- يېڭىيەر يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
- يېڭىيەر يېزىسى (غۇلجا شەھىرى)
- يېڭىيەر يېزىسى (جىمىسار ناھىيەسى)
يېڭىيەر يېزىسى
يېڭىيەر يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرپ تەرىپى 47-تۈەن 1-لىيەن 2-لىيەن ۋە قوچى يېزىسى بىلەن، شىمال تەرىپى كاۋاك يېزىسى، جەنۇب تەرىپى تۈۋەت يېزىلىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېڭىيەر يېزىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىيېڭىيەر يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرب تەرىپى 47-تۈەن 1-لىيەن بىلەن 2-لىيەن، قوچى يېزىسى، شىمال تەرىپى كاۋاك يېزىسى، جەنۇب تەرىپى تۈۋەت يېزىلىرى بىلەن چىگرالىنىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 11 كىلومىتىر كىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1317~1337 مېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 74 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىغۇ يەر كۆلىمى 28688 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 1.21 مو.
يېڭىيەر يېزىسىدا جەمئىي 12 مەمۇرىي كەنتە بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | كەنتە ئىسمى | ئىزاھات |
1 | ئىمامى ئەسكەر كەنتى | |
2 | قۇميايلاغ كەنتى | |
3 | جانان كەنتى | |
4 | سىياۋاغ كەنتى | |
5 | قارۋاغ كەنتى | |
6 | سەككىز پارچە كەنتى | |
7 | قوشقوغاچ كەنتى | |
8 | مىلىكاۋات كەنتى | |
9 | ئاق ئۆستەڭ كەنتى | |
10 | يىڭىيەر كەنتى | |
11 | سۇقۇلۇغ كەنتى | |
12 | كۈكئېغىل كەنتى | |
يېڭىيەر يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل ئېنىق، يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.5-، قىروسىز مەزگىلى 177 كۈن، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
يېڭىيەر يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان.دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق رايونى بار، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان.
يېڭىيەر يېزىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. يېزا-كەنت يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.