SAE تور خاتىرىسىگە Windows Live Writer دىن پايدىلىنىپ تېما يوللاش ئۇسۇلى

بۇ يازمامدا ئاساسلىق Sina App Engine تور خاتىرىسىگە Windows Live Writer دىن پايدىلىنىپ تېما يوللاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرىلىدۇ.

ئەگەر سىز ئىلگىرى WordPress تىن پايدىلىنىپ قۇرغان تور خاتىرىڭىزگە Windows Live Writer دىن پايدىلىنىپ تېما يوللاپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز ھەمدە Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ تور خاتىرىسى قۇرۇۋالغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا تېما يوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ تېمىدا دېيىلگەن مەزمۇنلارغا ئېھتىياجىڭىز چۈشۈشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنداق ئېھتىياجىڭىز بولمىسا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن.

ئەگەر سىز Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ تور خاتىرىسى قۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز «دولانلىق» ئەپەندى يازغان تۆۋەندىكى تېمىلاردا بولسۇن:

Sina App Engine دا WordPress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (1)

Sina App Engine دا WordPress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (2)

Sina App Engine دا WordPress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (3)

ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تېما مەزمۇنىدا بولسۇن:

1- كومپيۇتېرىڭىزدىكى Windows Live Writer دېتالىنى قوزغىتىڭ. ( ئەگەر بۇ دېتال يۇق بولسا ھەمدە كومپيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows XP بولسا، بۇ مەنزىلدىن مەزكۇر دېتالنى چۈشۈرۈۋالالايسىز. مەنزىل: http://explore.live.com/windows-live-writer-xp )

2- دېتالغا تور خاتىرە ھېساباتى قوشۇڭ،  ئەگەر بۇرۇن قوشۇپ بولغان بولسىڭىز بىۋاسىتە 3-باسقۇچقا تاقلاپ ئۆتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باسقۇچتىكى مەشغۇلاتمۇ يەنە بىر قانچە كىچىك قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ.

(1) دېتالنىڭ قورال (工具) تىزىملىكىدىكى ھېسابات (账户) تۈرىنى چېكىڭ.

Wlw06

(2) چىققان كۆزنەكتىن «قوشۇش» (添加) كونۇپكىسىنى (سۈرەتتىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغىنى) بېسىپ ھېسابات قوشۇشنى باشلايمىز.

Wlw05

(3) چىققان كۆزنەكتىن ئەڭ ئاستىنقىسىنى تاللاپ، «كېيىنكى قەدەم» (下一步) نى باسىمىز.

Wlw01

(4) چىققان كۆزنەكتىكى مۇناسىپ تۈرلەرگە ئۆزىمىزنىڭكى ماس ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، «كېيىنكى قەدەم»(下一步) نى باسىمىز، ئەلۋەتتە، كېيىن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈشكە ئېرىنسەك، ئەڭ ئاستىدىكى مەخپىي نومۇرنى ساقلىۋېلىش تۈرىنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر مەخپىي نومۇرىمىزدا خاتالىق بولمىسا، كېيىن ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالايمىز، ئەمما بۇنىڭ بىر يېتەرسىزلىكى مەخپىي نومۇرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنى تېزلىتىدۇ.

Wlw02

(5) دېتال بىز كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مۇلازىمېتىرغا ئۇلاپ، كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشقا باشلايدۇ، بۇنىڭغا بىرنەچچە سېكۇنت ياكى بىرەر ئاش پىشىم ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ شۇ چاغدىكى تور سۈرئىتىڭىز، سىنا مۇلازىمېتىرىنىڭ سۈرئىتى قاتارلىقلارغا باغلىق.

Wlw03

(6) ئەگەر مۇلازىمېتىر بىلەن ئالاقىلىشەلىگەن بولسا، دېتالنىڭ ئوتتۇرىدىكى تېكىست رامكىسىدا سىزنىڭ تور خاتىرىڭىزدە بەلگىلىگەن تور خاتىرە نامى كۆرۈنىدۇ. سىز كۆزنەكتىكى «تامام»(完成) كونۇپكىسىنى بېسىپ، كېيىنكى باسقۇچ بويىچە تېما يېزىشنى باشلىسڭىز بولىدۇ.

Wlw04

3- ئەمدى سىز رەسمىي يوسۇندا بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۆز تور خاتىرىڭىزنى يېزىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېتالنى ئىشلىتىش خۇددى Word دېتالىنى ئىشلىتىشكە ئوخشاش ناھايىتى ئاددى، سىز Word دېتالىغا پىششىق بولسىڭىز، بۇ دېتالغا بىردەمدىلا كۆنۈپ كېتىسىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندە بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى (چەكسىڭىز ئەسلى چوڭلۇقتىكىسى كۆرۈنىدۇ) ۋە بىر قىسىم ئىشلىتىش زۆرۈر ياكى ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپ جايلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

Wlw07

(1) بۇ رايوندىكى كونۇپكىلار ئارقىلىق سىز خۇددى Word قا ئوخشاشلا يېڭىدىن ھۆججەت قۇرالايسىز، يازغانلىرىڭىزنى ساقلىيالايسىز ياكى بۇرۇن يازغانلىرىڭىزنى ئېچىپ تەھرىرلىيەلەيسىز.

(2) بۇ كونۇپكىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىرىڭىزنى تورغا يوللىيالايسىز.

(3) بۇ يەردىكى قىسقۇچلار ئارقىلىق سىز يازغانلىرىڭىزنىڭ ئەسلى كودىنى ياكى تورغا يوللانغاندىكى كۆرۈنۈش ھالىتىنى كۆرەلەيسىز.

(4) بۇ يەردىن يازغان تېمىڭىزنى تۈرىنى تاللىيالايسىز ياكى يېڭى تۈر قوشالايسىز.

(5) بۇ يەردىن يازغان تېمىڭىزغا خەتكۈچ قوشالايسىز.

(6) بۇ يەردىن يازغان تېمىڭىزنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى بەلگىلىيەلەيسىز، ئەگەر بۇ يەرنى ئۆزگەرتمىسىڭىز سىز (2) دىكى كونۇپكىنى باسقان ۋاقتىڭىزدىكى سىستېما ۋاقتى بويىچە ساقلايدۇ.

(7) نۆۋەتتىكى تور خاتىرە نامىڭىز، ئەگەر بىر نەچچە تور خاتىرە ھېساباتىڭىز بولسا ھەمدە ئۇلارنى 2-باسقۇچتىكى ئۇسۇل بويىچە قوشقان بولسىڭىز، مۇشۇ يەرنى بېسىش ئارقىلىق ئۆز ئارا ئالماشتۇرالايسىز.

(8) نۆۋەتتىكى تور خاتىرە بېتىڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.

(9) نۆۋەتتىكى تور خاتىرە بېتىڭىزنىڭ ئارقا باشقۇرۇش بېتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

بۇ دېتالنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا قوشۇمچە قىستۇرما قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى تەپسىلىي تونۇشتۇرمايمەن، سىز ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن توردىن ئىزدەپ ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ.




4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەجەپ ياخشى

  • amdi bu timidin paydilinay

  • مىنىڭ چۇشۇرگىنىم يىڭى نۇسخسى بولغاچ تەڭشەش جەريانى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىكەن

  • ما ئۇسۇلدىن پايدىلانمىغانلار بلوگنىڭ ھوزورىنى سۇرەلمەيدىكەن جۇمۇ بۇنىڭدا تىما يوللىسا پەچەتكەن http://uys60.sinaapp.com دىكى تىمىلارنىىڭ رەسىمىدىڭى بىكەتنىڭ ئادرىسىنى مۇشۇ تىمىدىن پايدىلىنىپلا قىلغا ن

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif