SAE دىكى WP نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى

مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل نام ئىشلەتكەنلەرگە نىسبەتەن WP نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈش ئادەتتىكىچىلا بىر ئىش، پەقەت ئارقا بەتتىن يېڭىلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ قويسىلا، WP ئۆزى ھەممىنى بېجىرىپ بېرىدۇ، ئەمما SAE دىكى WP نى يېڭىلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، سەۋەبى ئالدىنقى يازمىلىرىمدا دەپ ئۆتكەندەك، ئورگان تەرەپ تور يۈزىدە يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتكەن، ھۆججەتداننىڭ يېزىش ئىقتىدارى ئېتىك، ئۇنى ئاچقىلى ھازىرچە بولمايدۇ، ئۇنداقتا SAE دىكى WP نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

مەن سىناش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەشرىنى 3.3.1 گە كۆتۈرىۋالدىم، بۇ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدۇر. نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

(1) ئالدى بىلەن WP نىڭ ئورگان بېتىدىن ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نەشرىنى چۈشۈرۈڭ، ئەگەر تاپالمىغان بولسىڭىز چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://ug.wordpress.org/wordpress-3.3.1-ug_CN.zip

(2) چۈشۈرگەن ھۆججەتنى بىر جايغا يېشىڭ. دىققەت قىلىدىغىنىڭىز شۇكى، ھەرگىزمۇ SAE نىڭ يەرلىكتىكى ھۆججەتدانىغا قاپلاپ يېشىپ سالماڭ.

(3) SAE نىڭ يەرلىكتىكى ھۆججەتدانىنى بىر يەرگە زاپاسلاپ كۆچۈرۈپ قويۇڭ. تور كۆرگۈچتە ئارقا بەتكە چىقىپ، بارلىق يازمىلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ. زاپاسلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئارقا بەتتىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جاينى تاللايسىز:

ئەڭ ئاخىرىدا ئاستىدىكى كونۇپكىنى باسسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزغا بىر xml پىچىمىدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئوبدان ساقلاپ قويۇڭ، بۇ سىزنىڭ بارلىق يازمىلىرىڭىزدۇر.

(4) توردىن چۈشۈرۈپ يەشكەن ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى تاللاپ، يەرلىكتىكى ھۆججەتدانغا كۆچۈرۈڭ، يېڭىلانغان ھالىتى مۇنداق بولىدۇ:

(5) ئاندىن باش ھۆججەتدانغا قايتىپ، تورغا يوللاشنى بېسىڭ، رەسىمدىكىدەك:

(6) چىققان كۆزنەكتىن «ھەممىسى»(All) نى تاللاپ بارلىق ھۆججەتلەرنى يوللاڭ، يوللاش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئورگان تەرەپنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان خاتالىقتۇر، يەنە قايتا «ھەممىسى»نى بېسىپ قايتا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

(7) ھۆججەتلىرىڭىز(مېنىڭكىدە 573 دانە ھۆججەت باركەن) يوللىنىپ بولغۇچە بىردەم تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېمەكچىكى، بەك جىددىيلىشىپ نېرۋىڭىزنى چارچىتىپ قويماڭ. ھۆججەتلەر يوللانماقتا:

(8) بارلىق ھۆججەتلىرىڭىز يوللىنىپ بولغان بولسا، تور كۆرگۈچتە تور خاتىرىڭىزنىڭ باش بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ. بوپقالدىمۇ نېمە؟ بۇ يەرلىرى ئۆزگىىرپ قاپتىغۇ؟

(9) ئارقا بەتكە كىرىپ باقايلىچۇ؟ ئو… ما ئىشنى مۇنداق چىقىۋالدىغۇ؟ بوپتىلا، ئاۋۇ كونۇپكىنى بېسىپ، سانداننى يېڭىلىۋېتەيلى.

(10) سانداننى يېڭىلاپ بولدۇق، داۋاملىق ھە!

(11) ۋاھ، پۈتۈپتۇ!

قانداق ئاسانمىكەن؟




8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif