كرودىيە

كرودىيە، تولۇق ئىسمى كرودىيە جۇمھۇرىيىتى، ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەت، قېزىش پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە سوزۇلغان پېننونىيە تۈزلەڭلىك چېگرىسىغا جايلاشقان. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى زاگرېب، زاگرېب 20 ناھىيە ۋە شەھەر مەمۇرىي رايون دەپ ئايرىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كرودىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى كرودىيە
ۋاقىت رايونى UTC+1
دۆلەت تىلى كرودىيە تىلى
نوپۇسى 4 مىليون 330 مىڭ 612 (2013-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 克罗地亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا
پايتەختى زاگرېب
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
يەر مەيدانى 56,594 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كرودىيەكرودىيە، تولۇق ئىسمى كرودىيە جۇمھۇرىيىتى، ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جۇمھۇرىيەت، قېزىش پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە سوزۇلغان پېننونىيە تۈزلەڭلىك چېگرىسىغا جايلاشقان. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى زاگرېب، زاگرېب 20 ناھىيە ۋە شەھەر مەمۇرىي رايون دەپ ئايرىلىدۇ. كرودىيە زېمىن كۆلىمى 56 مىڭ 594 كۋادرات كىلومېتىر، ھاۋارايى ھەر خىل، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ ۋە ئوتتۇرا دېڭىزچە كىلىماتنى ئاساس قىلىدۇ، كرودىيە ئادرىئاتىك دېڭىزى دېڭىز قىرغىقىدا مىڭ ئارال بار. كرودىيە نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 280 مىڭ، كۆپىنچە خورۋاتلار، ئاساسلىق دىنى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كرودىيە 2013 - يىلى باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان. كرودىيە 1991 - يىلى باشلاپ يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىگە مۇستەقىللىقلىقىنى جاكارلىغان.

كرودىيە6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سلاۋىيانلار بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خورۋاتلار دەسلەپكى چاغلاردىكى فېئوداللىق دۆلەتنى قۇرغانىدى. 10 - ئەسىردە قۇدرەتلىك كرودىيە پادىشاھلىقىنى قۇردى. 1102-يىلىدىن 1527-يىلىغىچە ۋېنگىرىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1527-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان، ھەتتا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى گۇمران بولغان. 1918-يىلى كرودىيەنىڭ جەنۇبتىكى سىلاۋىيانلار بىلەن بىرلىشىپ سېربىيە - كرودىيە -سىلوۋېنىيە پادىشاھلىق دۆلەتنى قۇرغان، 1929 - يىلى يۇگۇسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1941 - يىلى، گېرمانىيە فاشىستلىرى يۇگوسلاۋىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، « كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى » قۇردى. 1945 - يىلى فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، كىرودىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە بىرلەشكەن. 1963 - يىلى يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئالتە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرسى بولغان. 1990 - يىلى 5-ئايدا، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم كۆپ پارتىيە سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، كرودىيە دېموكراتىك ئورتاق گەۋدىسى غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن

دۆلەت بايرىقى 

كرودىيە دۆلەت بايرىقى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 2 ∶ 1 بولىدۇ. بايراق يۈزى ئۈچ پاراللېل ئوخشاش توغرىسىغا تىك تۆت بۇلۇڭدىن تەشكىل قىلىنغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىزىل، ئاق، كۆك رەڭلەردىن تەشكىل قىلىنغان. بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى سىزىلغان  كرودىيە 1991- يىلى كرودىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق يۇگۇسلاۋىيەگە مۇستەقىللىقنى جاكارلىدى، يېڭى دۆلەت بايرىقى 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

دۆلەت گېربى

كرودىيە دۆلەت گېربى قالقان شەكىللىك. قالقاننىڭ يۈزىدە 25 دانە قىزىل، ئاق رەڭلەر ئارىلاش كەلگەن چاقماقتىن تەركىب تاپىدۇ. قالقاننىڭ ئۈستى تەرىپىگە بىر ئۇسلۇبلاشقان شاھ تاجى، خان تاجى بەش كىچىك قالقاندىن تەشكىل قىلىنغان. سولدىن ئوڭغا بەش كىچىك قالقان ئۈستىدىكى رەسىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا : ئاق رەڭلىك ھىلال ئاي ۋە بىر دانە سېرىق رەڭلىك ئالتە قىرلىق يۇلتۇز. كۆك، قىزىل رەڭ نۆۋەتلىشىپ جايلاشقان لېنتا؛ ئۈچ خان تاجىنى بېزەشكە چۈشۈرۈلگەن سېرىق شىر بېشى سۈرىتى؛ قىزىل پۆپۈكلۈك قىزىل تۇياقلىق ئۆچكە؛ بۇلغۇن ۋە بىر دانە ئالتە قىرلىق يۇلتۇز. دۆلەت گېربى 9 -ئەسىردە كرودىيە قەدىمىي پادىشاھلىقىنىڭ بەلگىسىدىن ئېلىنغان، بەش كىچىك قالقان ئەينى ۋاقىتتا پادىشاھلىقىنىڭ سىمۋولى.

كرودىيەكرودىيە كۆلىمى 56594 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كرودىيە ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، بالقان يېرىم ئارىلى، غەربىي شىمال، ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. پاسىل ئادرىئاتىك دېڭىزى ۋە ئىتالىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي قىسمىدىكى قوشنا دۆلەت بولسا سىلوۋېنىيە ۋە ۋېنگرىيە، شەرق ۋە جەنۇب تەرىپى بولسا سېربىيە ۋە بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا. غەربىي جەنۇبى دىنارا تېغى، كۆپ كارستلىق يەر شەكلىدۇر. دېڭىز بويى دالماتىيە دېڭىز قىرغىقى، شىمالىي سلوۋېنىيە لاشىن ئېدىرلىق بىلەن ساۋا دەرياسى بويىدىكى تۈزلەڭلىك. دېڭىز ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە، ئىچكى قۇرۇقلۇق تەدرىجى مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق كېلىماتىغا تەۋە. يېزا ئىگىلىك ساۋا دەرياسىنى بويلاپ ئىككى قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرىگە مەركەزلەشكەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قىزىلچا، قوناق، بۇغداي، تاماكا، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار. دېڭىز بويلىرىدىن زەيتۇن، لېمون، ئاپلىسىن قاتارلىقلار سۇبتىروپىك بەلباغ مېۋە - چېۋىلىرى. تاغلىق يەر، ئېدىرلىق رايونىدا چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بار. بۇ دۆلەتتە ئاراللار كۆپ، چوڭ - كىچىك جەمئىي 1185 دانە ئارال بار، شۇنىڭ بىلەن كرودىيە نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن « مىڭلىغان ئاراللار دۆلىتى » بولۇپ قالدى. ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك كرودىيە چېگرىسى ئىككى خىل ئوخشىمىغان كىلىمات تىپىغا كىرىدۇ، دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلار ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلار تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. كرودىيە ئۈچ جۇغراپىيىلىك رايون دەپ ئايرىلىدۇ : شىمالىي، شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكى، ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق، ئىسترىيە يېرىم ئارىلى ۋە دالماتىيە دېڭىزى قاتارلىق رايونلار. 

ئاساسىي قانۇن 

كرودىيە1990-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، كرودىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلدى. ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 2000-يىلى 11-ئايدا، كرودىيە پارلامېنت ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى، يېرىم پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى پارلامېنت كابېنت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتكەن. 2001-يىلى 3-ئايدا، كرودىيە پارلامېنتى يەنە بىر قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئۆلكە، مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى، ئىككى پالاتالىق تۈزۈم ئۆزگەرتىپ بىر پالاتالىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

پارلامېنت 

دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى، بىر پالاتالىق تۈزۈم. پارلامېنت ئەزاسى بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 يىل بولىدۇ. بۇ 2011 - يىلى تۈزۈلگەن، پارلامېنت ئەزاسى جەمئىي 151 نەپەر. 

كرودىيە2006 -يىلى كرودىيەنىڭ ئۇمۇمىي مىللىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 63 مىليارد 350 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 16900 دوللار توغرا كەلگەن. كرودىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %4-%5 بولۇۋاتىدۇ. كرودىيە ئەسلىدىنلا سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى سىلوۋىنىيىدىنلا قالسا ئەڭ باي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، پۇقرالارنىڭ ساپاسى يۇقىرى. يەر ئاستى ئېقىنلىرىنىڭ كۆچمە نامى بولۇپ قالغان كىرست رايونى ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزى بويىدىكى گۈزەل تاقىم ئاراللار بۇرۇندىنلا داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغاننىڭ ئۈستىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ياردىمىدە كرودىيە ئىقتىسادى يەنىمۇ تېز گۈللىنىپ، ئەسلىدىكى سانائەت ۋە كان بايلىقلىرىغا چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش بىلەن بىللە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان.

سانائەت 

ئورمان ۋە سۇ كۈچى بايلىقى مول بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان كۆلىمى 207.9 مىليون گېكتار، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭكىدىن %43.5 . بۇنىڭدىن سىرت، يەنە نېفىت، تەبىئىي گاز، ئاليۇمىن قاتارلىق تەبئىي بايلىقى بار. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمچىلىق، دورا ياساش، بىناكارلىق، ئېلېكتر كۈچى، نېفىت خىمىيىسى، مېتاللۇرگىـيـە، ماشىنىسازلىق ۋە ياغاچ ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

دېھقانچلىق، چارۋىچىلىق 

يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8.56%. مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك 269.5 مىليون گېكتار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليون گېكتار. 

ساياھەتچىلىك

كرودىيەكرودىيە ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلغان دۆلەت، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. 

ئاساسلىق مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل ئادرىئاتىك دېڭىز ساھىلى ئارىلى، كۆل توپى ۋە برىئونىكا ئارىلى قاتارلىق دۆلەت باغچىسى. ئوسيېك مۇھىم پورت شەھىرى، لىيېك، چىپۇلىت، پۇلا قاتارلىقلار. 

كرودىيەنىڭ قاتناش - ترانسپورت بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان، تۆمۈريول ۋە تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. 

تۆمۈريول : ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2726 مىڭ مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول 984 مىڭ مېتىر؛ 

يول ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 28344 مىڭ مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 742 مىڭ مېتىر؛ 

سۇ تىرانسپورتى : كرودىيە يەتتە چوڭ يىراق ئوكيان پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز پورتى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا لىيېك، پۇلا، شىبېنىك، زادار، چىپۇلىت، پۇلوچ ۋە دۇمبىرا. بۇنىڭ ئىچىدە لىيېك پورت ئورنى گەۋدىلىك، بۇ پورت ئارقىلىق كرودىيە ۋە پۈتكۈل ياۋروپاغا يەتكۈزۈش پورتى. 

ئاۋىئاتسىيە يوللانمىسى : 8 خەلقئارا ئايرودروم بار، ئاساسلىق ئايروپىلان ئىستانسىسى زاگرېب پۇلەيس ئايرودروم. 1998 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، كىرودىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ياۋروپا ئاۋىئاتسىيە ھەمكارلىقىغا 27 - قېتىملىق رەسمىي ئەزاسى بولغان. [0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ قامۇسى 

http://baike.sogou.com/v43096.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#