خىلىدىن بىرى خەنچە ۋە ئۇيغۇرچە مۇنبەر-بلوگلاردا تۈركىيىنىڭ«نىيۇيۇركتىكى بەش مۇنار» دېگە كېنۇسىنىڭ گىپى بولۇنىۋاتقانلىقىغا دېققەت قىلغان ئىدىم.ئارىلىقتابىر فېلىم يوللاش بېكىتىدە ئۇ كېىنونىڭ ئېلان فېلىمىنى كۆرۇپ قىلىپ، بىركۆرۇپ بىقىش ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچەيگىلى تۇردى. ئەممادۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق كېنۇ بىكەتلىرىدە يوقلىقى مەلۇم بولدى.
ئاقىۋەت يەنىلا گۇگۇلنىڭ ئالدىغابىرىپ، ئىككى سائەت قاتتىق ھەپىلىشش ئارقىلىق، تۈركىيىنىڭ بىربېكىتىدىن چۈشۈرۈش مەنبەسىنى تاپتىم،چۈشۈرۈپ بولۇپ قارىسام بۇ مەزكۇر كېنۇنىڭ تازا سۈزۈك نۇسخىسى ئەمەسكەن، شۇنداق بولسىمۇ ئوتتەك قىزغىنلىق ئىچىدە كۆرۈپ تۈگەتتىم.
………
بىزگەمەلۇم بولغىنىدەك 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرپلىكلەرنىڭ(ياكى ئىسلام دۇنياسىدىن تاشقىرى بارلىق ئەللەرنىڭ) نەزىرىدە ئىسلام ياكى مۇسۇلمان دېگەن ئۇقۇم بىلەن تېرۇرىزىم ئۇقۇمى تەڭداش ئۇقۇم بولۇپ قالغىلى تۇردى.
ئەلۋەتتە، بۇيەردە بۇ چىگېش مەسىلىلەرنى يېشىپ ئولتۇرۇشقا قۇربىتىمىزيەتمەيدۇ، ئەمما شۇنىسى ئىنىقكى ئىسلام ياكى مۇسۇلمان دېگەن ئۇقۇم ھەرگىزمۇ تىرۇرىزىم بىلەن مەنىداش، يولداش ئەمەس.
تېخى يىقىندىلا ھىندىستاننىڭ«مېنىڭ ئىسمىم خان»فېلىمىدا-«مېىنىڭ ئىسمىم خان، مەن مۇسۇلمان ئەمما تېرۇرىست ئەمەس!»دېگەن سادانى ئاڭلىغان ئىدۇق.
مېنىڭچە بۇ بۈگۈنكى كۈندە تاشقى دۇنيانىڭ سوغۇق نەزەرى بىلەن ئىچكى قىسمىدا مۇرەككەپ نىزالارغا پېتىپ قالغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ زورجامائەنىڭ يەنى تېنىچلىقنى سۆيىدىغا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەك ساداسى بولساكېرەك.
«نىيۇيۇركتىكى بەش مۇنار» بۇسادانى يەنە بىرقېتىم ئاڭلىتىدۇ.مەزكۇرفېلىم تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىدا سۈرەتكە ئېىلىنغان بولۇپ، تۈركېيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بېكەتلىرىدىن يامىداپ بىلىشىمچە مەزكۇرفىلىمنى ئىشلەشكە 20مىليۇن ئامېرىكادوللىرى مەبلەغ سىلىنغان، ھازىرغىچە تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيىدىلا قويۇلغان.
كىنۇنىڭ ۋەقەلىكى راستىنلا كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. باش قەھرىمان .haluk ئىسلام دېنىنى ھەقىقى ماھىيىتى بىلەن تەشۋىق قىلغۇچى، ئەممائۇ تېرۇرچىلارنىڭ قارىسىغا كېتىپ ئۇزۇن يىل دۆلىتىدىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇرى بولىدۇ، كېيىن يەنە شۇنداق بىر ۋەقەگە چىتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنىپ ، ئامېىرىكا فېدراتىسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغائېلىنىدۇ ۋە تۈركىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغان چاغدا كىنۇنىڭ ۋەقەلىكى رەسمىي باشلىنىدۇ.
ئۇ تالاي جاپالارنى تارتىپ، ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى، ئىسلامنىڭ تىرۇرىزىم ئەمەسلىكىنى ئۆزئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئاقلىنىپ يۇرتىغا قايتىپ ،ئۇزۇن يىللىق ئايرىلىش دەردىدە كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ كەتكەن ئانىسى بىلەن جەم بولغان شۇ ھاياجانلىق پەيىتتە، غايىپتىن كەلگەن بىرتال ئوق ئۇنى يەرگە يىقىتىدۇ..
مەزكۇركىنوبىزگە نۇرغۇن ئاچچىق سۇئاللارنى تاشلاپ قويۇپ ئاخىرلىشدۇ.
گەرچە تۈركچىنى تازادېگەندەك چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، كىنودىكى«جىھاد » ھەققىدىكى ئوخشاش بولغمىغان ئىككى گەپ دېققىتىمنى تارتتى.
كىنونىڭ ئاخىرىدىراق ئاشكارىلىنىدىغان ھەقىقى تىرۇچىلاركاتتىبىشى سوراق قىلىنغاندا :«پەيغەمبىرىمىزبىزگە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇرۇش قىلىشنى بۇيرىغان» دەيدۇ.
ئەمما كىنۇنىڭ باش قەھرىمانى .haluk بۇنىڭغا قارشى :«پەيغەمبىرىمىزبىزگە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا گۈزەل سۆز-گۈزەل ئەمەللەربىلەن، ھېكمەتلەربىلەن يىقىنلاشتۇرۇڭلار دېگەن، مانا بۇنىڭ ئۆزى جىھاد !» دەيدۇ.
مانابۇ ئىككى خىل جاۋاب مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولسا كېرەك؟…
_________________
تۆۋەندىكى كۆك خەتلىك ئۇلانمىنى باسسىڭىز كىنودىن ئارىيە كۆرەلەيسىز:
ئەگەرچۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز،خەت قالدۇرۇڭ مەن btئۇرۇقىنى تەمىنلەپ بىرەي.كىنۇنىڭ ئومۇمى سىغىمى 1.5جېبايت.مېنىڭ بايقىشىمچە دۆلەت ئىچىدە ھازىرغىچە بۇ كىنۇنى چۈشۈرۈشنى تەمىنلىگەن توربېكەت يوق.
______
كېنو نامى ھەققىدە قوشۇمچە ئۇچۇلار:
ئېنگىلىزچە نامى:Five Minarets in New York
خەنچە نامى: 纽约五尖塔
__________
تۆۋەندىكى‹bt›دېگەن خەتنى باسسىڭىز،مەزكۇر كېنونىڭ ‹bt›ئۇرۇقىغا ئېرىشەلەيسىز