mastura5200 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 12:46 PM
مەن خىجىڭلىق بولغىنىم بىلەن لېكىن مەن ئوزيۇرتىم ...
سالام يۇرتدىشىم ، مۇنبەردىشىم !
يۇرتۇم خېجىڭ توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بىرەي ، قالغان ئومومى ئەھۋالىنى قىزىقىدىغانلار تۆۋەنكى ئادرىسقا كىرىپ كۈرەرسىلەر .............
خېجىڭ _______مۇڭغۇلچە « خوتۇنسۇمۇل» دىيىلىدۇ . « خوتۇن» سۆزى مۇڭغۇلچىدە « ئۇيغۇر » دىگەنلىك بۇلۇپ ، ئومومى نۇپۇسى 250 مىڭ ئەتراپىدا . مۇقىم نۇپۇس 187 مىڭ ، يەرلىك نۇپۇس 140 مىڭدىن ئاشىدۇ ، قالغىنى بىڭتۇەن نۇپۇس . يەرلىك نۇپۇس ئىچىدە ئۇيغۇرلار 50 مىڭ ( ئەپقاچتى پاراڭلاردا 60 -- 80 مىڭغىچە ) ، مۇڭغۇللار 30 مىڭ ، خەنلەر 60 مىڭ ئەتراپىدا .( يۇقىرىقىلار تەخمىنى سان ) . يەر كۆلىمى 39 مىڭ چاسا كىلومىتىردىن ئاشىدۇ . كان ، يايلاق ، سۇ بايلىقى بەك مول . داڭلىق جايلىرىدىن : كۈنەس ئورمان ، بايىنبۇلاق يايلىقى ، ئالتۇن بۇتخانا ، تاش ئورمان ، سانائەت رايۇنى ، ساغان ئۇسۇ سۇ ئىلىكتىر ئىستانسىسى ، خېجىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىۋى ( ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى بايىنغۇلىن ئوبلاستى بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ، دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دىگۈدەك كىلىپ ئۇقۇيدىغانلار بار .) .....................قاتارلىقلار بار .
دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بۇ جايدا ئۆزگىچە بىر خىل پىسخىكا شەكىللەندۈرگەن . ئومومەن يۇرتۋازلىق قىلىش ئېغىر ئېلىنىدۇ .
تەپسىلاتىنى كۈرەي دىسىڭىز بۇ يەرگە مەرھەمەت !
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=11098