مەرىپەتچىلىك دىگەن نېمە ؟
كانت (گېرمانىيە) مەمتىمىن ئوبۇل تەرجىمىسى مەرىپەتچىلىك بولسا كىشىلەر ئۆزى ئۆزىگە ئارتىۋالغان ساددا ھالەتتىن قول ئۈزۈش دېمەكتۇر . ساددىلىق دېگىنىمىز ،باشقىلارنىڭ يىتەكلەپ يول كۆرسىتىشى بولمىسا ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئىشلىتەلمەيدىغان ناقابىللىقنى كۆرسىتىدۇ . بۇنداق ساددىلىق ئەقىلنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبلىك ئەمەس ، بەلكى باشقا بىراۋنىڭ يول باشلىشىسىز شۇ ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان جۈرئەت ۋە قەتئىيلىكنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغاندا ، مانا شۇچاغدا كىشىلەر بۇ خىلدىكى ساددىلىقنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . « بىلىشكەجۈرئەت قىل ! » ، « ئۆزۈڭنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان