ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ قىسقىچە تەھلىلى

 

مۇتەللىپ ئىقبال

 

ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشىدۇر. دىندارلار ئۈچۈن ئۆلگەندىن كىيىن باشقا بىر ھايات بار. بۇ خىرىستىيان، ئىسلام، يەھۇدىي قاتارلىق نۇرغۇن دىنلارنىڭ تەشەببۇسى. باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ئۆلگەندىن كىيىن ياخشى ئىش-پائالىيەت ۋە نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلبىدە ياشاشمۇ ھاياتنىڭ باشقا بىر شەكىلدە داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت.

ئىستانبۇلدا ياشاش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرىگە شاھىت بولدۇم. شەنبە كۈنى كۇرسقا كېتىۋاتاتتىم. ئىستانبۇلنىڭ كادىكۆي بەلەدىيەسىگە قاراشلىق مەركىزى پوچتىخانا بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە بىر كىشى چىقىۋاپتۇ. دېمەككى، يەنە بىر كىشى ئۆلۈۋالماقچى ئىكەن. بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋالغان كىشى ھەدەپ ئۆزىنى يەرگە ئېتىشنىڭ كويىدا ئىدى. ئەمما، ئۇ ناھايىتى تىزلا ئۆلگۈسى كەلمىگىنىگە قارىغاندا،  يېقىن كىشىلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ دەردىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولغاندەك، ئۆزىنى ئۆلۈم قايغۇسىدىن قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك بولغاندەك ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. دەرۋەقە ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش دېگەندەكلەر ناھايىتى تىزلا تەييارلىق خىزمىتىنى باشلاپ بوپتۇ. بىنادىن سەكرىمەكچى بولغان كىشىنىڭ يېنىغا ئىككى ساقچى ۋە قانداقتۇر باشقا يىقىنلىرىمۇ چىقىپ بوپتۇ. دېمەككى، كىشىلەر ھېلىقى كىشىنىڭ ئۆلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش، ساقچى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلاردىن ئادەم كېلىپ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلاپ بولغان ئىدى. ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ يېنىغا يىقىنلىرىمۇ چىقىپ بولغانغا قارىغاندا،  ئۇنى قايىل قىلىش ياكى تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈشىنى توسۇپ قېلىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.

مەن يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ باشقا كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەقەگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم. تۈركلەر ئۇنىڭ ئۆلگۈسىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت ئەتراپىغا ئادەم توپلاش، خەلقنىڭ دىققىتىنى يىغىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. پوچتىخانا بىناسىنىڭ ئەتراپىغا ناھايىتى كۆپ كىشىلەر يىغىلىشقان ئىدى. كۆپىنچە كىشىلەر قول تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان كىشىنى رەسىمگە تارتىۋاتاتتى ياكى ۋىدېئو ئالاتتى. دېمەككى، كىشىلەرگە قىلىدىغان ئىش چىققان ئىدى. كىشىلەر بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئىنتېرنېتتا ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايەت زور ۋەقەگە شاھىت بولغانلىقىنى ۋە ئەتراپىدا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلماقچى ئىدى. ئادەم ئۆلەي دەۋاتسا خەۋەر قىلىش كويىغا چۈشۈش ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر روھىيىتىنىڭ كارتىنىسى خالاس. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىلىرىنى يازالايدۇ ۋە باشقىلارغا تارقىتالايدۇ. رەسىم ۋە ۋىدېئو ئورتاقلىشىش ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقى زاماندىكى قۇلىغا قەلەم ئېلىپ يازما يازىدىغان ھېكايە بايان قىلىش شەكلىنىڭ ئۆزگەرگەن بىر ۋارىيانتى، خالاس.

بىنادىن سەكرىمەكچى بولغان كىشى ھەدەپ بىنانىڭ قىرغىقىدا ئۇياق بۇياققا ماڭاتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىيىتى بارلىقىنى ھەممە كىشىگە بىلدۈرمەكچى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا گېپى بولسا نەخ مەيداندا دېيىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتاتتى. دېمەككى، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۆلگۈسى يوق ئىدى. ئەگەر ئۆلۈشنىلا مەقسەت قىلغان كىشى بولسا، بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپلا ئۆزىنى تاشلىسا ئىش تۈگىمەمدۇ؟ مەنمۇ ئو كىشىنىڭ ئۆلۈش قارارىنىڭ يوقلىقىنى پەرەز قىلدىم. چۈنكى، ئۆلۈشنى ئويلاشقان كىشى ھايات ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

كۇرسىمىزدا ئو كىشىنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلدۇق. ئۆزىمىز تونۇمايدىغان بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشمۇ زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيىتى ئىدى. گەرچە بىز ئو كىشىنى تونۇمىساقمۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقى ھەققىدە بىر-بىرىمىزگە قارشى مۇنازىرىلەردە بۇلۇندۇق. دېمەككى، ئانتونىي گىددەنىس(Anthony Giddens) ئېيتقىنىدەك، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا دۇنيانىڭ باشقا بىر ئۇچىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ياكى ۋەقەلەر ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتەتتى. بىز ئۇ كىشىنى تونۇمىساقمۇ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىزنىڭ دەرستە نېمىنى مۇلاھىزە قىلىشىمىزنى بەلگىلەپ قويغان ئىدى.

مۇلاھىزىلەردىن ئايان بولدىكى، ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى مۇنداق تۆت خىل سەۋەبكە يىغىنچاقلاندى. بىرىنچىسى ئىقتىسادىي سەۋەب . بەلكىم ئو كىشى ئىشسىز ياكى قەرزى ناھايىتى كۆپ. ياكى ئۆي سېتىۋالالمىغان ياكى يەيدىغان نېنى يوق. دېمەككى، ئىقتىسادىي يوقسۇللۇق كىشىلەرنى ئۆلۈۋېلىشقا دۇچار قىلىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب بولسا، ئو بەلكىم ساقايماس كېسەلگە گىرىپتا بولغان. مەسىلەن، راك، ئەيدىز ياكى باشقا كېسەل . بۇ سەۋەبتىن ئو كىشى ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى سەۋەب ، ئو كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزۈلگەن. مەسىلەن، سۆيگۈنى تاشلاپ كەتكەن ياكى ئايالى ئاجرىشىپ كەتكەن ۋە ياكى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ياخشى قارىمىغان.  تۆتىنچى بىر سەۋەب ، بەلكىم ئو كىشى خورلانغان ياكى ئىنسانىي قىممىتى باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان.

چىققان سەۋەبلەرگە ئاساسەن شۇنداق يەكۈندە بولدۇق: ئەگەر ئو كىشى ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئۆلمەكچى بولغان بولسا، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئاسان. باشقىلار پۇل بەرسىلا بولىدۇ. دېمەككى، پۇل بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. پۇل قۇدرەت ئىگىسى. ئەگەر ئۆلۈۋالماقچى ۋە باشقىلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىگە پۇل بەرسەڭ، سىنىڭ ياخشىلىقىڭ تۈپەيلى ھاياتقا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى يوقىتىپ ياشاشقا ئاتلىنىشى مۇمكىن.  ساقايماس كېسەل مەسىلىسىگە قارىتا، بەزىلەر ئورگان تەقدىم قىلىش ياكى ئەڭ ياخشى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئو كىشىنىڭ ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قاراشتى. ئۈچىنچى سەۋەب ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈشىدىن كېلىپ چىققان ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئو كىشىنى ئۆلۈش گىردابىغا ئاپارغان بولسا، ئو ھالدا ئۇنىڭ كونا سۆيگۈنىنى يېنىغا چاقىرىپ ئەكېلىش ، ئەڭ قەدىرلىك كىشىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆلۈۋېلىشىدىن توسقىلى بولىدۇ، دەپ قارالدى. تۆتىنچى سەۋەبىنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەس دەپ قارىدۇق.

دېمەككى ، بۇ يەردە شۇنداق بىر نەرسە كېلىپ چىقتى: ھەممە كىشى ھېلىقى كىشىنىڭ ئۆلمەسلىكنى ئۈمىد قىلاتتى. ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە خەلقىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا توسالغۇ بولۇش ياكى قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئاتلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئو كىشىنىڭ ياشىشىنىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. نېمىشقا ئۆلۈۋالماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۆلمەسلىكنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئىستىكى ۋە ھەرىكىتىدە بولىمىز؟ مەن شۇنداق جاۋاب بەردىم. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئىنساننى توسۇپ قېلىش ئۇنى ھاياتلىق دۇنياسىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش جەريانىدىن ئىبارەت. بىز ھايات ياشاشنى سۆيگەن بولغاچقا، ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەرگە تەسەللى قىلىش ۋە ئىستىكىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھاياتلىق دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئو كىشىنىڭ ھاياتنى بىز سۆيگەندەك سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دېمەككى، بىزنىڭ باشقىلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش قىلىش ۋە ئۆزىمىزگە ئوخشاش ياشىشىنى ئۈمىد قىلىش بىزنىڭ ئەسلىي پىسخىكىمىزدا بار ئىش. بىز ھېلىقى كىشىنى ئۆلۈۋېلىشتىن توسۇش ئارقىلىق ئونى ئۆزىمىزدەك تىرىك ياشاشقا چاقىرىق ۋە ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىدۇق.

ياۋروپادا بەزى دۆلەتلەردە كىشىلەر ئۆلۈۋېلىشىنى خالىسا، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا رۇخسەت بېرىدىكەن. ئەمما، قەدىمكى زاماندا ياۋروپادا ئۆلۈۋېلىشىنى ئەڭ قەبىھ ئىشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرەتتى. بىراق، بۈگۈن ئۆلۈۋېلىشمۇ بىر خىل ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. دېمەككى، زامانىۋى دۇنيادىكى چەكلىمىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى ئۆلۈۋېلىش ئەركىنلىك سانالغان ئىكەن، ئەركىنلىكىنىڭ ئۆلۈۋېلىشنى تىزلىتىش ۋە قوزغاتقۇچ بولۇش رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك . مىنىڭ قارىشىمچە، چەكلىمىسىزلىك، تۈزۈمسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق ۋە نورمسىزلىق كىشىلەرنى ئوخشاشلا ئۆلۈۋېلىشقا ئاپىرىدۇ.

داڭلىق كىلاسسىك جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىيم ئۆلۈۋېلىش ھەققىدە ياخشى بىر كىتاب يازغان ئىدى.

دۇركائىم ئۆلۈۋېلىشىنى مۇنداق تۆت تۈرگە ئايرىيدۇ: مەنچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش، ئەل ئۈچۈن(باشقىلار ئۈچۈن) ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش ، قالايمىقانچىلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋە تەقدىرچى ئۆلۈۋېلىشتىن ئىبارەت.

مەنچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش(Egoistic suicide) شەخسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. يەنى شەخس ئائىلىدىن ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغاندا كېلىپ چىقىدىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلى. بۇ خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئادەتتە شەخسىنىڭ ئاشقۇن دەرىجىدە شەخسىي ياشاشنى خالاپ كەتكەنلىكىدىن ۋە جەمئىيەتتىن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھايات ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەنىسىز ۋە بۇرۇقتۇم بىلىنىدۇ. شەخسىي ياشاشنى خالاپ كەتكەن كىشى جەمئىيەتنىڭ دىن، قائىدە-تۈزۈم ۋە ئادەتلىرىگە ئانچە رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل كىشىلەر جەمئىيەتتىن ھەر خىل نۇقتىدا ئايرىلىپ قالىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئەل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش (Altruistic suicide). بۇ ئاساسەن شەخسىنىڭ ئۆزى تەۋە جەمئىيەتكە ئاشقۇن دەرىجىدە تەۋە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئىپتىدائىي جەمئىيەت ياكى كىيىنكى جەمئىيەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى بىر خىل مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېرى ئۆلسە خوتۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش  ۋە بىللە دەپنە قىلىش؛ پادىشاھ ئۆلسە قول ئاستىدىكىلەرنى بىللە  قوشۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە بىللە دەپنە قىلىش… قاتارلىقلار. ئالدىدا دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئاساسەن شۇ زاماندىكى تۈزۈملەرنىڭ ۋە ئادەتلەرنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. ئەل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بولسا ئاساسەن جەڭ مەيدانلىرىدا، دۈشمەننىڭ قۇلىدا يۈز بىرىدۇ. شەخس پۈتۈنلەي ھالدا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا، يەنى شەخس ئۆزىگە  ئەمەس، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەت ۋە خەلققە پۈتۈنلەي تەۋە بولغان چاغدا بۇ خىل ئۆلۈۋېلىش بارلىققا كېلىدۇ . مەسىلەن ياپون سامارويلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزى تەۋە بولغان خەلق ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن. بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىلىرىنى كۆرىمىز. باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆپرەك ئويلاشقان بولىدۇ. جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئەتىدىن تۆۋەن كۆرىدۇ.

قالايمىقانچىلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش (Anomic suicide). بۇ خىل ئۆلتۈرۈۋېلىش جەمئىيەت تەرتىپى ئاستىن-ئۈستۈن بولغاندا كۆپرەك يۈز بىرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كىشىلەر بىر بولسا جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ بولالمايدۇ ۋە ياكى ئەخلاقى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن، رىئايە قىلىدىغان ئەخلاق تاپالمىغان بولىدۇ. دۇركائىمنىڭ قارىشىچە، سانائەت جەمئىيىتىدە ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرگەن بەرگەن ۋاقىتتا ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئەمەس. بۇنداق كىرىزىسلار يۈز بەرگەن ۋاقىتتا جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىدۇ، نورمال شەكىلدە ئىشلار يۈرۈشمەيدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۈلۈۋېلىشىنى تاللايدۇ.[1] بىز بۇ نۇقتىدىن جەمئىيەت ئاكتىپ ھالەتتە ئىلگىرىلىسۇن، ۋە ياكى كىرىزىس ئىچىدە ئىلگىرىلىسۇن ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ جەمئىيەت تىز ئۆزگىرىش ياسىغان ۋاقىتلاردا يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا شەخسىتە يېتەرلىك بولغان ئىجتىمائىي يۆنىلىش كەم بولىدۇ.[2]

تۆتىنچى بىر خىل ئۆلۈۋېلىش شەكلى تەقدىرچى ئۆلتۈرۈۋېلىش (Fatalistic suicide)تىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۈلۈۋېلىش قالايمىقانچىلىقتىن ئۆلۈۋېلىشقا قارشى بولغان ئۈلۈۋېلىش شەكلىدىن ئىبارەت. يەنى قالايمىقانچىلىقتىن ئۆلۈۋېلىشتا شەخس رىئايە قىلىدىغان ئەخلاق ۋە تۈزۈم تاپالمايدۇ. تەقدىرچى ئۆلۈۋېلىشتا ئىنسان رىئايە قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈم بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ . چۈنكى قائىدە-تۈزۈملەر ئادەمگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ . ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى كېسىپ تاشلايدۇ. ياشاشنى مەنىسىزلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياشىغاندىن ئۆلگەن ئەلا، دەيدىغان ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىنسان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ . بۇ خىل ئۆلۈۋېلىش شەكلى ئاساسەن تۈرمىلەردە ۋە دىكتاتور دۆلەتلەردە كۆپرەك يۈز بىرىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا مۇنداق ئىككى خىل كاتېگورىيە چىقىدۇ.

بىرى مەنچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن قالايمىقانچىلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش. بۇ خىل ئۆلۈۋېلىش شەكلىنىڭ ماھىيىتى شۇكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى جەمئىيەتتە تاينىدىغان، ئىشىنىدىغان، چوڭ كۆرىدىغان ئەخلاق، دىن، تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى تاپالمايدۇ. بۇ دېگەنلىك، بۇ ئىككى خىل ئۆلۈۋېلىش شەكلى تۈزۈمسىزلىكتىن، قائىدىسىزلىكتىن ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈۋېلىش شەكلىدۇر. دېمەككى، ئەخلاق، دىن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، قانۇن قاتارلىقلارمۇ ئۆلۈۋېلىشنى توسۇشتا مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.

ئەل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن تەقدىرچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تايىنىدىغان تۈزۈم، ئەخلاق، قائىدە ۋە قانۇننىڭ ناھايىتى كۆپ ۋە كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈۋېلىش شەكلىدىن ئىبارەت. ئالدىنقى ئىككى خىل ئۆلۈۋېلىش شەكلىدە ئەخلاق، دىن، قانۇن ۋە تۈزۈمنىڭ كۈچى بولمىغان بولسا، بۇ ئىككى خىل ئۆلۈۋېلىشتا ئەخلاق، دىن، قانۇن ۋە تۈزۈمنىڭ كۈچى بەك ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.

مەن زامانىۋى جەمئىيەتتە ھەممە كىشىنىڭ بىر كىچىك جەمئىيەتشۇناس ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى، بىز ھەممە نەرسىنى تەھلىل قىلىپ، دىياگنوز قويۇپ ياشايمىز. بىراق، بىز پۇرسىتى كۆپ بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. پۇرسەتنىڭ كۆپ بولۇشى ئەسلىدە خەتەرنىڭمۇ كۆپ بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇرسەت ۋە رىقابەت كۆپ بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا يۈزەكى جەمئىيەت بىلىملىرى ياكى ئادىمىيەت بىلىملىرى بىلەن ياشاش ئاسان ئەمەس. بۇ خىل ئىجتىمائىي شارائىت ھەممە كىشىنىڭ ئىش-ۋەقە، ئادەم ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا بىر ئىستراتېگىيە تەرەققىي قىلىدۇرشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئانتونىي گىددەنىس بۇ خىل ھادىسىنى ھايات سىياسىتى(Life Politics) دەپ ئاتايدۇ. ھايات سىياسىتى دېگىنىمىز، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلگەن ئەھۋال، دۇنيا ۋە ئادەملەرگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى ۋە ئۇسۇلىدۇر.

ئەمەلىيەتتە ھەممە كىشىنىڭ پۇرسەت ۋە خىرىسى كۆپ دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياشىشى ئۇنىڭ ياشاش ئىستراتېگىيەسىنى قانچىلىك تەرەققىي قىلدۇرىشىغا باغلىق بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە دىن كىشىلەرگە قانداق قىلىشنى دەپ بېرەتتى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە دىن مەۋجۇت بولسىمۇ، كىشىلەر ھاياتىدا نېمە قىلىش، قانداق قىلىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ھەممە ئىش ئۆز بېشىغا قالغان ئىنسان ھايات ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قىلىشتىن قۇتقۇزۇشى كېرەك ئىدى. ئاچ ۋە يالىڭاچ قېلىپ ئۆلمەسلىك ئۈچۈن كۆپ پۇل تېپىش كېرەك ئىدى. مەغلۇپ بولۇپ ھاياتتىن ئۈمىدنى ئۈزمەسلىك ئۈچۈن ھەرخىل تەدبىرلەر قوللىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرى بولۇش كېرەك ئىدى.  قىسقىسى، بىر كىشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ئۈمىدسىزلىنىشى، چۈشكۈنلىشىشى ۋە ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشى، ئېغىرراق بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ياكى تۈگەشتۈرىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

مېنىڭچە ، ياشاش مەجبۇرىيەتتۇر. چۈنكى بىز قانداق شەكىلدە، كىمنىڭ بالىسى بولۇپ قەيەردە تۇغۇلۇشىنى ھېچ بەلگىلىيەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت كۈچلۈك بولغان ياشاش ئىستىكى ئارقىلىق تۇغۇلۇشنىڭ قىممىتىنى مەنىگە ئىگە قىلالىشىمىز مۇمكىن.

 

_________________

[1]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第261页

[2] Steven Seidman, Contested Knowledge, fifth edition, Wiley-Blackwell, 2013, P.44

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ قىسقىچە تەھلىلى“ ھەققىدە بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز