جۇڭگۇدىكى داڭلىق جەمئىيەتشۇناسلار (2) 孙立平

مۇتەللىپ ئىقبال 孙立平 1955-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى توغۇلغان. 1978-يىلى بېيجىڭ ئونىۋېسىتى ئەدەبىيات فاكولتىتى ئاخبارات كەسىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1981-يىلى نەنكەي ئونىۋېرسىتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى بېجىڭ ئونۋېرسىتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 2000-يىلى 1-ئايدا چىڭخۇا ئونۋېرسىتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتىتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن، دوكتۇر ئاسپىرانت يىتەكچىسى. ئو 2006-يىلى ”جەنۇپ ھەپتىلىكى“ تەرىپىدىن ”ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق شەخس“ دىگەن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. ئۇ جۇڭگۇدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە نىسپەتەن مۇستەقىل كۆز قاراش ۋە پىكىرگە ئىگە جەمئىيەتشۇناس. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات دائىرىسى جەمئىيەت ئۆزگىرىشى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن.  

داۋامى

جۇڭگۇدىكى داڭلىق جەمئىيەتشۇناسلار(1) 费孝通

 مۇتەللىپ ئىقبال         费孝通جۇڭگۇدىكى داڭلىق جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ جۇڭگۇدىكى جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلەشكە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشقان. 费孝通 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى توغۇلۇپ، 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاپات بولغان. 费孝通 1933-يىلى 燕京大学 نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن . 1935-يىلى چىڭخۇا ئونىۋېرسىتى清华大学نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىراتنلىقنى پۈتتۈرگەن. 1936-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن ئونىۋېرسىتى ئىقتىساد فاكۇلتىتى英国伦敦经济学院دا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇغان.  داڭلىق ئىنسانشۇناس مالنوۋىسكىي马林诺夫斯基نىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان.  1938-يىلى ئەنگىلىيە لوندۇن ئۇنىۋېرسىتىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ

داۋامى

شاھزادە ساباھاتتىن(Prens Sabahattin)

مۇتەللىپ ئىقبال شاھزادە ساباھاتتىن ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقىنىڭ خانى سۇلتان ئابدۇلھەمىت II نىڭ قىز تۇققىنى سېنىھا سۇلتان(Seniha) نىڭ ئوغلىدۇر. ئو 1879-يىلى ئىستانبۇلدا توغۇلدى. 1899-يىلى دادىسى ۋە بىر تۇققىنى بىلەن پارىسقا يۇشۇرۇن ھالدا باردى. شاھزادە ساباھاتتىن ئوسمانلى قانداق شەكىلدە قۇتۇلىدۇ؟ دىگەن سۇئالنى چۆرىدەپ پارسىتا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. دەسلەپتە پارىستىكى ”بىرلىك ۋە تەرەققىيات“ جەمئىيتىگە ئەزا بولدى. كىيىن جۆن تۈركلىرى(Jön Türk) تەشكىلاتىنى قۇردى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئوسمانلىنىڭ قۇتۇلىشىغا دائىرى جاۋاپ تېپىشقا ئورۇندى. گەرچە دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن بولسىمۇ، سىياسىي

داۋامى