WordPressنىڭ SAE ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە نۇسخسى پۈتتى!
ئىلگىرى خېلى كۆپ قىسىم بلوگچىلار SAE ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن خەنچە نۇسخىسىنى قاچىلاش ۋە بىر قىسىم بلوگچىلار تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە بولاقنى باستۇرۇش ئارقىلىق WordPressنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدى، مەنمۇ شۇ قاتاردا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋالغان ھەمدە ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن يېڭى نۇسخىسىغا كۆتۈرۈۋالغان ئىدىم. ئەمما زور بىر قىسىم بلوگلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ئوخشىمىغان خاتالىقلارغا ئۇچراپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە نەشرىنى كۆتۈرۈشتە مەغلۇپ بولغان، ھەتتا يېڭىباشتىن قاچىلاش، ھېساباتى يۇيۇلۇپ كېتىشتەك ئاۋارىچىلىقلارغىمۇ يولۇققان ئىدى، ئۆزەممۇ نەشرىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن Windows Live Writer دا يازمايوللاش ئىقتىدارى ئېتىلىپ قېلىپ، قايتا خەنچە نەشرىنى قاچىلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە مۇشۇ نەشرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ئويلاشتىم ۋە تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇنىمۇ ئىشقا ئاشۇردۇم.
بۇ نۇسخىسى SAEنىڭ ئورگان بېتى تەمىنلىگەن خەنچە نەشرى (تور بەت مەنزىلى http://wp4sae.org/) ۋە WordPress نىڭ ئورگان بېتى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە نەشرى (تور بەت مەنزىلى http://ug.wordpress.org/ ) ئاساسىدا SAE غا ماسلاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتىكى نەشرىدە بىر قىسىم جايلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى، بۇلار ئاساسلىق قاچىلاش، يېڭىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرى، كېيىنكى نەشرىدە بۇ جايلارنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇشقا تىرىشىمەن. ئارقا بېتى ۋە ئىككى دانە بىرگە بېرىلگەن ئۇسلۇب پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە.
نۆۋەتتىكى نەشرى:3.2.1
گەرچە بۇ نۇسىخسىنى SAE نىڭ ئورگان بېتىگە يوللاپ بەرگىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئورگان تەرەپتىن تېزلىكتە سىناشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق سادا بولمىدى، ئاخىرى بۇنى تارقىتىۋېرىش قارارىغا كەلدىم.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1) سىنادىن بۇلۇت بوشلۇقىنى ئىلتىماس قىلغان بولۇشىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭدىكى قوللانمىلار(应用) نىڭ ئىچىدىن WordPressنىڭ SAE ئۈچۈن ئىشلەنگەن خەنچە نۇسخىسىنى قاچىلىشىڭىز شەرت. (سەۋەبى، خەنچىسىنى قاچىلىماي بىۋاسىتە ئۇيغۇرچىسىنى قاچىلىسىڭىز mencache,storage دېگەندەك بىرمۇنچە مۇلازىمەتلىرى ئېچىلمايدىكەن ياكى بۇلارنى ئۆزىڭىز ئېچىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئاۋارىچلىقى تېخىمۇ كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچىسىنىڭ نورمال ئىشلىشى مۇمكىن بولماي قالىدىكەن.)
2) سىنا تەمىنلىگەن يەرلىك بىلەن تور ئوتتۇرىسىدا ھۆججەت يوللاش دېتالى ئارقىلىق توردىكى ھۆججەتلەرنى يەرلىككە چۈشۈرۈڭ.
3) ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىللىرىدە بېرىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ خالىغان بىرىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ يېشىپ، بۇ ھۆججەتلەرنى 2-باسقۇچتا چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كۆچۈرۈڭ.
4) يەرلىكتىكى ھۆججەتلەرنى تورغا يوللاڭ.
بۇ چاغدا توردىكى بوشلۇقىڭىزنى ئاچسىڭىز، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
گوگۇل
بەيدۇ
360
كۇپەن
189
skydrive
سىنا ئې-خەت ساندۇقى 300 مېگابايتلىق تور دىسكىسىدىكى ھەمبەھىرلەش ئۇلانمىسى
(بىر نەچچە تور دىسكىسىنى تەڭ سىناپ باقماقچى بولۇپ يوللاپ قويدۇم. گوگۇلدىكسى ئېچىلمىسا hosts ھۆججىتىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئېچىلىدىغان قىلغىلى بولىدىكەن.)