ۋاقىتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى
مۇتەللىپ ئىقبال لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياشىغان 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا ۋاقىتنى مىنۇتلارغىچە بۆلۈپ ھېسابلاش چۈشەنچىسى كىرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت ”يىللارنىڭلا ئۆمۈرنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى“ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە شېئىرىدا يىللارغا كۆپ يەردە خىتاب قىلغان. ئەمما، ئو يەنە ”ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ“ دېگەن مسىرالارنىمۇ يازغان. مېنىڭچە ، پەقەت شائىرنىڭ ئۆزىلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرگە بولغان قايغۇرۇش ھېسسىياتىنى ھەركۈنى ئاتقان تاڭلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. مېنىڭچە ، شائىرنىڭ باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ۋاقىتقا بولغان