SAE تور خاتىرىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا ئۇچرايدىغان بىر نەچچە مەسىلىلەر توغرىسىدا

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، SAE تور خاتىرىسى ئادەتتە خەنچە بولۇپ، WP نىڭ نەشرىمۇ 3.2.1، ئەمما ئەڭ يېڭى WP نىڭ نەشرى 3.3.1، ئارقا بەتمۇ خەنچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقا بەتتىن نەشرىنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. نەشرىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مېنىڭ «SAE دىكى WP نىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى» دېگەن يازمامغا قاراڭ. ئارقا بەتنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەقلىيفون ھەۋەسكارلىرى بلوگى دىكى «sinaapp غا قاچىلانغان wordpress نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى» دېگەن يازمىدىكى بولاقنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. ئەمما قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا بىرمۇنچە ئاۋارىچلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئاۋارىچىلىق ۋە خاتالىقلارنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

1-ئارقا بەت ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى نورمال تونۇماسلىق ۋە ھۆججەت يېزىش خاتالىقىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

يېڭى نەشرىگە كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بولىقىنى قاچىلىغاندىن كېيىن، كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدەك خاتلىق چىقىۋالىدۇ.

image

بۇ خاتالىق دەل SAE ئورگان تەرەپنىڭ ھۆججەتدانغا يېزىشنى چەكلەپ قويغانلىقىدىن بولغان، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن، wp-contentlanguages ھۆججەتدانىدىكى ug_CN.php دېگەن ھۆججەتنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەسلى ھۆججەتتىن مونۇ قۇرلارنى تېپىڭ.

image

ئاندىن ئۇنى مۇنداق ئۆزگەرتىڭ، يەنى 21-قۇرغا «*/»نى قوشۇڭ، 28-قۇر بىلەن 29-قۇر ئارىلىقىغا يېڭى قۇر قوشۇپ، يېڭى قۇرغا «/*» نى قوشۇڭ.

image

بۇ ئاشۇ قۇرلارنى ئىزاھلاش رولىنى ئۆتەپ، ھۆججەت يېزىش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۆججەت يېزىش خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ كودنى يازالمىسىڭىز تۆۋەندىكىنى كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. (ئازراق قالايمىقان كۆرۈنىدۇ، ئەمما توغرا)

function set_font_face () { $cssFile = dirname(dirname(__FILE__)). '/languages/fontfaces.css'; /* if (file_exists($cssFile)){ $cssContent = file_get_contents($cssFile, NULL, NULL, 40, 0); $pos = strpos($cssContent, "font-face settings for WordPress 3.3"); if ($pos === false) { unlink($cssFile) or die("[$cssFile] ni ochurgili bolmidi.n"); } } */ if (!file_exists($cssFile)) {

ھۆججەتنى ساقلاپ، تورغا يوللاڭ. ئەمدى ئارقا بەتكە قارىساق، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بىنورمال.

image

ئەمدى بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن، يەنىلا wp-contentlanguages ھۆججەتدانىدىكى fontfaces.css ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەسلى ھۆججەت مۇنداق:

image

بۇنىڭدىكى http://localhost/www/uy/ugwp/wp-content/languages/ لارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋېتىمىز، نەتىجىدە بۇ ھۆججەت مۇنداق بولىدۇ:

image

ھۆججەتنى ساقلاپ تورغا يوللىۋەتسىڭىزلا، ئارقا بېتىڭىزمۇ نورمال بولىدۇ.

image




19 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئالامەت ئىسىل يازما يوللاپسىز جۇمۇ :mrgreen: مۇشۇنداق پايدىلىق يازمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز… :mrgreen:

  • ئۇيغۇرشاھ ئىنكاس يازسا نىدا نىڭ باش سۇرىتى چىقىپتىغۇ، بىزدەك چىقارمامدۇ باش سۇرەت دىگەننى :mrgreen:

    • نىدا جاۋاب

      مەن ئاشۇنداق تەڭشەپ قويغان، گراۋاتار باش سۈرىتى تەڭشەلمىگەنلەرنىڭ باش سۈرىتى ئاشۇنداق چىقىدۇ. :lol:

