18099736949 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 10:54 PM
ئىنكاسلار بەكلا تىتىملىققۇ
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا ئانا تىل بايرىمى كۈنى زىياپتىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى ‹ئەگەر بىز ئانا تىلىمىزنى يوقاپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرىسەك ۋە ئۈمىت قىلساق چوقۇم يوقاپ كىتىدۇ، ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ،يوقاپ كەتسە قەتئى بولمايدۇ،نىمىشقا يوقاپ كەتكۈدەك دىسەك ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ›دىگەنىدى.خۇددى مۇشىنىڭغا ئوخشاش بۇ ماقالىدىكى كۆرسەتمىلەرنى ئۈنۈمى بولمايدۇ دەپ قارىساق چوقۇم ئۈنۈمى بولمايدۇ،مۇشۇ ويىچە ئىجرا قىلالىساق چۇقۇم ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارىساق ھەم ھەقىقەتەن شۇنداق قىلساق مۇقەررەر ئۈنۈمى بولىدۇ. گەپ ئىشىنىش -ئىشەنمەسلىكتە ،قانچە پڭرسەن ئىشىنىشتە، ئىشەنگەننى قانچىلىك دەرىجىدە توغرا،قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىجرا قىلىشتا.بۇ ‹مەخپىيەتلىك ›فىلىمىدىكى تارتىش قانۇنىيىتى پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن.بۇ ئەسلى بىر قىتىملىق ئىسىل لىكسىيىنىڭ مەزمۇنى ئىدى،مەن پەقەت مىغىزىنىلا يوللۇدۇم،سىزدەك پاراسەتلىك دوستىمىزنىڭ ۋە باشقا تورداشلىرىمىزنىڭ ماقالىىدىكى مەزمۇنلارنى ئىمكانقەدەر توغرا ،چۇڭقۇر چۈشۈنىپ ،ئۆز ئەمىلىيىتدە كۆپرەك ئىجرا قىلىپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولىشغا ئاساس سالالايدىغانلىغىغا،نىكاھ پاجىئەلىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدىغانلىغىغا ،شۇنداقلا ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئاكتىپ ھەمبەھىرلىنىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن ھەم شۇ ئۈمىتتىمەن.