ياخشى كۆرۈش ۋە مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ بەش خىل شەكلى
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە،ياخشى كۆرۈش ۋە مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ بەش خىل شەكلى بارئىكەن.ھەر بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدىكى بەش خىل شەكىلنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە تەرتىۋى ئوخشىمايدىكەن.
بۇ بەش خىل شەكىل تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ماختاش 2.سوۋغا تەقدىم قىلىش 3.مۇلازىمەت قىلىش ،مەسىلەن چارچاپ
كەتتىم دىسە گەجگىسىنى ئۇۋۇلاپ قويۇش دىگەندەك 4.بەدەننىڭ ئۇچرىشىشى،مەسىلەن قىچىغلاش،قۇچاغلاش،قول تۇتۇشۇش،ئەركىلىتىش،جىما دىگەندەك 5.ۋاقىت چىقىرىپ بىرگەبولۇش.
ئادەم ئۆزىنىڭ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،جۆرىسىنىڭ،پەرزەنتى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ،دوست بۇرادەرلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ قايسى شەكىلنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەندە ۋە مۇھەببىتىنى شۇ بۇيىچە
ئىپادىلىگەندە ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدىكەن،ئەكسىچە ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئىپادىلىگەندە كۆپلەپ زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن،ئېغىرلاشقاندا،ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى،ھەتتا نىكاھنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن،ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكلى تۈپتىن قارمۇ-قارشى بولغاندا زىددىيەت ئەڭ كەسكىنلىشىدىكەن،بۇ چاغدا ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى ئورۇندا تۇرىدىغان شەكىل بىلەن ئىمكانقەدەر ياخشىراق تولۇقلاشقا توغرا كىلىدىكەن.
مەن تۆت يىرىم ياشقا كىرگەن قىزىمدىن سىز قايسى
شەكىلنى ياخشى كۆرىسىز دەپ سورىسام،ئەڭ ئاۋال سوۋغا تەقدىم قىلىش، ئاندىن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ماختاش،ۋاقىت چىقىرىپ بىرگەبولۇش،مۇلازىمەت قىلىش،قىچىغلىشىڭنى(بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىل) ئەڭ ياختۇرمايمەن دەيدۇ،سوۋغا تەقدىم قىلىپ بولۇپ ،قىچىغلىسامچۇ دىسەم ،يەنىلا بولمايدۇ دەيدۇ.
سىز بۇ ھەقتە ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟ئاتا-ئانىڭىز ،
جۆرىڭىز ۋە پەرزەنتلىرىڭىزدىن بۇ سۇئالنى سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ئۇلار سىزدىنچۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 08:30 PM