ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • «ئەپەندى» بولماق① - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ

     

    __ بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،

    بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

    شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،

    كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،

    لېكىن «ئەپەندى» دىگۈچىلەرنى ھىچ كۆرمىدىم، ئۇكام،

    بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دىمەسكە يەنە نىمەم كام؟

  • «يۈكسەل بلوگى» تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » نى باھالاش پائالىيىتى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىمۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولدى. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 24 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ 24 بلوگ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قۇيۇلغان ئىدى. نەتىجىدە جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. بىز بۇ بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق.
  • ئىزا تارتقىن ھاراقكەش - [ھېكايە-شېئىرلار]

    مەيخانىغا بىر كىرسە كەتمەيدىغان ھاراقكەش،
                قۇرۇقدالسا يانچۇقى سەزمەيدىغان ھاراقكەش.
                بالام ،ئۆيۈم، ئايالىم...دىمەيدىغان ھاراقكەش،
                تۇرمۇشنىڭ ھېچ غىمىنى يىمەيدىغان ھاراقكەش،
                ئۆز ئۆيىگە تۈنگىچە كىرمەيدىغان ھاراقكەش.

  • بۇرۇت ماجىراسى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋېدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
    ـــــ ياخشىمۇ سىز؟ سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.
    ـــــ رەھمەت! ـــــــ دەپ قولىنى سىقتىم.
    ـــــ رەھمىتڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم تەشەككۈرىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغايسىز!
    «بۇ كىم بولغىيدى؟» دەپ ھەيرانلا قالدىم، كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىۋېدى، ئېسىمگە كەلدى.

  • روزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خةلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى.

    _ــ ئالدىمىزدا دۆلةت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ، _ــ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئةينةك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككة تةكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ، _ــــ شۇڭا بۈگۈن دۆلةت بايرىمى ۋة روزى ھېيىت جةريانىكى پةۋقۇلئادة ئةھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز . ھةممةيلةن قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!

    بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گةرچة رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ، بىراق جامائةت پىكىرىنىڭ ئةيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچة ھاراق ئىچةلمةي ئىچى بةكمۇ تىتىلداپ كةتتى. ھازىر ھاۋا سالقىن، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيىت كىرىشى بىلةنلا مةسچىتتىن يىنىپلا موتۇ، ھارۋا، تىراكتور ۋة ماشنىلارنى بولۇشىغا ھةيدةپ، ئۆيمۇ-ئۆي، رېستۇرانمۇ- رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ. .......................

  • مۇئەللىمنىڭ چوقانى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئۇستاز دەپ تىللاردا بۈيۈك نامىم بار،
    دىللارنى يورۇتقان شەرەپ -شانىم بار،
    ئەۋلادقا ئىچىلغان بىلىم كانىم بار،
    كانىمدىن ياراتقان سۈپەت،سانىم بار،
    ساندا ھەم سۈپەتتە تەرۇ-قانىم بار.

  • مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.

  • ئانا تىلىم - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
    ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،

  • ئۇيغۇر تىلى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
     مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

  • ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى - [ھېكايە-شېئىرلار]

     ئۆكۈز بىلەن پاقا

     

    ئوتلاپ يۈرگەن بىر ئۆكۈز سۇ ئىچىش ئۈچۈن كۆلگە كەپتۇ. ئۇنى كۆرگەن پاقىلار ھەر تەرەپكە قېچىشىپتۇ. ھەممىسى ئۆكۈزنىڭ يوغانلىقىغا ھەيران بولۇشۇپتۇ، شۇ يەردە تۇرغان بىر قىزىلقولتۇق پاقا:

    ـــــــ ھوي، نېمىسىگە ھەيران بولىسىلەر ئۇنىڭ! يوغىناش قىيىن نەرسىمىكەن شۇنچە! مانا، ماڭا قاراڭلار. مەن ھازىر ئۆكۈزدىنمۇ يوغان بولىمەن، ــــــ دەپتۇ. 

    ئۇ، ئىچىگە ھاۋانى تارتىپ، كۆپۈشكە باشلاپتۇ ھەم يولداشلىرىدىن:

    ــــــــ ئۆكۈزدەك بولدۇممۇ؟ ـــــــ دەپ سوراپتۇ.

  • چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھەمراھ قىسقارتىشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن يەنە قۇرۇق قول قايتتى،ئۇ جاڭگالنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئوۋلايدىغان جانىۋارلارنىڭ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى.ھاياتتىكى تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى ساراسىمگە سالدى.يېنىدىكى ئالتە جانغا ئوزۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.
    ئۇجاڭگالدىن شەھەرگە،ھېچبولمىغاندا ئوزۇقلۇق زاپىسى مول  جايغا كۆچۈپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى.لېكىن ئۇ كىچىكىدىنلا ئەركىن يايراپ ئۆسكەن بۇ جاڭگالنى تاشلاپ كېتىشكە زادى قىيمىدى.خۇددى باشقا جايغا بارسا كۆنەلمەيدىغاندەك،ئۆزىنى تېخىمۇ بىچارە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
    ئۇ ئۇزاق ئويلاندى.

  • مۇئەللىممەن !.... - [ھېكايە-شېئىرلار]

    مىنى شۇنداق ئاتايدۇ ئەل ، مۇئەللىمدۇر ئاتاق نامىم ،

     تەسەددۇق ئەل-ۋەتەن پەرزەنتلىرىگە بۇ ئەزىز جانىم ،

    قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتماق ئۈچۈن يانغاچ ئۆمۈر شامىم ،

    نادانلىققا مىنۇت تاقەت قىلالماس قىلچە ۋىجدانىم ،

     شۇڭا مۇنبەردە جان بەرمەك ئەبەتلىك ئارزۇ-ئارمانىم.

    ..................

  • بىر كۈنى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
    ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

  • ماتېماتىكا - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئاپتۇرى: ئەنۋەر تۇردى 

    ئەسلى نامىڭ سىنىڭ ھىساپ-ماتىماتىكا،

     جان تومۇرۇڭ ئىدى سان-سىفىر ۋەشەكىل.

      ئالگىبىرا ھەم گىئومىتىر، ئانالىزى،

     قوشۇلغاندا ئۇلار گويا مەزمۇت سىپىل.

  • دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇشتىن كېيىن شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان، ھازىر ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتى مىتاللورگىيە ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ئۇيغۇر تىلى ، ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىللىرىغا پىششىق.