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:نىدا …مەن بىلوگىمنىڭ خەت يۆلىنىشىنى توەۇرلىيالمىدىم…ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلغان بولسىڭىز….رەخمەت…

  • كاشكاپ جاۋاب

    ياخشىمۇسىز؟مېنىڭ بىلوگۇمنى خاپا بولماي ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز،رەھمەت.
    http://kaxkap.blogbus.com
    http://www.kaxkap.tk

    • نىدا جاۋاب

      ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت! :mrgreen:

  • بىرمىسقال جاۋاب

    مېنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.رەھمەت!
    yegana.blogbus.com
    http://www.1miskal.tk

    • نىدا جاۋاب

      ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت! :!:

  • زېرو جاۋاب

    ناھايىتى يازمىلارنى يىزىپسىز ، مەن ياردەم قىلىسز مۇڭداشقۇمنى قۇشۇۋېلىڭلار 276105105
    يەنە بىر ئىش مەن ئېنكاسنى ئۆزەمنىڭ بلوگىدا يېزىپ ئاندىن چاپلىدىم، سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئۇيغۇرچە ئنكاس يازغىلى بولمايۋاتىدۇ،

  • zero جاۋاب

    bu kan dak bolgi ni mi nig mu xun dak bop kal di

  • zero جاۋاب

    ئەمدى چىقتى

  • زېرو جاۋاب

    مېنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن

    • نىدا جاۋاب

      ئۇلىنىشقا قېتىپ قويدۇم، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت! :!:

  • يازما بېتىدە يان بۆلەك چىقمايدىكە! :idea:

  • قاراخان جاۋاب

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم. تېمامەزمۇنىغاماس كەلمىسىمۇ سوراپ باقاي ياردەم قىلسىڭز.مەن سىزنىڭ يازمىڭىزنى ئىنتىلدا كۆرۈپ بلگدىن بىرنى قۇرۋالغان ئىدىم. بىراق رەسمى پۈتمىگەن ئىدى.ئارلىقتا توردا چىقالماي جىق ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىلوگ باش بىتىنى ئاچسام您所访问的网站发生故障دەپ ئەسكەرتىش چىقىپ ئىچىلمايۋاتىدۇ. ئارقا سۇپا نورمال ئىچىلدۇ. بۇ مەسىلنى قانداق ھەل قىلىمەن. ياردەم قىلسىڭىز.بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويسىڭز…

    • نىدا جاۋاب

      بەلكىم بوشلۇقتىكى ھۆججەتلىرىڭىز بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن. بلوگ ئارقا بېتىگە كىرگىلى بولسا شۇ يەردىن، بولمىسا سىنا باشقۇرۇش سۇپىسىدىن سانداننى زاپاسلىۋېلىڭ، ئاندىن سىنا ئەپ ئامبىرىدىكى (新浪应用仓库) خەنچە WordPress نى قاچىلاڭ. ئەگەر بۇرۇن يەرلىككە زاپاسلىۋالغانلىرىڭىز بولسا شۇنى يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  • قاراخان جاۋاب

    زاپاسلىغىدەكمۇ مۇھىم تېما ھۆججەتلىرىم يوق ئىدى.سىز دىگەندەك WordPressنى قايتا قاچىلاپ باقتىم.نورمال قاچىلاندى لىكىن بەتنى ئاچسام يۇقارقىدەك خاتالىق يەنە چىقىۋالدى. مېنىڭ جۇغلانمد نۇمۇرۇم -56بوپ قاپتۇ. يا شۇنىڭ سەۋەبىمۇ بىلمىدىم.بولسا ياردەم قىلسىڭىز؟جىددى بوپ قالغان ئىدى.رەخمەت مېنىڭ qqرىم:120213995

    • نىدا جاۋاب

      ھە، ئەسلىدە جۇغلانمىڭىز تۈگىگەن ئىكەن -دە؟ شۇڭا سىنا تەرىپىدىن زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇلۇپتۇ. باشقىدىن بىرنى تىزىملىتىپ ئىشلىتىڭ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif