ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • يانفون ئارقىلىق تارىم بلوگىنى زىيارەت قىلىش - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    ئەگەر يانفونىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان يانفون بولسا ھەم يانفونىڭىزنىڭ تورغا چىقىش مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى ئادرىس ئارقىلىق تارىم بلوگىنى يانفون ئارقىلىقمۇ زىيارەت قىلالايسىز.

    http://wap.feedsky.com/blogbus.com/tarim68_blogbus_com

  • تارىم بلوگى 2008-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە توپ توغرا بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا بلوگ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق بلوگلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. تارىم بلوگىنىڭ قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە بۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى پۈتۈنلەي تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ ماناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

    بلوگ قۇرۇلغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. ئەسلىدە بۇ بىر يىلدىكى بلوگنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تورداشلارغا تەپسىلىي دوكلات بەرسەم بولاتتى، بىراق دۇنيادا ئەڭ خوشۇم يوق ئىش مۇشۇ پىلان، خۇلاسە، دوكلات دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىشكەن. شۇڭا ئارتۇق گەپنى قويۇپ تورداشلارغا پايدىسى تەككۈدەك نەق گەپنى قلاي.