- يېڭىيەر يېزىسى (جىمىسار ناھىيەسى)
- يېڭىيەر يېزىسى (غۇلجا شەھىرى)
- يېڭىيەر يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
يېڭىيەر يېزىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىسار ناھىيەسى نىڭ يېڭىيەر يېزىسى جىمسار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغ ئالدى ئويمانلىقى كىلىماتى قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1400 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 6 ئەتراپىدا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جەنۇبىي تەڭرىتاغ مۇزلۇق چوققىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە دايۇ يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي ۋە شىمالىي چىڭياڭخۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 12 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 32 كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 372 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 5262 ئادەم، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 21250 مو.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىسار ناھىيەسى قارمىقىدىكى يېڭىيەر يېزىسىدا چوڭ شەرق جىلغىسى، ليۇداۋگۇ، ئۈستىنكى شىياۋفېنزى، ئاستىنقى شىياۋفېنزى، خېبايەن، خېڭلۇ، شۈجياچۈەن، ليۇخۇدى، چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىق 9 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
بۇ يېزىنىڭ مەمۇرىي نومۇرى : 652327205.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىسار ناھىيەسى يېڭى يەر يېزىسىنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي بايلىقى : يەر بايلىقى، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقى، ئورمان بايلىقى، كۆمۈر بايلىقى. داڭلىق بولغانلىرىدىن : سامساق، ياڭيۇ، ئورگانىك قوي، ياۋا توڭگۇز؛ ھۆل پېتى يېيىشكە بولىدىغانلىرىدىن ئۆرۈك، جيەنسېن قۇرۇتى، چۆپ توخوسى. داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن گۈللۈك جىلغىسى، شىندى جىلغىسى؛
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىسار ناھىيەسى يېڭى يەر يېزىسى يېزا بويىچە دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4598 يۈەن؛ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش ئارقىلىق، بۇ يېزىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 33213 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3037.1 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 227 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليون 235 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان. ئوتتۇرىچە كىرىمى 33 مىليون يۈەن، 4639 يۈەنگە يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان؛ بۇ يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 21250 مو، بۇنىڭ ئىچىدە : ئاشلىق زىرائەتلىرى 3200 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت 18050 مو، ياڭيۇ ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. بۇ يېزا %85 زىرائەتنى زاكاس بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؛ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن، ماشىنىدا تېرىش كۆلىمى %50 تىن يۇقىرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىسار ناھىيەسى يېڭى يەر يېزىسى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يەر شەكلى ئىگىز-پەسلىك پەرقى 1 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە، تۆت پەسىلى ئېنىق، بۇ جاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 5 . 5 سېلسىيە گىرادۇس، تاغلىق رايوننىڭ قىراۋسىز مەزگىلى 145 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، جەنۇبىي تاغ ئارىسى ئويمانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئۆزگىچە تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتى، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 355 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، جانلىقلار بايلىقى مول ھەم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سورتلۇق زىرائەت ئۇرۇقى ۋە سامساق، ياڭيۇ، سەۋزە، بۆلجۈرگەن، قارا باشاقلىق قارىقات قاتارلىقلار كۆپ خىل قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولغان. ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۆزگىچە تەبىئىي كىلىمات بايلىقىغا ئىگە. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.