىلىدا چۈشىنىپ ئوقۇش
2. يەھۇدىيلار مەجبۇرىي مائارىپنى پۇتۇن مىللەت بويىچە تۇزۈملەشتۈرگىلى،ئومۇملاشتۇرغىلى 1900 يىللار بولدى
3. يەھۇدىيلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ بىلىملىك بىر زىيالىي قىلىپ يىتىشتۇرۇپ چىقىش
4. دىنىي كىتاپنى ئاتا بالىغا ئۆگىتىش
5. ئاتا بالىغا ئانا تىلنى ئۆگىتىش
6. ئۆز تىلىدىن باشقا ئۆزى ياشاۋاتقان يەر-جايدىكى تىلنى بىلىش،يېزىق ،سۆز،ماتىماتىكا جەھەتتە شۇ جايدىكى باشقا مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرۇش
7. ئەڭ قىيىن كەسىپلەردە ئوقۇيدىغان،ئەڭ قىيىن ۋە پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپقىلى( مېنىڭچە سودىگەرچىلىك،بازار شۇناسلىق،ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە،بانكا،ئاكسىيە،پاي، دوختۇرلۇق،ئادۋۇكاتلىق،كىنو فىلىم ئىشلەش،ئاخبارات-نەشىرياتچىلىق......دىگەندەك) بولىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ ،ئالىي مەكتەپنى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانغىچە ئوقۇيدىغانلار كۆپ
8. زىيالىلار پەقەت زىيالىلار بىلەنلا توي قىلغان نەتىجىدە ئېرسىيەت گېنى تېخىمۇ ئەلالىشىپ تۇغۇلغان بالىلىرى تېخىمۇ ئەقىللىقلىشىپ كەتكەن
9. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر كۆپ يەنى 165 نەپەر
10. يەھۇدىيلارنىڭ زېھىن سىناشتا ئالغان نومىرى يۇقىرى
11. ئۆز بايرىمىنىڭ ئەتىۋارىنى ئۆزلىرى قىلىپ بايرىمىدا ئىشلىمەي دەم ئالىدۇ
12. ئۆزلۈك كىملىك خاسلىقىنى ساقلاش
13. ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش بايرىمى بار
14. ئوسمان ئىمپىرىيىسى يەھۇدىيلارغا باشپاناھگاھ جاي بېرىپ باراۋەر،ئادىل،كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلغان،ئىسلام دىنىنى يەھۇدىيلارغا مەجبۇررىي تاڭمىغان
15. ئىسرائىلىيە دۆلەت نوپۇسىنىڭ 25% نى ئىنژىنىرلار تەشكىل قىلىدۇ
16. ئەقىللىقلىرى ئاسمىلاتسىيە بولماي ساقلىنىپ قالغان
ماقالىدىكى مىللىتىمىزگە قارىتا خىتاپ –مۇراجەتلەردىن مەن خاتىرەمگە مۇنۇلارنى يېزىۋالدىم:
1.ئىچىمىزدىكى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىدىن مۇھىم بىرسى نوپۇسىمىز نېسبېتىدە يۇقىرى تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ ئازلىقىدا
2.ئۆيدە كىچىك كۈتۈپخانا قۇرۇش
3.باللىرىمىزغا ئۇيغۇر تىلى –ئانا تىل ئېلىپبەسىنى 3-4 ياشتىن باشلاپ ئۆگىتىش
4.ئويۇن-تاماشىغا سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كىتاب ئوقۇش،كەسپىمىزدە چۇڭقۇرلاشقا سەرىپ قىلىش ، كەسىپنى پۇختا ئىگەللەپ ئىش ئورنىمىزدا كەسىپ-خىزمەتتە بوزەك بولماسلىق.
مەن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ماقالىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى كىچىككىنە بىر تەرجىمىنى مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم؛
مۇسۇلمانلار ۋە ئىلىم-پەن
----قايتا گۈللىنىش يولى
ئامىرىكا نىيۇيۇرىك شەھىرىدە چىقىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار مۇنبېرى كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 26 –كۈنىدىكى سانى تور بېتىدىن پەقەت بىر ئابزاسنىلا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدىم.
مەنبە:
http://www.economist.com/news/in ... -islamic-world-road
2005-يىلى ئامىرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلارنىڭ يىغىندى سانى ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان 17 دۆلەت ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ ئارتۇق.پۈتۈن دۇنيادا 1 مىلياردا 600 مىليۇن مۇسۇلمان بار،لېكىن مۇسۇلمانلاردىن ئارانلا ئىككى كىشى خېمىيە ، فىزىكا پېنى بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،تېخى بۇ ئىككىسى ئاللىبۇرۇنلا غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار، بۇلاردىن بىرسى ھازىرمۇ ھايات بولۇپ ئۇ خېمىيەشۇناس ئەخمەد ھەسەن زاۋائىل بولۇپ ھازىر ئامىرىكاكالىفورنىيە شېتاتى تەبىئىي پەنلىرى(تېخنىلوگىيە) ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە يەھۇدىيلارغا قارايدىغان بولساق،نوپۇسى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ100دىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ،لېكىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن 79 نەپىرى بار .ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات توغرىسىدا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا سالغان مەبلىغى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 0.81% نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ،دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ.لېكىن ئامىرىكىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ،دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 2.9% نى ئىگەللەيدۇ،ئىسرائىلىيەنىڭ بولسا دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 4.4% تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا togrulbek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-6 10:42 PM