ۋاقىتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى

 

 

مۇتەللىپ ئىقبال

 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياشىغان 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا ۋاقىتنى مىنۇتلارغىچە بۆلۈپ ھېسابلاش چۈشەنچىسى كىرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت ”يىللارنىڭلا ئۆمۈرنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىسى“ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە شېئىرىدا يىللارغا كۆپ يەردە خىتاب قىلغان. ئەمما، ئو يەنە ”ئاتقان تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ“ دېگەن مسىرالارنىمۇ يازغان. مېنىڭچە ، پەقەت شائىرنىڭ ئۆزىلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلەرگە بولغان قايغۇرۇش ھېسسىياتىنى ھەركۈنى ئاتقان تاڭلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. مېنىڭچە ، شائىرنىڭ باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىسى خىلى چوڭقۇر ئىدى. ئەمەلىيەتتە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرى ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى ۋاقىت چۈشەنچىسى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان ۋاقىتلىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، زامانىۋى دەۋردە ۋاقىت قايتىلانمايدىغان ئوبېيكت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، ھازىرقى زاماندىكى ۋاقىت چۈشەنچىسى قانداق كېلىپ چىققان؟

ياۋروپانىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە سانەئەتلىشىشىگە ئەگىشىپ ھازىرقى زاماندىكى ۋاقىت چۈشەنچىسى غايەت زور دەرىجىدە كېڭىيىشىگە ۋە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. چۈنكى، كاپىتالىستلار ئىشچىلارنىڭ ئىشلەش ۋاقتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە ئىشچىلارمۇ زاۋۇت ۋە كارخانىلارنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى بۇيىچە خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى زامان دۆلەت سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇش شەكلىمۇ ۋاقىتنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ۋاقىت ئېڭىنىڭ بەرپا بولۇشىنى تەقەززا قىلاتتى.

ئۇنداقتا سانائەتلىشىشتىن بۇرۇن ۋاقتىنى ھېسابلاش چۈشەنچىسى ۋە ئەمەلىيىتى يوقمىدى؟ ياۋروپادا سانائەتلىشىش ئىشقا ئېشىشتىن ۋە زامانىۋى دۆلەت سىستېمىسى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى كىشىلەردە ناھايىتى ئاجىز شەكىلدىكى ۋاقىت چۈشەنچىسى مەۋجۇت ئىدى. 13-ئەسىرلەردىن كىيىن ياۋروپادا چېركاۋلار كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىتنى ئۆلچەشكە ۋە ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئەسۋاپقا ئېھتىياجلىق بولغان ئىدى. چېركاۋنىڭ ۋاقىتنى ئالاھىدە ئۆلچەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە دىنىي ئىبادەتلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىلدىكى سائەت ئىجاد قىلىنغان ۋە كىشىلەر سائەتنى بىرلىك قىلىپلا ۋاقىت ئۆلچەيتتى.

بىز ئىنسانلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆلچەش تارىخنى يەنە بىر قەدەم ئارقىغا ۋاراقلىساق، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان جەمئىيەتلەردە ۋاقىت قانداق ئۆلچىنەتتى؟ دېگەن سوئالغا دۇچ كىلىمىز. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يېزا ئىگىلىكىگە ئوخشاش تەبىئەت بىلەن بىۋاسىتە ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىگىلىك شەكىللىرىدە كىشىلەر ئۆزلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلغان تەبىئەت ھادىسىلىرى ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆلچەيتتى. مەسىلەن، قەدىمكى مىسىرلىقلار نىل دەرياسىغا كېلىدىغان كەلكۈن ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆلچىگەن. يۇلتۇزلار ۋە ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن ۋاقىت ئۆلچەش ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرگە نىسبەتەن ئورتاق بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىگە تەسىر قىلغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆلچەشكە ۋە ئۆلچەنگەن ۋاقىت بويىچە ھايات كەچۈرۈشكە ئادەتلەنگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئاستىرونومىيەلىك بىلىمىگە ئاساسەن نۇرۇز بايرىمىنى ئىجاد قىلغان. نورۇز بايرىمى ئەمەلىيەتتە ۋاقىت ئۆلچەشتىكى ئىنچىكىلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە ۋاقىتنىڭ يىل ۋە ئايلارنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بىراق، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر مۇرەككەپلەشكەن زامانىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەر ۋاقىتنى ئېنىق ۋە توغرا شەكىلدە ئۆلچىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، زامانىۋى جەمئىيەت ئۈنۈم ۋە نەتىجىنى ئاساس قىلىدىغان زىھنىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. زامانىۋى جەمئىيەت يەنە ھەممە نەرسىنى ئەقىلنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىلگىلى ۋە باشقۇرغىلى بولىدىغان زىھنىيەتنى يېتەكچى قىلغان بولغاچقا، شەخسمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى يىل، ئاي، كۈن ۋە سائەتلەرنى باشقۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ ئەندىزىسىگە ماسلىشىشى كېرەك ئىدى. مېنىڭچە ، ۋاقىتنى ئېنىق ھالدا ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ كۈندىلىك پائالىيەت نەتىجىسىنى ئۆلچەش ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا، ۋاقىتنى ئېنىق ۋە توغرا ئۆلچەش ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى قاتتىق ۋە چىڭ دەرىجىدە تەرتىپكە سېلىش، ئۆزىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىنى رەتلەش، باشقۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۈنۈم قوغلىشىش چۈشەنچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىدى. شۇڭلاشقا، ئەڭ دەسلەپتە ۋاقىت يىللارنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچەنگەن بولسا، كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، ئاي، كۈن ۋە سائەتلەرنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچەشكە قاراپ يۈزلەنگەن، ئەڭ ئاخىرىدا سېكۇنت ، دەقىقە قاتارلىق ۋاقىت بىرلىكلىرى ئىجاد قىلىنغان ئىدى.

باشتا دەپ ئۆتۈلگەن خىرىستىيان چىركاۋلىرىدا بارلىققا كەلگەن ۋاقىتنى ئۆلچەش خاھىشلىرى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىسىملاردىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى ئۆلچەشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە بولغان گۇمانىنىڭ  كۈچىيىشىگە باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى. چۈنكى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىسىملارنىڭ يۆتكىلىشىگە تايىنىپ ۋاقىتنى ئۆلچىگەندە توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەن بولاتتى. بۇ سەۋەبتىن ، خىرىستىيان چېركاۋلىرى ۋاقىتنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆلچەش ۋە بەلگىلىك ۋاقىت چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا كۈچىگەن ئىدى.

ياۋروپادا سۈنئىي ئۆلچەنگەن ۋاقىت چۈشەنچىسىنىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر مەخسۇس ھالدا سائەت مۇنارى ياسايدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ئىدى. كىشىلەر شەھەر مەركىزىدىكى سائەت مۇنارىغا قاراپ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قېلىپقا سالاتتى. ياۋروپادا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەيۋەتلىك سائەت مۇنارلىرىنى ۋە بىنالىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. شەھەر مەركەزلىرىدە سائەت مۇنارلىرىنىڭ بولۇشى ۋاقىت ئۆلچەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ كوللېكتىپ زىھنىيەت ئىچىگە يىلتىز تارتىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.

ياۋروپا تارىخىدا سائەتنىڭ شەخسلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىشى 17- ۋە 18-ئەسىرلەردىن كىيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا سائەت ئىشلەش تېخنىكىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، سائەت سانائەت بۇيۇمىغا ئايلانغان ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەردە سائەتلىك بولۇش مودا بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەزگىل ياۋروپانىڭ سانائەتلىشىشكە رەسمىي كىرگەن دەۋرى بولۇپ، كىشىلەر سائەتلىرىگە قاراپ كۈندىلىك ھايات پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇراتتى. سائەت كىشىلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا نېمە قىلىشى دەپ بېرەتتى. دېمەككى، سائەت كىشىلەر ھەرىكىتىنىڭ قىبلىگاھى ۋە رەھبىرىگە ئايلانغان ئىدى.

ئۇيغۇرلاردا زامانىۋى ۋاقىت چۈشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تېخى يېقىن زاماندىكى ئىش. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشاپ ئۆتكەن شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ يىللار ۋاقتىمىزنى ئوغرىلاپ كەتسىمۇ، ئىجاد ئارقىلىق يىللارغا جاۋاب بىرەلەيدىغانلىقىمىزنى يازغان ئىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرىغا قارايدىغان بولساق، ۋاقىتنىڭ قايتىلانمايدىغاندەك چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ چۈشەنچە دەل زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ۋاقىت چۈشەنچىسى بولۇپ، زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ۋاقىت كەينىگە قايتىلانمايتتى. پەقەت ھەر خىل يۆنىلىشتە ئېقىپ كېتەتتى. ۋاقىتنىڭ قايتىلانمايدىغانلىق پىكىرى زامانىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى توغرا ئۆلچەش ۋە كۈندىلىك ھاياتىدا قوللىنىلىشقا باشلىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىدېئولوگىيەلىك قاراش ئىدى. چۈنكى، يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ۋاقىت چۈشەنچىسى بۈگۈنكىگە ئوخشىمايتتى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە ۋاقىت قايتىلىناتتى. ”ئاتقان ئوق“ كەينىگە ياناتتى. بۇ دېگەنلىك، بۇلتۇر يۈز بەرگەن ئىش بۇ يىلمۇ يۈز بېرەتتى. بۇلتۇر تېرىلغان بۇغداي بۇ يىلمۇ تېرىلاتتى. جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەر ھەر يىلى ياكى نەچچە ئون يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىپ تۇراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە ۋاقىت قايتىلىنىدىغانلىق قاراش ھاكىم ئىدى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان پائالىيىتى ھەر يىلى ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا، كىشىلەر ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ يەنە تەكرارلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئەمما، زامانىۋى جەمئىيەتلەردە ۋاقىت قايتىلانمايتتى. ئۇچۇر ۋە پۇللار ھەر تەرەپكە كېتەتتى ياكى ناھايىتى تىز چاپاتتى. چۈنكى زامانىۋى جەمئىيەتتە ئىشلار ئوخشاش بىر ئىزدا راۋاجلانماستىن، پەرقلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقاتتى. ۋاقىت كىشىلەرنى كەينىگە تاشلاپ كېتەتتى. كىشىلەر ئامالسىز ھالدا بۇ دۇنيادىكى چەكلىك ھاياتىنىڭ پېشىدىن قوغلىشى ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قىممىتىنى قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر كىمكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتماي بوشقا كەتكۈزۈۋەتسە، ئو ھالدا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھاياتى خەۋپكە ئۇچراتتى. مەسىلەن، ئىمتىھانغا بەش مىنۇت كىچىككەنلىكى ئۈچۈن سالاھىيىتى بىكار قىلىنىش بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بىر سائەت كېچىكىش بىر مائاشچىسىنىڭ خىزمەت ئورنىدا باشلىقى ئالدىدىكى يۈز-ئابرۇيى ۋە ئىناۋىتىنى يەرگە چۈشۈرۈشى مۇمكىن. دېمەككى، ۋاقىتنىڭ كەينىدىن قوغلاش ئەمەلىيەتتە زامانىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ قىلمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرى ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە بىر قانچە تەنقىد ماقالىسى يېزىلغان ئىدى. مىنىڭ قارىشىمچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى بىر جەمئىيەت خاراكتېرلىك ھادىسە ئىدى. بۇ نوقۇل ھالدا شەخسىنىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. جەمئىيەتشۇناسلىقتا بىر ھادىسە جەمئىيەتتىكى نەچچە ئون مىڭ كىشىگە بېرىپ تاقالسا، بۇ شەخسىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدىمۇ ۋاقىت بىر جەمئىيەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئىشلار ئاساسەن ۋاقتى-قەرەلىدىن كېچىكىپ يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭغا شەخسىلەر كۆنۈپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ساپاسى ۋە خاراكتېرىدىن ئىزدەش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى تېرىقچىلىق ۋە كىچىك تىپتىكى سودا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇ خەلقنىڭ زامانىۋى ۋاقىت ئېڭى تۇرغۇزۇلۇپ بولالمىغان. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە كىشىلەر كۆپ قىسمى كارخانا، شىركەت ۋە ئىدارىلەردە ئىشلىسە ئو ھالدا، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش نىسبىتى يۇقىرىلىغان بولىدۇ. غەرب دۆلەتلىرىدە كىشىلەرنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىككى-ئۈچ ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە دۆلەتنىڭ بىيوكراتىك سىستېمىسىدىكىسى باشقۇرۇش شەكلىنىڭ كىشىلەرنىڭ زىھنىيتىدە ئاللىقاچان ھاكىم ئورۇندا ئۆتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى مۇھىم دەپ قارايدىغان ئىنسانىيلىق چۈشەنچىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى، بەلگىلەنگەن بىر ئىشقا كېچىكىش كىچىككەن ئادەمنىڭلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ۋە ھاياتىنى قالايمىقان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ”ۋاقىت-ئالتۇن“ دەيدىغان ماقال بار. ئەمەلىيەتتە بۇ ماقال بۈگۈنكى زاماندىكى ئىقتىساد چۈشەنچىسى كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىپ كىرگەندىن كىيىن ئاندىن ئىجاد قىلىنغان ياكى باشقا خەلقتىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالدا ۋاقىت پۇلغا تەڭداش قىلىنغان. چۈنكى، ئالتۇن پۇلغا سېتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئىقتىساد ھاكىمىيەت ئۇرۇنغان ئۆتمىگەن جەمئىيەتلەردە ۋاقىت پۇلغا تەڭداش كەلمەيتتى. ۋاقىت پەقەت كېلىپ كېتەتتى. بۇ يىل باھار كەتكەن بولسا، كېلەر يىلى يەنە كېلەتتى. ئەمما، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتۈشى بىلەن ۋاقىتنى زايە قىلغانلىق پۇلنى زايە قىلغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى. چۈنكى، زامانىۋى جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بەلگىلىك ۋاقىتتا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق مائاش ئالاتتى. بېرىلگەن مائاش كىشىلەرنىڭ ۋاقىتىغا بېرىلگەن مائاش ئىدى. خىزمەتكە كەلمىگەن ئادەمگە كىم مائاش بېرىپتۇ ؟!

گەرچە ۋاقىتنى سېكۇنت ۋە دەقىقىلەرگىچە ئۆلچەش يېقىنقى زامانىدىكى ئىش بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ۋاقىتنى ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئەمەلىيەتتە ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. بىز بۈگۈن ۋاقىتنى دەقىقىلەرگىچە ئۆلچەيدىغان زاماندا ياشاۋاتىمىز. دېمەككى، بىزنىڭ ھاياتىي پائالىيتىمىزدە دەقىقە بۇيىچە ھەرىكەت قىلىش دەقىقىنى قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى بار. ئىنسان ئۆمۈرىنى بىر بىرلىك قىلىپ ۋاقىت ئۆلچەيدىغان جەمئىيەتلەردە كىشىلەر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىلا پەقەت نېمە قىلىپ-قىلمىغانلىقىغا باھا بېرەتتى. ئىنسان بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ۋاقىتتا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ۋاقتىدىن ئىمتىھان ئالاتتى.  ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ھاياتىدىن ھېساب ئالماستىن، ئايدا ۋە كۈندە نەچچە قېتىم ھېساب ئالىدۇ. مەن بۈگۈن ۋاقىتنى نېمىگە سەرپ قىلدىم؟ بىر سائەت ۋاقتىم نەگە كەتتى؟ دېگەندەك سوئاللار بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۆزلىرىدىن دائىم سوراپ تۇرىدىغان سوئاللاردىن ئىبارەت. بۇ سوئاللارنىڭ سورىلىشى شەخسىنىڭ ئۆز ھاياتىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ۋە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم قوغلىشىش ئارزۇسىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەسلىي پىرىنسىپىغا ئايلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. نۇرئەلى ئابلىزنىڭ ”بىر يىلىڭىزدىكى 8760سائەت“ دېگەن كىتابى دەل كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى سائەت بۇيىچە تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ھاياتىدا ئەڭ چوڭ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىتاب ئىدى.

بىز بۈگۈن كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىسا ئەيىب سانىلىدىغان ۋە ئۈنۈم قوغلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. ئۈنۈم قوغلىشىش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما زىيادە قوغلىشىشتىن كېلىپ چىققان رىقابەت، ئۈمىدسىزلىك، چارچاش، بېسىم ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇلىرى ئىنسانلارغا ياشاشنىڭ ئانچە ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۈنۈم قوغلىشىش ئەمەلىيەتتە چارلىز دارۋىننىڭ ”تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى“ دىكى كۈچلۈك بولغانلارنىڭ ياشاپ، ئاجىزلارنىڭ شاللىنىشنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە تەدبىقلىنىشى ئىدى. ھەممە كىشى كۈچلۈك بولۇپ ئاجىزلارنى شاللاشنى مەقسەت قىلغان جەمئىيەتتە ئەزالار ئوتتۇرىسىدا پەقەتلا رىقابەت تۇيغۇسى مەۋجۇت بولىدۇ. رىقابەت تۇيغۇسى قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىش، شاللاش ۋە كۆزدىن يوقىتىش مەنىسىدە كېلىدۇ . ئەمما، مىنىڭ قارىشىمچە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەبىئىي ۋە سۈنئىي ھالدىكى ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇشى كېرەك . كىلاسسىك جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىي تۇيغۇسى ئارقىلىق جەمئىيەتتە بىرلىك ساقلايدىغانلىقىنى، زامانىۋى جەمئىيەتتە ئورگانىك تايىنىشچانلىق ئارقىلىق جەمئىيەتنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئورگانىك تايىنىشچانلىق دېگىنىمىز جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل كەسىپلەر بىلەن شوغۇللىنىشى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئايلىنىشىنى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىدا 1950-يىللاردا مودا بولغان جەمئىيەتشۇناس تالكوت پارسونىس جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بار بولغان مەدەنىيەت، قىممەت-قاراش قاتارلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە تەرتىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، دارۋىننىڭ قارىشىنى جەمئىيەتكە تەتبىقلىغان ئەنگلىيەلىك جەمئىيەتشۇناس سىپېنسېرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھېچ قىممىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. قىسقىسى، پەقەتلا كۈچلۈكلەرنىڭلا ياشىشىدەك رىقابەت چۈشەنچىسى جەمئىيەتشۇناسلار ئارىسىدا 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا ئىنكار قىلىنغان چۈشەنچە ئىدى.

بۇرۇنقىلار ”ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى“ دېگەن ئىكەن. بۇ ماقالدا بىزگە ھايات دۇنياسىدا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ۋاقىتتىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ نەتىجە يارىتىش، نەتىجە ئارقىلىق خۇشاللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خۇشاللىق ئارقىلىق بەختلىك ھېس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. سائەت كۈندىلىك پائالىيتىمىزنىڭ تۈزەتكۈچىسى، قېلىپلاشتۇرغۇچىسى ۋە نېمە قېلىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ بېرىدىغان قىبلىگاھقا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە سائەتكە بەرگەن مۇقەددەس مەنىمىز پۈتۈن ھاياتىمىزغا بەرگەن مەنىدىن ئىبارەت. 1930-يىللاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ”يىللارغا جاۋاب “ بەرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە سېكۇنت ۋە مىنۇتلارغا جاۋاب بېرىدىغان چاغ ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى.

 

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز