قازاق خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، كۆرۈنەرلىك شائىر، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى مۇختار شاخانوف 1942-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ ئوترار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شاخانوف ئەسەرلىرى دۇنيادىكى 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ ئاتىسىدىن 9 يېشىدا يىتىم قېلىپ، 7- سىنىپنى تۈتۈرگەندىن كېيىن، ئاۋال كولخوزدا تراكتورچى، چىمكەنت سېمونت زاۋۇدىدا بېتون قۇيغۇچى، كېيىنرەك "جەنۇبىي قازاقىستان" («Оңтүстік Қазақстан») گېزىتىدە كوررىكتور، ئەدەبىي خادىم، "لېنىنچى ياش" ( «Лениншіл жас») گېزىتىنىڭ جامبۇل، چىمكەنت، قىزىلئوردا ۋىلايەتلىرى بويىچە مۇخبىرى ۋە يەنە باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
1993 - 2003-يىللار ئارىسىدا ئون يىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق پەۋقۇللاددە ۋە تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە دىپلوماتىيە خىزمىتىدە بولدى. 2003-2004-يىللىرى جۇمھۇرىيەتلىك "جالىن" («Жалын» - "يالقۇن" دېگەن مەنىدە - نازىمى) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، "21-ئەسىر ۋە مەنىۋىيەت" ("XXI ғасыр және Руханият") ناملىق خەلقئارا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بولدى. ھازىر قازاقىستان پارلامېنتى مەجىلىسىنىڭ دېپۇتاتى (پارلامېنت ئەزاسى - نازىمى). 2007-يىلى قازاقىستان "خەلق روھى" دېمۇكراتىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ، پارتىيىنىڭ رەئىسى بولدى. (Председатель демократической партии Казахстана «Халық рухы»)
م.شاخانوف 1986-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئوچۇق قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان، باستۇرۇلغان ھەم سۈرگۈنگە دۇچار بولغان قازاق ياشلىرىنى ئاقلاپ چىقىشتا ئۆز بېشىغا كەلگەن خەۋىپكە قارىماستىن، ئەركەكلەرچە ئىش قىلدى. خەۋپ ئاستىدا قالغان ئارال دېڭىزى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى قوغداش ھەققىدىكى مەسىلىنى خەلقئارا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىقتى. قازاق تىلى بىلەن تارىخى ھەمدە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە كۈچ چىقاردى. 62 يىللىق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن، 1988-يىلى قازاقىستاندا، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا "نورۇز" بايرىمىنى قايتا قۇتلۇقلاپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلامچىلاردىن بولدى.
سىياسىي ساھەدە م.شاخانوف 1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ۋەكىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، 1990-يىلى قىزىلئوردا ۋىلايىتىنىڭ سىرداريا، جالاغاش، تېرەڭئۆزەك ناھىيىلىرى بويىچە قازاق س س ر (Қазақ КСР - قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى) نىڭ خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانىدى.
ف.خىتسېر "ياۋروپا ئۈستىدىكى چاقماق" دەپ ئاتىغان شاىانوفنىڭ "تەرەقىياتنىڭ قايمۇقىشى" ("Өркениеттің адасуы") ناملىق رومانى دۇنيا شېئىرىيىتىدە يېڭى بىر ئۇسلۇپ سۈپىتىدە باھالاندى. 1999-يىلى يۇنېسكو (ب د ت نىڭ پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - نازىمى) ئۆزىنىڭ پارىجدىكى باش شتابىدا قارار چىقىرىپ، بۇ روماننى دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. 2002-يىلى يۇنېسكو يەنە شائىرنىڭ "چىڭغىزخاننىڭ بەندىچىلىك مەخپىيىتى" (Шыңғыс ханның пенделік құпиясы) ناملىق ئىككىنجى رومانى ئۈچۈنمۇ "يىپەك يولىدىكى ئىلىم ۋە مەنىۋىيەت" دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا مەخسۇس يۇمۇلاق ئۈستەل ئۇيۇشتۇرۇلدى.
مۇختار شاخانوفنىڭ چىڭغىز ئايتماتوا بىلەن بىرلىشىپ يازغان "قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ-زارى" ("Құз басындағы аңшының зары") ناملىق كىتابى بىلەن "سوقراتنى ياد ئېتىش كېچىسى" ("Сократты ескеру түні") ناملىق درامىسىمۇ كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. شائىرنىڭ "چىڭغىزخاننىڭ بەندىچىلىك (ئىنسانلىق) مەخپىيىتى" ئەسىرى ئاساسىدا ئۇكرائىنانىڭ دوۋژېنكو كىنوستودىيىسى ئىككى قىسىملىق تېلېفىلمنى سۈرەتكە ئالدى. بۇنىڭدىن سىرت بۇ دراما يەنە بىر قانچە دۆلەتنىڭ سەھنىلىرىدە قويۇلدى.
مۇختار شاىانوف ئۆز نۆۋىتىدە "قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق شائىرى" (1994)، "قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق يازغۇچىسى" (1996)، ئونلىغان چەت ئەل ئاكادېمىيىلىرىنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پەىرىي دوكتورى، پروففېسسورى، ب د ت ھىمايىسىدىكى ئوتتۇرا نىشان مۇكاپاتىنىڭ، قازاقىستان ھەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىن كومسومول مۇكاپاتىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلغان "تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن" ناملىق خەلقئارالىق مۇكاپاتنىڭ، قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارالىق "روھانىيەت"، تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ "شەھرىيار"، يۇنېسكونىڭ "بوئوروكېر" كۇلۇبى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. 2002-يىلى شاىانوف "چىڭغىزخاننىڭ بەندىچىلىك مەخپىيىتى" ناملىق ئەسىرى ئۈچۈن كالفورنىيە ئىلىم، سانائەت، مائارىپ ۋە سەنئەت ئاكادېمىيىنىڭ ئا.ئېينشتېين نامىدىكى ئالتۇن مېدالى بىلەن تۈركىيىنىڭ گەبزە شەھىرىدە "تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق دۇنياۋىي شائىر" ئاتىقى بېرىلدى. "نوبېل مۇكاپاتى" نىڭ 100 يىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك تامبوف شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىدا "نوبېل" ئاخبارات مەركىزى، "نوبېل مۇكاپاتى" فوندى، روسسىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىرلىشىپ بېكىتكەن "نوبېل مۇكاپاتى ئالتۇن مېدالى" بىلەن تارتۇقلاندى.
نازىمى نامىدىكى تەرجىمە ئەمگەكلەرنى باشقا مۇنبەرلەرگە ئىجازەتسىز كۆچۈرۈش رەت قىلىنىدۇ!!
./bbs/read.php?tid=1411&fpage=2[ بۇ يازما hazebay تەرىپىدىن 2008-12-13 21:37 دە قاي ]