99 ياشلىق ئامېرىكىلىق بۇۋايLeo Plath يېقىندا ئانا مەكتىۋى تارقاتقان شاھادەتنامىگە ئېرىشتى.1932-يىلى ئامېرىكىدا چوڭ ئىقتىسادى كىرىزىس يۈزبىرىۋاتقان پەيتتە ،Leo Plath شەرقىي ئورېگۇن پىداگۇگىكا مەكتىۋىدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قىلىپ،دەرەخ كېسىش ئىشچىسى بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئانا مەكتىۋىمۇ كېيىنچى تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى شەرقىي ئورېگۇن ئۇنۋېرسىتىتىغا ئايلانغان
.
Leo Plathنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مەكتەپ تەرەپ، ئۇنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى نەتىجىلىرىنى تېىپىپ ،كۆرۈپ چىققان بولۇپ،شۇنىڭغا ئاساسەن Leo Plath غا مەخسۇس كۇرسنى تاماملىغانلىق شاھادەتنامىسى بېرىشنى قارار قىلغان.
‹‹مەن 80يىل سەرپ قىلىپ بۇ شاھادەتنامىنى ئالدىم›› دېدى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ مۇخبىرغا. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئوقۇش تاماملايدىغانغا ئاران بىر مەۋسۈمچە ۋاقىت قالغان ئىدى، لېكىن ئۇ بۇ ئىشقا قىلچە پۇشايمان قىلمىدى،چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىق مۇئاشى ئاران 80دوللار ئىدى، ئەمما بىر نەپەر دەرەخ كېسىش ئىشچىسىنىڭ ئايلىقى 150دوللاربولاتتى.‹‹ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق قارارغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدىم››دەيدۇ ،ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا.
2011-يىلى11-ئىيۇن ئورېگۇن ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇنىڭ شەرىپىگە ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ۋەتەن: بۇ خەۋەرنى كۆرىۋىتىپ ئۆتكەندە 2007-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دىپلۇمىنى تىپىپ بىرەلمىگەنلىكىمىزيادىمغا يېتىپ خىجىل بولۇپ كەتتىم…
ۋەتەن تەرجىمىسى (سىناتورى مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى)