SAE تور خاتىرىسىگە ئىستاستىكا كودى قوشۇش ئۇسۇلى

بۇ يازمىدا ئاساسلىق SAE دىن پايدىلىنىپ قۇرغان WP تور خاتىرىسىگە ئىستاستىكا كودى قوشۇش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ. بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان دېتالنى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «SAE تور خاتىرىسىگە ئۇسلۇب قوشۇش ۋە ئارتۇقچە ئۇسلۇبلارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى» دېگەن يازمىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

يۇقىرىقى يازمىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، SAE دىن پايدىلىنىپ قۇرغان WP تور خاتىرىسىنى باشقۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمما بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئەگەر بۇ ئۇسۇللارنى پىششىق ئىگىلىۋالسىڭىز بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ قالىسىز.

تور خاتىرىسى يازغانكەنسىز، ئەلۋەتتە، ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ زادى قانچىلىكلىنى، ئۇلارنىڭ قەيەرلەردە تۇرۇپ، قايسى يازمىلىرىڭىزغا بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىنى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىلگۈڭىز كېلىدىغاندۇ؟ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سىزنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزدە بىرەر نىشاننى كۆزلەپ، يازما يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ. ئۇنداقتا، تور خاتىرىڭىزگە ئىستاستىكا كودى قىستۇرىۋالسىڭىزلا، ئاشۇ ئىستاستىكا كودى بىلەن تەمىنلىگەن تور بەتلەر سىزنى ئاشۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، تۆۋەندە تور خاتىرىسىگە ئىستاستىكا كودى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن.

(1) ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بەتكە تىزىملىتىسىز. تىزىملىتىش ئۇسۇلى ئاددى بولغاچقا قالدۇرۇلدى. تىزىملىتىش مەنزىلى: http://www.linezing.com

(2) تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ھېساباتىڭىزغا كىرىسىز. ئاندىن «يېڭى تور بېكەت قوشۇش» دېگەننى چېكىسىز. رەسىمدىكىدەك:

image

(3) تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى بولۇپمۇ ئارقىسىغا قىزىل يۇلتۇز بەلگىسى قويۇلغان (رەسىمدە كاتەكچە ئىچىگە ئېلىنىپ، ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىلدى) ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا «تاپشۇرۇش» (提交)نى بېسىپ جەزملەيسىز. ئىستاستىكا كودىنى سەيياھلارنىڭ كۆرۈۋالماسلىقى ئۈچۈن، «ئاشكارا» تۈرى تاللانماستىن، «ئاشكارىلىماسلىق»(不公开) تۈرى تاللاندى، ئاستىدىكى ئىستاستىكا بەلگىسىنى كۆرسىتىش تۈرىگە تۆت چاسا شەكىلدىكىسى تاللاپ قويۇلدى، ئۇنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.

image

مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

image

(4) يېڭى چىققان بەتتىكى ئىستاستىكا كودىنى كۆچۈرۈۋالىسىز. ئىستاستىكا كودى ئاساسەن ئوخشاش پەقەت رەسىمدىكى تەرتىپ نومۇرىلا مېنىڭكىدىن پەرقلىنىشى مۇمكىن.

image

ئادەتتە، SAE بوشلۇقى javascript نى قوللىغانلىقتىن ئۈستىدىكى كودنى «كود كۆچۈرۈۋېلىش»(复制代码) كونۇپكىسىنى بېسىپ كۆچۈرىۋالساق بولىدۇ.

(5) يەرلىككە چۈشۈرۈپ ماس قەدەملەشتۇرۇۋالغان ئۇسلۇب ھۆججەتدانىدىن footer.php ھۆججىتىنى ئاچىمىز. (بۇ باسقۇچ ئالدىنقى يازمىدا تونۇشتۇرۇلغاچقا، بۇ يەردە قايتا تونۇشتۇرۇلمىدى.) ئاندىن بۇ ھۆججەتتىكى تۆۋەندىكى ئورۇنغا كۆچۈرۈۋالغان كودنى چاپلايمىز. مەن ئىشلەتكەن ئۇسلۇب بىلەن سىزنىڭكى پەرقلىنىشى مۇمكىن، شۇڭا ئادەتتە بۇ كودنى



3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • خەتلىك تەپسىلى چىقىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ بۇ سىتاتىسكىنى ؟

  • مەنمۇ ئورنىتىمەن دەپ ئورنىتالمايۋاتىمەن ، :roll:

  • يىگانە جاۋاب

    رەخمەتئئئياخشى تىما ئىكەن :razz:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif