ئائىلە ھەققىدە قىسقا گەپلەر
مۇتەللىپ ئىقبال ئەنئەنىۋى ئائىلىلەر ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىقتىسادىي بىرلىك ئىدى. ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىقتىساد ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. بۇ خىل ھالەت توي ئىشلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ چىقاتتى. ئەمەلىيەتتە ئوغۇل ياكى قىز تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بېرىدىغان تويلۇقى پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي پائالىيەت ئىدى. نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ تارىخىدا تويلۇققا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبى ئائىلىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىقتىسادىي ئورۇن ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تويلۇق ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىش ئىدى. تويلۇق ئەسلىدە جەمئىيەتتە ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى