بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 05:55 PM
مارشال:
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ‹‹ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇ ...
بۇ ھەقتە مەنمۇ بىلگىنىمنى دەپ باقسام...
مىسرانىم مۇنبىرىدە جامائەت پىكرى ئارقىلىق ھەل بولغان مەسىللەرمۇ ئاز ئەمەس.
بۇ ھەقتە مەن تورغا چىققاندا ھەمدە ئۆزۈم تەستىقلىغان بەزى تېمىلارنىڭ ئۇچۇرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بىلگەن ئىدىم.
1.پىچان ناھىيلىك مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ شۇ ناھىيدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا 2011-2012يىللىق تۇلۇقلىما پۇلىنى بەرمەسلىك ئىشى مىسرانىم مۇنبىرىدە قاتتىق بەس مۇنازىرە قوزغاپ،ئۇ ئىشلار ۋاقتىدا ھەل بولدى،بۇ ھەقتە ماڭا پىچان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر رەھبىرى ماڭا تېلفۇندا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزدى.
2.‹‹ئاقسۇدىكى بىر دېھقاننىڭ ئەرزى››دېگەن تېما باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىندى،ھەپتە ئۆتۈپ مەن ئۇ تېمىنى ئۆزۈم بىۋاستە مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بەس-مۇنازىرە سەھىپىسگە يوللاپ قويدۇم،بەش كۈن ئىچىدە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشتى ھەمدە ياخشى ئىنكاسلار چۈشۈپ،باغداشقا يانداشقا ئاساستا جەمىيەتتە خېلى ياخشى تەسىرلەرنى كۆرسەتتى،گەرچە،ئۇ تېما ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ...
3.‹‹كۇچا مائارىپىدىكى ناھەقچىلىك قاچان تۈگەر؟››دېگەن مىسرانىم بىلەن باغداشتا تەڭلا ئېلان قىلىندى،لېكىن،ئۇ تېما چىقىپ تېگىدىغان ئوق شۇ يەردە ئىسمى زىكرى قىلىنغان كىشىلەرگە تەگگەن بولسا كېرەك،تېما ئېگىسى تېمىنى ئۆچۈرۋىتىشنى تەلەپ قىلدى.مەن تۇرغۇزۇش ،تېخىمۇ كۆپ پىكىر توپلاش توغۇرسىدا ئىجابىي پىكىر بەرسەم،تېما ئېگىسى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۆچۈرۋىتىشنى تەلەپ قىلدى،ئاڭلىسام،ئۇ ناھەقچىلىك ئىشلار ئازراق ئازلىغاندەك تۇرىدۇ.مەن تېما ئېگىسىنىڭ تەلىپىنى راۋا كۆرۈپ،باغداش ئەپەندىگە دەپ ئۇ تېمىنى ئۆچۈرۋاتتىم،مىسرانىمدىمۇ ئۆچۈرۋاتتىم.گەرچە،بۇ ئىشلار تۈزەلمىسىمۇ،يەنىلا ئوڭشاش ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە تەييارمەن.
.................
دېسەم گەپلەر ئاۋۇپ كېتىشى مۇمكىن،سىز دېۋاتقان تېما مەزكۇر مۇنبەردە يوللانغان چاغدا،پېقىر تورغا چىقمىغان ۋاقىت ئوخشايدۇ.ئۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاشتا چوقۇم باشقا تورداش كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ.ئۆز ئېگىسى باشقا مۇنبەردىكى ئىسمى قانداق بولسا،شۇ ئىسىمدا بۇ مۇنبەرگىمۇ شۇنداق يوللىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا،قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش،دۆلىتىمىز بىز پۇقرالارغا بەرگەن تور ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش ئىشىنى باشلاش كېرەك.بىز قانۇننى دەستەك قىلىپ،دۆلىتىمىزنىڭ تور قانۇنىغا رىئايە قىلدىغان ئىشنى قىلساقلا،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ دەپ قارايمەن.ئۇنداق ئىشلارنى تۈزەشتە ھەممە مۇنبەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايمەن.
نارازىلىق تېمىلارغا بولغان چۈشەنچەمدە مەنچە مۇنداق ئۈچ شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك:
1.تېما ئېگىسى باشقا مۇنبەردە قانداق ئىسىمدا كىرىپ تېما يوللىغان بولسا،باشقا مۇنبەرگە ئۇ تېمىنى چىقىرىش توغرا كەلسە،چوقۇم ئوخشاش ئىسىمدا كىرىشى كېرەك.
2.تېما ئېگىسى بىر مۇنبەردىكى تېما بىلەن قېلىپ،باشقا مۇنبەرگە يوللىغان تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرمىسا تەسىرى ياخشى بولمايدۇ.تېمىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن چوقۇم تېما ئېگىسى ھەممە مۇنبەرگە يوللىغان تېمىلىرى ھەققىدە توردىكى ئاۋام خەلق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.
3.تورداشلارنىڭ قانۇنىي ئېڭى يوقۇرى بولسا،دۆلىتىمىزنىڭ تور قانۇنىغا رىئايە قىلىپ،ساغلام تور مۇھىتى يارالسا،پىتنە-پاسات،غەيۋەت-شىكايەتتىن يىراق تۇرۇپ،نارازىلىق تېمىدىكى بىزگە مەنسۇپ بولغان زۆرۈر مەۋقەلەر بولسا پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق،ئاللاھ خالىسا مۇنبەر باشقۇرۇش كوللىگىيىسى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،مۇنبەرنىڭ دېمكۇراتلىيەلىشىش،جامائەت پىكرى ئارقىلىق جەمىيەتتىكى ناتوغرا،سەلبىي ،نارازىلىق بولۇۋاتقان ئىشلارنى تۈزەشكە كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە كۈچ چىقىرىمىز.