كۆچمەنلىكنىڭ ئاددىي يۈزى

مۇتەللىپ ئىقبال

 

كۆچمەنلىك بىلەن زامانىۋىلىشىش ئەسلىدە بىر تۇغقان ھادىسەلەردۇر. بۇ دېگەنلىك، ياۋروپادا زامانىۋىلىشىش ئىشقا ئېشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن نوپۇس يېزىلاردىن شەھەرلەرگە، شەھەردىن شەھەرگە ۋە  باشقا دۆلەتلەرگە كۆچكەن ئىدى. بەلكىم بەزى كىشىلەر ياۋروپا زامانىۋىلىشىشتىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلار كۆچەتتى. كۆچمەنلىك قەدىمكى ھادىسە دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما، بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى كۆچمەنلىك زامانىۋى دۇنيانىڭ بەرپا بولۇشى بىلەن روشەن دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسەدۇر. قەدىمكى زاماندىكى كۆچمەنلىكنىڭ دائىرىسى كىچىك، قېتىم سانى ئاز ياكى كۆلىمى كىچىك ۋە قاپلاش دائىرىسى تۆۋەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە كۆچمەنلىك ياكى كۆچۈش پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. چاۋشيەن قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنى ھېسابلىمىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيادا كۆچمەن قوبۇل قىلمىغان ۋە كۆچمەن چىقارمىغان دۆلەت يوق دېيەرلىك. بۇ كۆچمەنلىكنىڭ ئەسلىدە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، جۈملىدىن زامانىۋى دۇنيانىڭ چېگرا ۋە پاسىلنى مەركەز قىلغان قاتتىقلىق ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، ئۇچۇر، ئادەم ۋە ئىقتىسادلار ئۆز-ئارا ئاقىدىغان ۋە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سويۇق(ئېقىشچان) ھالەت ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ مەنىدە داڭلىق جەمئىيەتشۇناس زىگمۇنت باۋمەن(Zygmunt Bauman)نىڭ زامانىۋى دۇنيانى سويۇق(ئېقىشچان)  زامانىۋى دۇنياغا ئوخشاتقانلىقى توغرا ئىدى.

زىگمۇنت باۋمەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زامانىۋى دۇنيانىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. بىرى، زامانىۋىلىق ”ئېشىنچا ئادەم“، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىشلەپچىقىراتتى. چۈنكى زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈم ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، زاۋۇت، شىركەت، كارخانا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دائىم ئويلايدىغان ئىشى ئاز ئادەم كۈچى، ئاز خام ئەشيا، ئاز ئېنېرگىيە ۋە ئاز ۋاقىت بىلەن كۆپ ئۈنۈم قازىنىش ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ، تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى-ئادەملەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. چۈنكى، كۆپىنچە ئىشلار ماشىنىلاشقان ئىكەن، ئادەم كۈچىگە ئېھتىياج قالمايتتى. ئادەم كۈچىدىن بەكرەك ماشىنىنىڭ كۈچى ئىلغار، چىدامچان، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىقتىساد تېجەشچان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ، زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىقتىسادى بارغانسېرى ”ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى“ ئىشلەپچىقىراتتى. بۇنىڭ بىلەن ”ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى“ دائىم ئۆز ماكانلىرىنى تاشلاپ ئىش تاپقىلى بولىدىغان، جان باققىلى بولىدىغان شەھەر ۋە دۆلەتلەرگە سەلدەك ئاقاتتى. دېمەككى، زامانىۋىلىقنىڭ ئەسلى خاراكتېرى ئىنسانلارنىڭ شەھەر ۋە دۆلەت ئاتلاپ كۆچىشىنى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىراتتى.

زامانىۋىلىقنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى شۇكى، زامانىۋىلىق مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ئەندىزە ۋە تەرتىپنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەرتىپ ۋە ئەندىزىگە سىغمايدىغان نۇرغۇن ئادەم بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، بار بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپكە سىغمىغان نۇرغۇن كىشىلەر كۆچۈشكە ۋە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مۇھىتتا ياشاشقا قاراپ ئاغقان بولىدۇ.

ياۋروپا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، يېقىنقى ئىككى يۈز يىلدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆچكەنلىكىنى بىلىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ياۋروپالىقلار پەقەت كۆچمەنلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما، ياۋروپانىڭ زامانىۋىلىشىش تارىخىدا 50 مىليوندىن 80 مىليونغىچە كىشىنىڭ ياۋروپادىن يېڭى زېللاندىيە، ئاۋسترالىيە ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچكەنلىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلماقتا.

ئۇنداقتا كۆچمەنلەر يېڭى يەرلەرگە كۆچكەندىن كىيىن ئەڭ دەسلەپ قىلىدىغان ئىشى نېمە؟ بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن كۆچۈپ بارغان دۆلەتتە ياكى شەھەردە دىئاسپورا[1] شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بولۇپمۇ كىشىلەر ئۆز مەدەنىيىتىگە يات بىر مەدەنىيەت مۇھىتىغا كۆچۈپ بارغاندا ياكى ئۆز مىللىتىدىن ۋە مەدەنىيتىدىن بولغانلارنىڭ سانى ئاشقان ۋاقىتتا دىئاسپورا شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن ئاددىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە جۇڭگولۇقلار تۇرىدىغان ۋە ياشايدىغان دىئاسپورا رايونى بار. ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ، ئامېرىكىدا مېكسىكىلىق ۋە ھىندىستانلىقلاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ كۆچمەنگە ئايلانغان[2]. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدىن ياۋروپاغا كۆچمەن بولغانلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئۆزىدىلا 3 مىليوندىن كۆپرەك تۈرك كۆچمەن بار. كۆچمەنلەرنىڭ سانى گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ 17دىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ[3].

ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىئاسپورا ئەسلىدە كۆچمەنلەر ئۈچۈن بىر قالقان. قالقان دېگەنلىك ئۆزى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر جابدۇق ياكى قورالدىن ئىبارەت. دىئاسپورادىن ئىبارەت قالقان ئىچىدە كۆچمەنلەر ئۆزىنىڭ يات دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك، ۋاقتىنچە ئىش تاپالماسلىق، مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق، يالغۇز قېلىش، يەيدىغان تاماق تاپالماسلىق، بىخەتەرلىك بولالماسلىق، ياتسىراش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە سىقىلىشلىرىنى يوق قىلماقچى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يات مۇھىتقا يېڭى كەلگەن بىر كۆچمەن دىئاسپورا ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ. چۈنكى، دىئاسپورا رايونىدا ئۆز مىللىتىدىن بولغانلار، ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغانلار، ئۆز مەدەنىيتىنى ساقلاۋاتقانلار، تاماقلار ۋە نىسبەتەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، دىئاسپورا كۆچمەنلەر ئۈچۈن بىر قالغان ھېسابلىنىدۇ.

دىئاسپورانىڭ ئىككىنچى رولى بولسا كۆچمەنلەرنى يەرلىك دۆلەتكە ۋاقىتلىق ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن ساقلاشتىن ئىبارەت. كۆچمەنلەر دەسلەپتە يات بىر مۇھىتقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي شارائىت، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلاردا ئۆز مەدەنىيىتىگە ۋە ئىلگىرى ياشىغان شارائىتىغا ئوخشىمايدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ . بۇ سەۋەبتىن ، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش، يەرلىك مەدەنىيەتكە مەلۇم دەرىجىدە قارشى تۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن قېچىشتەك خاھىشلىرى بولىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، دىئاسپورا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كۆچمەن ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدىغان بولسىمۇ، كىيىنكى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن يەرلىك مەدەنىيەت، دۆلەتكە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن ساقلاپ قالالمايدۇ. پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدىكى دىئاسپورالارغا قارايدىغان بولساق، كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ يەرلىك جەمئىيەتكە ماسلىشىپ جان بېقىش ئىقتىدارى يېتىلگەندىن كىيىن دىئاسپورا رايونىدىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىدۇ . چۈنكى، دىئاسپورا رايونى يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىسى تۆۋەن، جىنايەت كۆپ يۈز بېرىدىغان ، قالايمىقانچىلىق جىق بولىدىغان، ناچار ئادەملەر ۋە سۈپەتسىز ئادەملەر ياشايدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، يېڭى كۆچكەنلەر ئىچىدىن ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ياكى جەمئىيەتكە ماسلىشىپ بولغانلار بىر مەزگىلدىن كىيىن دىئاسپورا رايونىدىن چىقىپ كېتىدۇ . دىئاسپورادىن چىققاندىن كىيىن يەككە شەخسىنىڭ يەرلىك جەمئىيەتكە ماسلىشىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ھادىسىسى تولىمۇ تىز ۋە ئېغىر بولىدۇ. بولۇپمۇ كىيىنكى بىر ئەۋلاد كىشىدە يەرلىك مەدەنىيەتكە سىڭىپ كېتىش خاھىشى كۈچلۈك بولىدۇ.

كۆچمەن كىشىلەر دىئاسپورا رايونىدا ياشاش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەدە جان بېقىپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى، دىئاسپورا ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئىمكانىيىتى بەرسىمۇ، كۆچمەنلەرنىڭ كەلگۈسىنىڭ غۇۋا بولۇشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. غۇۋالىق دېگىنىمىز كۆچمەننىڭ قەلبىدە ياشاشقا بولغان ئىستەك ۋە ئىرادىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەمما، قانداق قىلىش ۋە نېمە قىلىش قاتارلىقلاردا ئېنىق بىر نىشانىنىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت. گەرچە كۆچمەنلەر يات ئەلدە جېنىنى جان ئېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كۆچمەن بولسىمۇ، بىراق، كۆچمەنلەر بارغان دۆلەت ياكى شەھەردە ھەمىشە كۈتكىنىدەك ياشاش شارائىتىغا ئىگە بولالمايدۇ. بۇ خىل ھالەت كۆچمەنلەرنىڭ بىر شەھەر ياكى دۆلەتكە كۆچۈپ بارغاندىن كىيىن كەلگۈسى تۇرمۇشىنىڭ غۇۋا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆچمەنلەر يات بىر يەرگە كۆچۈپ بېرىشىغىلا يات ئەللىكلەر ئۇنىڭغا قىلىدىغان خىزمەت، تاپىدىغان پۇل ۋە ياتىدىغان ئۆي تەييار قىلىپ قويمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ئۆز ماكانىنى، ئۆيىنى، دوستلىرىنى، كەسپىنى تاشلاپ يات ئەلگە چىققان كىشىلەرنىڭ يات مۇھىتقا سىڭىپ جان بېقىشىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق كېتىدۇ .

كۆچمەنلەر گەرچە دىئاسپورا ئارقىلىق بىر مەزگىل پاناھلانسىمۇ، ئەمما ئۇلار يات بىر مۇھىتتا ياشاش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرغان بىر بۆلۈك ئستىراتېگىيەلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆز مىللىتىدىن يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىش ئارقىلىق پۇل تېپىش، دىئاسپورا رايونىدا ئەسلىدىكى ئانا يۇرتىغا ئوخشاش ئاشخانا قاتارلىق ئىقتىسادىي تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئېچىش… دېگەندەك ئىقتىسادىي ئستراتىگىيەلەر.  بىر يۇرتلۇقلار ئۆز-ئارا ياردەم قىلىش، بىر يۇرتلۇقلار بىر قەرەللىك كۆرۈشۈش ۋە يار-يۆلەكتە بولۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئستراتېگىيەلەر.

ئەسلىدە يات بىر مۇھىتقا كۆچكەنلەر ئەسلىدىكى مۇھىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى ماكان. ئىنسانلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەلۇم بىر فىزىكىلىق مۇھىتقا باغلىنىپ ياشايدۇ. مۇھىت ئىنساننىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ. كۆچمەنلەر ئانا يۇرتىنى تاشلاپ باشقا بىر يات مۇھىتقا كۆچىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ، كۆچكەنلەر تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئانا ماكانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولىدۇ. كۆچمەنلەر يېڭى ماكانغا كىرگەندىن كىيىن ئانا يۇرتى بولغان بولغان ئالاقىنى يوقىتىشتىن كېلىپ چىققان قايغۇلىرى بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان مۇھىتقا ماسلىشىپ ياشىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى ماكانغا ئاسان كۆنەلمەيدۇ.

كۆچمەنلەر ئىككى بولۇپ ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگۈچى ياكى ئۆزگەرتكۈچى كىشىلەردۇر. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنىتنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ئىمكانىيەت ساقلانغان بولسىمۇ، ئەمما، كۆچمەنلەر يېڭى ئىجتىمائىي شارائىتتا ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە ئوخشىمايدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشكە، يېڭى دوست تۇتۇشقا ۋە يېڭى كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئۈچىنچى بولۇپ، كۆچمەنلەر يېڭى ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى سىياسىي ۋە قانۇنىي تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئادەتلەشتۈرىۋالغان ھەرىكەت، چۈشەنچە ۋە قىلىقلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

يەنە بىر نۇقتا ، كۆچمەنلەر يات بىر ماكاندا چەتكە قېقىلىدىغان كىشىلەردۇر. چەتكە قېقىلىش كۆچمەن بولغانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسەدۇر. چۈنكى، كۆچمەنلەر رەسمىي پۇقرالىققا ئۆتۈپ بولغۇچە نۇرغۇن تەرەپتە يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدە ئەڭ ئاددىيسى تېلېفوندا يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ ماشىنا ئىشلىتىشكىچە كۆچمەنلەرگە قارىتا يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان سىياسەتلەر بولىدۇ. لېكىن، كۆچمەنلەرنى تۈزۈم خاراكتېرلىك چەتكە قېقىش ھادىسىسى تۈركىيەگىلا خاس بولماستىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئورتاق ھادىسەدۇر. چۈنكى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە دونالد تىرامپ قاتارلىق سىياسەتچىلەر كۆچمەنلەرنى تۈزۈم ۋە قانۇن خاراكتېرلىك چەتكە قېقىش داۋالىرىنى قىلماقتا. دونالد تىرامپ ئەسلىدە زامانىۋى دۇنيانىڭ ئېقىشچان خاراكتېرى-كۆچمەنلەرنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئاۋاتلىشىشىغا قارىتا تەتۈر ناخشا توۋلاپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەرتىپتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى كۆچمەنلىكتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ساددا تەپەككۇردا بولدى.

قىسقىسى، كۆچمەنلىك زامانىۋى دۇنيا بىلەن تەڭ ئاپىرىدە بولغان بىر ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىدىن ئىبارەت. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە كۆچمەنلەرگە قارىتا خىلمۇ-خىل سىياسەت ۋە چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى ۋە ئۇنىڭ كۆچمەنلەر ھەققىدىكى سىياسىتى، سۇرىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىقلار كۆچمەنلىك ھەققىدە يېڭى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

_____________________

[1] Diasporaئەسلىدە گىرىكچە سۆز بولۇپ، چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا كۆپىنچە ھاللار يەدۇھىيلارنىڭ كۆچۈشى ۋە باشقا يەردە ئولتۇراقلىشىشىغا قارىتىلغان. بۈگۈنكى كۈندە نۇپۇسنىڭ كەك-كۆلەملىك كۆچىشى  ۋە كۆچكەن كىشىلەر شەكىللەندۈرگەن  مەھەللىنى كۆرسىتىدۇ.

[2] http://www.migrationpolicy.org/article/chinese-immigrants-united-states

[3] https://www.washingtonpost.com/news/worldviews/wp/2016/07/18/home-to-3-million-turkish-immigrants-germany-fears-rising-tensions/?utm_term=.8b41d99af5f9

كۆچمەنلىكنىڭ ئاددىي يۈزى“ ھەققىدە ئىنكاسلار

  1. ئانا تىل

    پەرھات تۇرسۇن

    بىر دوستۇمنىڭ ياۋرۇپاغا ماكانلاشقىنىغا خېلى يىللار بولدى
    ئۇزاقى يىل جىگەر راكىدا يات شەھەردە كۆزىنى يۇمدى
    ئايالى ياۋرۇپالىق
    باللىرىمۇ شۇ يەردە ئۆسكەن
    كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسى
    ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلىدا ۋېدالىشىش ئىكەن
    ئەپسۇس، ھېچكىم چىقمىغان ئىكەن.
    شۇڭا ئۇ ئايالىغا دەپتۇ :
    مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلىغان تۇنجى تىل ئۇيغۇر چە ئىدى
    يىغلىسام ئاتا – ئانام ئۇيغۇر تىلىدا بەزلەيتى
    سۆيەتتى، سىلايتى
    ئاپام ئۇيغۇر تىلىدا ئەللەي ئېيتاتتى
    ئەللەي تاتلىق ئۇخلىتاتتى، ئاڭلىماي ئۇخلىمايتىم
    كېچىچە كۆز يۇممايتىم، قارا بېسىشتىن قورقاتتىم
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆيگۈنى تۇيدۇم
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەللىكنى سەزدىم
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەركىنلىك ئىشىتتىم
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەقىلگە ئېرىشتىم
    گەپ قىلىشنى ئۈگەندىم
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلدۈردۈم ماڭا لازىمنى
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئايان قىلدىم ئاغرىق – زارىمنى
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا كۆز – كۆز قىلدىم شاتلىقلىرىمنى
    تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدىم مۇھەببىتىمنى
    ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇپ چىقتىم پۈتۈن روھىي دۇنيارىمنى
    بۇ تىلسىز بۇ دۇنيانىڭ كۆرىسىز گۇمرانىنى
    گۆش تىنىم باشقىلارچۈن تەجرىبىخانىغا ئايلىنار
    كاللام زېرىكىشلىك گىرامماتىكا كىتابى ۋە لۇغەتكە ئايلىنار
    خۇددى بىرسى مېنىڭ ئېغىزىمدا گەپ قىلىۋاتقاندەك
    چۈنكى مەن ئۇزۇن يىللار كېيىن
    ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ بۇ دۇنيانى ئاندىن بىلدىم
    يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزگە مىللەت ۋە تىللار بار
    تىل ئۈگىنىش جەريانى ھەمىشە ئايرىلىش ئازابىغا چىرمىشىۋالىدۇ
    ئىككىنچى تىلنىڭ ئۆگەيلىكىدىن قۇتۇلغىلى زادى بولمايدۇ
    مەن پەقەت مەۋجۇتمەن ئانا تىلىمدا
    بىردىنبىر زىمىنىمدۇر، يول يوق ئىشغالغا
    ئەركىنمەن مەن پەقەت ئانا تىلىمدا
    بىردىنبىر چۈشۈمدۇر، يول يوق بۇزۇشقا.

    2005-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بىيجىڭ

  2. سىلىمۇ ئەمدى «بازار چاققاننىڭ» دەپ دونال ترامپ ئۇياقتىن يەتتە دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى چىقىرىپ بولغۇچە بۇ ياقتىن بۇ تېمىنى قەلەمگە ئېلىپ بولۇپسىلەر.
    چۈمۈلىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا قاراپ ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىمەن. كىشىلەر ئالدىراش كېتىۋاتقان، قانلىق ئۇرۇشلار داۋاملىشىۋاتقان، رەھىمسىز رىقابەتلەر توختىمايۋاتقان، ئاچارچىلىق ھېلىھەم ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قويۇلغان سوئال بەلگىسى بولۇۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ ھالى بەلكىم ئاشۇ چۈمۈلىلەر دۇنياسىنىڭ بىرئاز ماكرو ھالىتى بولۇشى مۇمكىن(شۇلاردىن كۆپ پەرقىمىز بولماسلىقى مۇمكىن) دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئىچىم پۇشۇپ قالغان چاغلاردا يەرشارىدىن ئارانلا 400 كىلومتېر يىراقلىقتا يەرشارىنى ئايلىنىۋاتقان خەلقئارالىق بوشلۇق ئىستانسىسى(International Space Station) نىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلىۋاتقان ۋىدىيوسىنى كۆرۈپ باقىمەن، پۇتبۇل توپى چوڭلۇقىدا يەرشارى،… دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، سۇ ۋە قىتئەلەرلا كۆرۈنىدۇ. بۇنى كۆرۈپ ئۈستىدىكى خىياللىرىم تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەندەك بولىدۇ.

    بۇ شېئىرنى ياقتۇرىمەن.

    چەتئەلگە ھەۋەس قىلغۇچىلارغا سۆز
    راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

    «ئاجايىپ يەر» دەيسەن چەت ئەلنى،
    ياغامدىكەن قىزىل رەڭلىك قار؟
    ياكى قۇياش غەرپتىن چىقىپ،
    بولامدىكەن كۈندىلا باﮬار؟
    تىلىڭ تۇرۇپ بولىسەن كېكەچ،
    ئۆز گېپىڭنى ئېيتالماي راۋان.
    يۇرت مېھرىگە زار بولۇپ قەلبىڭ،
    جىسمىڭ بىھوش بولار بىگۇمان.
    مىسكىنلىكنىڭ ﮬەسرىتى چەكسىز،
    قىزىقمايدۇ ﮬېچكىم سىرىڭغا.
    نەچچە مەرتەم سۆيگۈڭ كېلىدۇ،
    لاي كوچىدا قالغان ئىزىڭغا.
    لاي سۇ ئىچكۈڭ كېلەر ئوچۇملاپ،
    قەﮬۋە ئىچىپ ياشايسەن بىراق.
    ئۆي لەغمىنى ئەتمەس شەﮬەردە،
    بولكا بىلەن يىغلايدۇ قورساق…
    تاپالمايسەن سەﮬرالىرىدىن
    ساڭا تونۇش كۆكلەم ﮬىدىنى.
    چۈشلىرىڭدە چىللايدۇ خوراز،
    سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى.
    باي بولساڭمۇ كەمبەغەلدۇرسەن،
    ئۆز يۇرتىدىن كەچمەس گادايدىن.
    چىقالمايسەن تىركىشىپ مەڭگۈ
    غېرىپلىقنىڭ قورشاۋلىرىدىن.
    ياڭرىمايدۇ ﮬەيۋەت شەﮬەردە
    يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى.
    ﮬېيت – بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك،
    ئاڭلانمىسا ئۇيغۇر ناۋاسى.
    قۇلىقىڭ سەندىن بولىدۇ بىزار
    ياقماي ياتنىڭ شېرىن سۆزلىرى.
    ئۇيغۇر قىزدىن جەلپكارمىكىن
    ياۋروپانىڭ كۆككۆز قىزلىرى؟!

    • بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەنلەرنىڭ يېشىل كارتىسى بولسىمۇ، ۋاشىڭگىتۇن ئايرۇدورۇمىدا چىگرىدىن كىرىش رەت قىلىنغانلىق ۋە قايتۇرىلىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقالدى ۋە بۇنىڭغا ۋە تام سوقۇشقا قارشى ئامېرىكا خەلقى نامايىش قىلدى.

  3. كۆچۈش ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى زامانىۋىلىشىشنىڭ باشلىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن بىللە مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتىرىغا چىقىشقا باشلىدى دەپ بىلىمىز. ئەمما تارىختىمۇ كۆچۈشلەر بولغان. تارىختىكى كۆچۈش ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى سىياسى سەۋەپلەر بىلەم مەجبۇرىي كۆچۈش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى ئوتتىرىغا چىققان يەنىلا مەجبۇرلۇق شەكلىدىكى كۆچتۇر. جەمىيەتشۇناسلىق پىنىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى زامانىۋىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش بىلەن بىللە كۆپىنچە مەجبۇرلۇقلار تۈپەيلىدىن ئوتتىرىغا چىققان كۆچلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋاتىمىز. چۈنكى زامانىۋىلىشىش چېغىدىكى كۆچۈش زامانىۋى جەمىيەت ۋە توپلۇملارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، سىياسى ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. كۆچۈش مەسىلىسىدە كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈپ بارغان يېرىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۆرۈگىنىدەك، كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈپ چىققان يېرىدىمۇ ئۆزگۈرىشلەر بولىدۇ ۋە ئجتىمائىي مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ. كۆچمەن مەسىلىسىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلغاندا بۇ ئىككىسىنى بىر قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەكمىدۇ؟ ئىچ كۆچ ۋە تاشقىرقى كۆچ مەسىلىلىسى بۇرۇنلاردا بەك چوڭ مەسىلە بولماپتىكەن، بۈگۈن بۇنىڭ ئېغىر بىر مەسىلە بولىشىنىڭ سەۋەبىنى چىگرالارنىڭ سىزىلىشى ۋە قاتتىق كونترول قىلىنىشى تۈپەيلىدىن كۆزگە كۆرىنەرلىك مەسىلىلەرنىڭ ئوتتىرىغا چىققانلىقىدىن دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەنچە بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن چىگرا جەمىيەتشۇناسلىقىغىمۇ ئىھتىياج باردەك قىلىدۇ. .ئۇنى دېسىغۇ بىرنى تۇتسا بىرى باغلىشىپ چىقىدىغان، ئەسكى پوپايكىدەك چۇۋۇلۇپ، چۇۋۋىغانچە چۇۋۋۇق چىقىدىغان ھەممىگە ئالاقىدار بىر پەن بۇ. رەھمەت سىزگە ئىقبالجان!

    • بۇرۇنقى جەمئىيەتلەردە پاسىللارنىڭ ئىنىق ئەمەسلىكى ئىنىق. ئەمما، كۆچۈش دەۋرىمىزدىكىدەك تىز رېتىمدا ۋە مەقسەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى. زامانىۋى دەۋرنىڭ باشلانغۇچىدا مىللىي دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن پاسىللار مۇستەھكەملەندى. پاسىللار ئارا خالىغانچە ئۆتۈشۈش چەكلەندى. ئەمما يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشى بىلەن پاسىللار يۇمۇشاشقا، ئادەم، ئۇچۇر ۋە ئىقتىسادلار نىسپەتەن ئۆتۈشۈشكە يۈزلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ شارائىتلىرىدا پەرق بولغاچقا، كۆچۈش تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى.
      يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، كۆچۈش زامانىۋى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەندىسىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئارقىلىق قۇرۇلغان دۆلەت. ياۋرۇپا ئىتىپاقىمۇ ئورتاق مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەدىن بەھىرلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ياشاش جەريانىدا چىگرا ۋە پاسىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. مىنىڭچە، كۆچۈش ۋە كۆچمەنلىك مەسىلىسى يىقىن كەلگۈسىدە قايتا مۇھاكىمە قىلىنىشى مۇمكىن.

      • پاسىللار بارغانسىرى يۇمىشىدى دېگەننى بەك توغرا تاپمىدىم. راس، تور، تېلىگىراف، مەديانىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن چەك چىگرالار ئىچىلىشقا باشلىدى، ئۆيدە ئولتۇرۇپ دۇنيانى كۆرەلەيدىغان بولدۇق، لىكىن ھەقىقىي مەنىدىكى چىگرا قاتتىقلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. 2. دۇنيا ئۇرىشىدا گىرمانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا تام قۇرغاندا پۈتۈن دۇنيا بىئارام بولغان، كۈنىمىزدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىمۇ تام بار، تىرامپ ئەپەندى چىققاندىن بېرى ئامىرىكانىڭ جەنۇبىدىكى تام قۇرۇلىشىنىمۇ كۈچەيتىپ بېرىۋاتىدۇ. قانۇن سىياسەت دەرىجىسىدە، پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەندەك رەسمىي بەلگىلىمە ھۆججەتلەر بىلەن يىتەرلىك، قاتتىق كونتىرول قىلىنىۋاتقان چىگرالار ئەمدى كەلدى ئىنسانلىقنى ئىزا تارتتۇردىغان دەرىجىدە دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىغا تام قۇرۇش دەرىجىسىگە يېتىپ بېرىۋاتىدۇ. ياۋرۇپالىقنىڭ نەزىرىيىسى ۋە كۆزى بىلەن، باينىڭ كۆزى نەزىرىيىسى بىلەن باقسا راس چىگرا يۇمشاۋاتقاندەك، بىر نەچچە سائەتتە ئۇ دۆلەتتىن بۇ دۆلەتكە كۆچۈپ يۈرەلىگەن بىلەن، ئاساسلىق كۆپىنچە دۇنيا كىشىلىرى ئۈچۈن چىگرا مەسىلىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق ھالەتكە ئۆتتى. بۇرۇنلاردا كىشىلەر خۇرجۇننى ئارتىپ ئۇ دۆلەتتىن بۇ دۆلەتكە ئۆتۈپ كەتكىنىدىن خەۋىرى يوق يۈگەن بولسا ھازىر چىگراغا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قانچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىن قاتتىق كونترولنى ھىس قىلىدۇ، ئۆتۈپ كىتىپ كىلىپ يۈرۈشقۇ مۇمكىن ئەمەس. خۇلاسە كالام، بۈگۈنكى جەمىيەتشۇناسلىققا تېما بولىۋاتقان بۇ كۆچۈش ۋە كۆچمەننىڭ مەسىلىسى، زامانىۋى مەنادىكى دۆلەت، مىللەت ئۇقىمىنىڭ ئوتتىرىغا چىقىشى بىلەن، قاتتىق كونترول ئاستىدا چىگرالارنىڭ سىزىلىشى ۋە كونتول قىلىنىشى بىلەن بۈگۈنكى مەنىدە ئۆزگىچىلىك قازانغان. شۇنىسى ئېنىقكى دۇنيا بىر دولقۇن ياشايدۇ ۋە ياشۋاتىدۇ، دۇنيانى تەتقىق ئوبىكتى قىلغان جەمىيەتشۇناسلىق ۋە كۆچ جەمىيەتشۇناسلىقىمۇ بىر دولقۇن ياشايدىغانلىقى ئېنىق.

  4. بىر تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسىنىڭ ترامپقا بەرگەن باھاسى: «چىرايلىق خۇتۇنىدىن باشقا ماختىغۇدەك تۈزۈك بىر ياخشى تەرىپى يوق، بۇ ساراڭ دۆلەتنى twitter دىن(يەنە كېلىپ يېرىم كېچە سائەت تۆتتە tweet يوللاپ) باشقۇرىدۇ»

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز