ماكس ۋېبىر ۋە ئەقلىيلىشىش
مۇتەللىپ ئىقبال ماكس ۋېبىر(Max Weber, 1864~1920)نىڭ زامانىۋىلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۇنىڭ كاپىتالىزىمنىڭ بارلىققا كىلىشى، ئەقيلىشىش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ۋېبىرغا نىسپەتەن ئېيتقاندا زامانىۋىلىشىش كىشىلەرنىڭ ئەقلىيلىشىشىدىن ئىبارەت. يەنى زامانىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەر ھەممە نەرسىنى ئۆلچەيدۇ؛ ئىشلارنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپلىرىگە قىزىقىدۇ. ماكس ۋېبىرنىڭ قارىشىچە، كاپىتالىزىم جەمئىيتىنىڭ مەيدانغا كىلىشى كىشىلەرنىڭ ئەقلىيلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەقلىيلىشىش جەمئىيەتكە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم قورال ئىدى. زامانىۋى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۈنۈم ۋە ۋاقىت ناھايتى مۇھىم ئىدى. ماكس ۋېبىر ياۋرۇپادا بارلىققا كەلگەن كاپىتالىستىك ئىقتىساد ھەققىدە