مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: saghlam

ئەر-ئاياللار چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ ئىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 407
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 12:57:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atilla يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:28 PM
ياخشى ئوتۇشنىڭ ئەڭ ئۇنۇملۇك ئۇسۇلى مۇنداق:
  1. خوتۇننىڭ ...

مىنىڭچە بۇ  ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇلكەن،بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يول تۇتقاندا ئاياللارنىڭ  تۈنجى چوڭ ئىھتىياجى بولغان بىخەتەرلىك ئىھتىياجىنى خىلىلا ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ،چۈنكى ئايال كىشى ئىرىنىڭ ھەر بىر قىتىملىق ئۈزىگە يول قويۇشىدىن  قەدىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ،ۋە مىنى ئىرىم ياخشى كۆرىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ ،شۇنداق قىلىپ ئۆز تۇرمۇشىدا يىتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغىسىغا ئىگە بولىدۇ.
ئايالىغا يول قۇيۇش ئايالىنى ياكى ئىككەيلەننىڭ ئۆزئارا مۇھەببىتىنى  يوقۇتۇپ قۇتۇشتىن ۋە ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەشتەك كىرزىس تۇيغىسىدىنمۇ دىرەك بىرىدۇ،كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ يوق بولىشى دەل ئەڭ زور كىرزىسنىڭ ئۆزى شۇ،كىرزىسنى ھىس قىلىپ يىتەلىگەن ئادەم سىزدەك يول قويۇشنى ۋە قەدىرلەشنى بىلىدۇ، ھەر قىتىملىق توقۇنۇشتا تەدبىر قوللۇنۇپ  (مەسىلەن ئايالىغا يول قويۇپ دىگەندەك ) زىدىيەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ‹ھىسيات بانكىسى›دىكى ئامانىتىنى كۆپەيتىدۇ، ئايالى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ،كىرزىس تۇيغىسى يوق  بولسا قەدىرلەشتىن ئەسلا ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ،بۇنداق ئادەملەر ھەمىشە بىپەرۋا يۈرىۋىرىپ زىدىيەتنى باسۇرۇپ قويۇپ ياكى توغرا بىر تەرەپ قىلماي ‹ھىسيات بانكىسى›دىكى ئامانىتىنى كۈنسىرى ئازايتىۋىتىدۇ،ھىسيات ئاساسىمۇ بارغانسىرى ئاجىزلايدۇ،ئاقىۋىتىمۇ ياخشى بولمايدۇ.
ئىشىنىمەنكى سىزدەك پاراسەتلىك ئادەم  كۆپىنچە ئىشلاردا ئايالىڭىزغا يول قۇيۇشتىن باشقا ،چوڭ مۇھىم مەسىلىلەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى بويىچە ھىسياتنى ياكى توغرا-خاتا دىگەننى ئويلاشماستىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىنى نۇختىلىق ئويلىشىسىز ۋە ماس ھالدا  تەدبىر قوللۇنىسىز، سىز،ئۆزۈم ۋە ھەممەيلەن مۇشۇنداق قىلىشىقا ئىزچىل تىرىشايلى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش