ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئېلېمېنتار ماتېماتىكىدا قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، راتسىئونال سان كۆرسەتكۈچلۈك دەرىجىگە كۆتۈرۈش، مۇسبەت پۈتۈن سان كۆرسەتكۈچلۈك يىلتىزدىن چىقىرىش قاتارلىقلار ئالگېبرالىق ئەمەل (代数运算) دەپ ئاتىلىدۇ.

     ئىرراتسىونال سان كۆرسەتكۈچلۈك دەرىجىگە كۆتۈرۈش، لوگارىفمىلاش، ترىگونومېترىك ئەمەل ۋە تەتۈر ترىگونومېترىك ئەمەللەر ترانسېندېنت ئەمەللەر (超越运算) دىيىلىدۇ.

    ھەرقانداق پۈتۈن سان كوئېففىتسېنتلىق ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرنى قانائەتلەندۈرمەيدىغان ھەقىقى سانلار ترانسېندېنت سان دىيىلىدۇ. مەسىلەن،.............

  • ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (4) - [ماتېماتىكا]

    ھەممىمىز ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى (3) نىڭ داۋامىنى ئوقۇپ بېقىڭ.

  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق (3) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    2. رەقەم ۋە ئۇنىڭ يېزىلىشى

     رەقەمنىڭ قايسى ۋاقىتتا كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ھىچ كىم بىلمەيدۇ. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى: ئالدى بىلەن سان ئاتالغۇلىرى پەيدا بولۇپ، ئاندىن رەقەم كەشىپ قىلىنغان، كىشىلەر بەزى بەلگىلەر ئارقىلىق تىلنى ئىپادىلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان چاغدىلا ئاندىن رەقەم پەيدا بولغان. بۇندىن تەخمىنەن 5 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى «ئىراق» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە، بىرى ئېفرات دەرياسى، يەنە بىرى دەجلە (تىگېر) دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دەريا بار ئىدى. بۇ ئىككى دەريانىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان يېرىدە سۇمېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي ماكان بار ئىدى. سۇمېرلار ئالدى بىلەن رەقەملەرنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مىللەتلەر، مەسىلەن، جۇڭگولۇقلار، مىسىرلىقلارمۇ رەقەم يېزىشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تاپقان. بۇ ئۇسۇللار كېيىنچە پەيدىن- پەي پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان.
  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق(2) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    لېكىن سانى ئوندىن ئېشىپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. سىز يەردىكى يا ئوقلىرىنى بىر تەرەپتىن ئېلىپ، بىر تەرەپتىن سانىسىڭىز ئونغا كەلگەندە نەچچە تال ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمدى قانداق قىلىسىز؟ ئەگەر يەنە داۋاملىق يېڭى سانلارنى تۈزۈۋەرسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بىراق بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئوندىن ئىبارەت بۇ ئوخشاش بولمىغان رەقەملەرنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئاسان.

  • ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى (2) - [ماتېماتىكا]

    بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، يۇقۇرقى ئىككى شەرتتىن بىرسى كام بولسا بولمايدۇ. ئەگەر شەرتلا بولۇپ، شەرت بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ تولۇق بولمىغان ئىندۇكسىيە ئۇسۇلىغا تەۋە بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىچە شەرتلا بولۇپ، شەرت بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل ئىسپات توغرا بولمايدۇ. ھىچ بولمىغاندا بۇ خىل ئىسپاتنى تولۇق ئەمەس دەيمىز.

  • ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى(1) - [ماتېماتىكا]

    ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالگېبرا دەرسلىكىدە خىلىلا مۇھىم ئورۇن توتىدۇ. ئۇ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلاشنىڭ مۇھىم بىر قورالىدۇر. بۇ ئۇسۇل ئاددىدىن مۇرەككەپلىككە، چەكلىكلىكتىن چەكسىزلىككە ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىۋالساق، ئالىي ماتېماتىكىنى تىخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىمىزگە چوڭ ياردىمى بولىدۇ. شۇنداقلا ماتېماتىكىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلىشىمىزگە پايدىسى بار.

  • بىز رەقەمنى قانداق تاپتۇق(1) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كىشىلەر دائىم «بۇ قانچە» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىشاتتى. بۇ تۇرمۇشتا رەقەمنىڭ (ساننىڭ) ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

    سىز بەلكىم قويلىرىڭىزنىڭ يوقالغان- يوقالمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ساناپ باقماقچى بولغانسىز ياكى مەلۇم بىر ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قانچە كۈن ئۆتكەنلىكىنى ھېسابلاپ باقماقچى بولغانسىز ۋە ياكى سىز تۇرىۋاتقان يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ نەچچىلىكىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولغانسىز.

  • بۇ ئاۋاز چىقىشى بىلەن 39- سەكرەپ كىرىپ كەلدى. كەسىر چېكىتى «ۋىژ.....» ژىدە قىلىپ 3 بىلەن 9 نىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋېلىۋىدى، 39- نىڭ گەۋدىسى دەرھال يۇقۇرىغا قاراپ بىرمۇنچە ئۇزىراپ 3.9- غا ئايلىنىپ قالدى.

    ـــــ مەن 39- نى 3.9- غا ئۆزگەرتتىم. مەنپى سانلارنىڭ مۇتلەق قىممىتى قانچىلىك كىچىك بولسا، ئۇلارنىڭ سانلىق قىممىتى شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، مەن بىر ساننى چوڭايتىۋەتمىدىممۇ؟ مەن مۇسبەت پۈتۈن سانلارنى كىچىكلىتىپلا قالماستىن، مەنپى پۈتۈن سانلارنى.........

  • تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە پۈتۈن سان پادىشاھلىقى ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ پادىشاھلىقتا پادىشاھ، باش مىنىستىر، ۋە باش قوماندانلار بار ئىدى. ئۇنىڭ پادىشاھى سېمىزرەك 0 سانى، باش مىنىستىرى پاكار بويلۇق 1- ، قوماندانى ئورۇق  ئىگىز بويلۇق 1 ئىدى.

    بۈگۈن يېڭى يىل، شۇنداقلا نۆل پادىشاھنىڭ 1981 ياشقا كىرگەن كۈنى ئىدى.

    0 پادىشاھ قاچان تۇغۇلغان بولغىيدى؟ ئۇ مىلادىنىڭ 1-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 0 مىنۇت 0 سېكۇنت ئۆتكەندە تۇغۇلغان. توي ئۈستىگە توي بولۇپ مەمۇرى ۋە ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ............

  • ئالگېبرا 代数学 - [ماتېماتىكا تارىخى]

    ئالگېبرا [代数] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇنىڭدا ئالگېبرالىق ئەمەللەرنىڭ ئومۇمىي ھاللىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سان ۋە سان ئۈستىدىكى ئەمەللەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى بايقالغاندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سانلار ھەرپلەر ئارقىلىق ئىپادىلەندى ھەمدە سان ۋە ھەرپلەر ئارىسىدىكى ئەمەللەر قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەرگە ياكى ئالگېبرالىق تەڭلىمىلەر..............