نېغمەت راخمان

نېغمەت راخمان

«نۇرانە رىياسەتچى» نامىغا ئېرىشكەن مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. جۇڭگو مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نېغمەت راخمان
باشقا نامى 小尼,Ethan
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 178 سانتىمىتىر
خەنزۇچە ئىسمى 尼格买提•热合曼
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگۇ
يۇرتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى
يۇلتۇز تۈركۈمى ھەمەل يۇلتۇز تۈركىمى
كەسپى رىياسەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېغمەت راخمان  تىلىۋىزىيە مۇنبىرىدىكى يېڭى يۇلتۇز «نۇرانە رىياسەتچى» نامىغا ئېرىشكەن مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. جۇڭگو مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلى پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى. جۇڭگو ئاخبارات  تارقىتىش ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ دىكتور–رىياسەتچىلىك كەسپىنى پۈتۈرگەن. تېخى ئوقۇش تاماملىماستىنلا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-قانىلىغا «نۇرانە رىياسەتچى» نامى بىلەن تاللانغان. نېغمەت راخماننىڭ بۇنداق يۇقىرى نام–شەرەپ بىلەن مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىككە تاللىنىشى ھەرگىزمۇ تاساددىبىي ئامىتى كىلىپ قېلىش بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

نېغمەت راخمان ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ، كىچىكىدىنلا مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئەتراپلىق ھەم چۇڭقۇر تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغاچقا، ئۇنىڭدا مۇشۇنداق ھارماي تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، كەمتەر، چىقىشقاق، باشقىلارغا كۈيىنىدىغان ئېسىل مىجەز يىتىلگەن.

ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، شۇڭا ھەر يىلى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بۇلۇپ باھالانغان. 1993-يىلى مەملىكەت بوي «100 ياخشى ئوقۇغۇچى» نىڭ بىرى، 1994–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پىئونېر بولۇپ باھالانغان. 1995-يىلى مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك پىئونېرلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، باش شۇجى جىياڭ زېمىن نىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇ كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئامراق بۇلۇپ، دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، رەسىم سىزىشتا ئالاھىدە ماھارەت يىتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ «كارۋان » ناملىق رەسىمى ھازىر ۋاشىنگتوندىكى ئۆسمۈرلەر بەدىئىي سۈرەتلەر موزىيىدا ساقلانماقتا. «شادلىق» ناملىق رەسىمى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو ياپونىيە دوسلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى» دە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

ئۇ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بۇلۇش بىلەن بىرگە، ئىنگىلىز تىلىغا قىزىققانلىقى ئۈچۈن، ئاتا ئانىسى ئۇنىڭغا ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن. ھەمدە ناخشا-ئۇسۇلغا قىزىققانلىقى ئۈچۈن سەنئەت ئۈمىكىگە تەربىيەلەشكە بەرگەن. ئۇ 10 ياشقا كىرگەن يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا بالىلار سەنئەت فېستىۋالى» غا خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە قوشتىلدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم لەپەر ئورۇنداپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. مانا بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىككە تاشلىغان تۇنجى قەدىمى بۇلۇپ قالغان، بۇ مۇسابىقە كىيىنكى يىلى بېيجىڭ دا يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندە نېغمەت يەنە رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان. 1996-يىلى ئۇ شىشۇاڭبەننادا ئۈتكۈزۈلگەن «دوسلىشىش» پروگروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ «تۇلپار» مۇكاپاتىغا، 1999-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم  ۋە  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېلۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، 2002-يىلى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇسابىقىسىدە ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشىپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، جۇڭگۇ ئاخبارات تارقىتىش ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى نېغمەتنىڭ ئۆيىگە تېلغۇن بېرىپ، ئۇنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇ شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا شىنجاڭدىكى خەنزۇ يېزىقىدا ئىمتاھان بەرگەن مىللىيلارئىچىدە 2-بولۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن دىكتۇر– رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.

نىغمەت  ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ ،ئىككى ئايدىن كىيىن  ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. ئېنگىلىزتىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېرىشەلمىگەن بۇ ئالاھىدە نەتىجىگە  تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ بوسوغىسىغا قەدەم قويغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېرىشىش-ئونىۋېرسىتىتىدىكى باھارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ، بېيجىڭ «كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلۋىزىيە ئىستانسىسى» دا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى رىياسەتچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، ئىشلەش جەريانىدا ئۆزىنى كەسپى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىسىدىن  خىراجەت ئېلىشنى توختىتىپ، ئوقۇش پۇللىرىنى ھەل قىلىپ كەلگەن.

2006-يىلى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى «خوشاللىق مەجبۇئەسى» سېھرى كۈچكە ئىگە يېڭى ھەمرانى تاللاشتا، 2-دەرىجىگە ئىرىشىپ، مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەرتچىسى بولغان، ۋاڭ شىياۋيا بىلەن بىرلىكتە «خوشاللىق مەجبۇئەسى» گە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2006-يىلى فاڭ چىيۇڭ بىلەن بىرلىكتە «ئائىلىلەرنى ھەركەتلەندۈرەيلى» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2012-يىلى يانۋاردا لى سىسى بىلەن بىرلىكتە «جاراڭلىق سادا» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2013-يىلى «ئىشىكنى چوڭ ئېچۋېتىش» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

 2015-يىلى 2–فېۋرال، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلغان، نېغمەت تۇنجى قېتىم چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىك گۇرۇپپىسىغا كىرگەن. 2015-يىلى 26-ئاپىرىل جۇجۈن بىلەن بىرلىكتە «پارلاق يول» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

2013-يىلى 28-سىنتەبىر نېغمەت راخمان بىلەن پاشاگۈل دۇلقۇن ئۈرۈمچىدە توي قىلغان.

2014-يىلى27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تىلىۋىزىيىسى ئالتۇن قارچۇغا مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر رىياسەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2006-يىلى «سېھرى كۈچكە ئىگە يېڭى ھەمرا» نى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن.

«ئۆستۈرۈش لوڭقىسى» رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

«خوشاللىق مەجبۇئەسى»، «ئائىلىلەرنى  ھەركەتلەندۈرەيلى»، «ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىش»، «ياڭراق سادا»، «پارلاق يول» . .  . قاتارلىقلار.

ئالدىغا قارارپ مېڭىش.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#