ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، SAE تور خاتىرىسى ئادەتتە خەنچە بولۇپ، WP نىڭ نەشرىمۇ 3.2.1، ئەمما ئەڭ يېڭى WP نىڭ نەشرى 3.3.1، ئارقا بەتمۇ خەنچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا بەتتىن نەشرىنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. نەشرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مېنىڭ «SAE دىكى WP نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى» دېگەن يازمامغا قاراڭ. ئارقا بەتنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەقلىيفون ھەۋەسكارلىرى بلوگى دىكى «sinaapp غا قاچىلانغان wordpress نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى» دېگەن يازمىدىكى بولاقنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. ئەمما قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا بىرمۇنچە ئاۋارىچلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئاۋارىچىلىق ۋە خاتالىقلارنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
1-ئارقا بەت ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى نورمال تونۇماسلىق ۋە ھۆججەت يېزىش خاتالىقىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى
يېڭى نەشرىگە كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بولىقىنى قاچىلىغاندىن كېيىن، كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك خاتلىق چىقىۋالىدۇ.
بۇ خاتالىق دەل SAE ئورگان تەرەپنىڭ ھۆججەتدانغا يېزىشنى چەكلەپ قويغانلىقىدىن بولغان، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن، wp-contentlanguages ھۆججەتدانىدىكى ug_CN.php دېگەن ھۆججەتنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەسلى ھۆججەتتىن مونۇ قۇرلارنى تېپىڭ.
ئاندىن ئۇنى مۇنداق ئۆزگەرتىڭ، يەنى 21-قۇرغا «*/»نى قوشۇڭ، 28-قۇر بىلەن 29-قۇر ئارىلىقىغا يېڭى قۇر قوشۇپ، يېڭى قۇرغا «/*» نى قوشۇڭ.
بۇ ئاشۇ قۇرلارنى ئىزاھلاش رولىنى ئۆتەپ، ھۆججەت يېزىش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۆججەت يېزىش خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ كودنى يازالمىسىڭىز تۆۋەندىكىنى كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. (ئازراق قالايمىقان كۆرۈنىدۇ، ئەمما توغرا)
function set_font_face () { $cssFile = dirname(dirname(__FILE__)). '/languages/fontfaces.css'; /* if (file_exists($cssFile)){ $cssContent = file_get_contents($cssFile, NULL, NULL, 40, 0); $pos = strpos($cssContent, "font-face settings for WordPress 3.3"); if ($pos === false) { unlink($cssFile) or die("[$cssFile] ni ochurgili bolmidi.n"); } } */ if (!file_exists($cssFile)) {
ھۆججەتنى ساقلاپ، تورغا يوللاڭ. ئەمدى ئارقا بەتكە قارىساق، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بىنورمال.
ئەمدى بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن، يەنىلا wp-contentlanguages ھۆججەتدانىدىكى fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەسلى ھۆججەت مۇنداق:
بۇنىڭدىكى http://localhost/www/uy/ugwp/wp-content/languages/ لارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋېتىمىز، نەتىجىدە بۇ ھۆججەت مۇنداق بولىدۇ:
ھۆججەتنى ساقلاپ تورغا يوللىۋەتسىڭىزلا، ئارقا بېتىڭىزمۇ نورمال بولىدۇ.