توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىنگىلىزچە: the University of Tokyo)؛ 1877-يىلى قۇرۇلغان. ياپونىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت، شۇنداقلا بۇرۇنقى يەتتە خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى
بۇرۇنقى نامى خانلىق ئۇنىۋېرسىتېت، توكيو خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1877-يىلى
ئادرېسى ياپونىيە
توربېكىتى http://www.u-tokyo.ac.jp
خەنزۇچە ئاتىلىشى 东京大学
قىسقاتىلغان نامى 东大(とうだい)
مەكتەپ تۈرى دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ
مەكتەپ مۇدىرى 五神 真
چەتئەلچە نامى とうきょうだいがく

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىتوكيو ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىنگىلىزچە: the University of Tokyo)؛ 1877-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيە تەسىس قىلغان تۇنجى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت، شۇنداقلا ئاسىيا قىتئەسىدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى، ھەممە ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسى مېيجى (Meiji) دەۋرىدە قۇرۇلغان شەرق ئىلمى مەكتىپى ۋە توكيو تېببىي مەكتىپىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت، شۇنداقلا بۇرۇنقى يەتتە خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىلىم-پەن مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋە ئالىم، ئەدىب، ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرگەن.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەن-تېخنىكا تۈرلىرى تولۇق، ئىقتىساد يېتەرلىك، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەرتىپلىك، بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي پەن-تېخنىكىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە تەتقىقات كۈچى جەھەتتە ياپونىيىدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىتوكيو ئۇنىۋېرسىتېتى 1877-يىلى قۇرۇلغان. 1986-يىلى، مېيجى ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت مەسلىكىنىڭ ئىدىيىسىگە ئىگە شەخىسلەرنى تەربىيلەپ چىققان، «خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چاقىرىقى» نى ئېلان قىلىپ، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نامىنى خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتكەن، «پەنلەرنى ئۇنىۋېرسىتېتلار بويىچە بۆلۈش» تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئەسلىدىكى سانائەت قارمىقىدىكى سانائەت پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا-ئىگىلىك قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مەكتىپى ۋە تاغ ئورمىنى مەكتىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان؛ ئەسلى بار بولغان بىر نەچچە مەكتەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت، ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن؛ ھەمدە ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشقا باشلاپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلانغان. 1887-يىلى «ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى» نى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، دوكتور ۋە دوكتور ئاشتىلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنىمۇ تەسىس قىلغان. بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قايسى خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىسمىنىڭ ئالدىغا شۇ جاينىڭ نامىنى قوشقان، خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «توكيو» دېگەن سۆزنى قوشۇپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇشتەك مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ تۈزۈلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك ئاستىدىكى، پەنلەر بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئايرىش تۈزۈلمىسىدىن ئىنىستىتۇتقا ئۆزگەرتتى، قانۇن ئىنىستىتۇتىدا سودا ئىلمى فاكولتىتى كۆپەيتىلگەن، 10 يىلدىن كېيىن بۇ فاكولتىت كېڭەيتىلىپ، ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلدى، ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، توكيو خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر قايسى جەھەتلەردە تېز تەرەققىي قىلدى، نەچچە ئون مىڭ ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، «مىلىتارىزىملىق مائارىپ» تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناتوغرا قۇرۇلما ۋە تۈزۈلمىلەرنى تەڭشىگەن، ھەمدە «توكيو خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئالدىدىكى «خانلىق»، دېگەن سۆزنى چىقىرۋېتىپ، ئەسلىدىكى «توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى» دېگەن مەكتەپ نامىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تۈزۈلمىسى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە يېڭى ئاساسىي ئىنىستىتوت، مائارىپ ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرغان، توكيو خانلىق دەۋرىدىكى تارماق تېببىي ئىلىم بۆلىمى، بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرا، توكيو تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن، ئەسلىي بار بولغان ئىنستىتۇتلاردىن يېڭى ئىنستىتۇتلار ئايرىپ چىقىلغان، بىر تۈركۈم تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلدى، بۈگۈنكى كۈندە، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى 10 چوڭ ئىنىستىتوت، 11 ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى، 12 تەتقىقات ئورنى، نەچچە ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىگە ئىگە ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلاندى. 1986-يىلى، ئاسىيا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مەمورىي باشقۇرغۇچىلار بېلەت تاشلاپ دۇنيادىكى مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تاللىغان چاغدا، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيانىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، بۇ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شان-شەرىپى، شۇنداقلا، بۇ ئۇنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات كۈچى ئىنتايىن زور، تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى كۆپ، جەمئىي 12 تەتقىقات ئورنى ۋە 13 پۈتۈن مەكتەپ ۋە دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەتقىقات مەركىزى بار.

تېببىي تەتقىقات ئورنى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىئىلگىرى مېيجى دەۋرىدە چېچەك ۋاكسىنىسىنى ياساش ئورنى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنى، قان زەردابى مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كېيىن بۇ ئۈچى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى تەرپىدىن باشقۇرۇلدى، ئۇرۇشتىن كېيىن نامى تېببىي تەتقىقات ئورنىغا ئۆزگەرتىلىپ، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىغا ئۆتتى، ئۇ توكيو ئۇنىۋېرسىتى ۋە ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدىكى نامى بار تەتقىقات ئورنى بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، راك كېسىلى ۋە باشقا  پاتولوگىيە ۋە داۋالاشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەتقىقاتلارنى ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. تەتقىقات مەزمۇنلىرى باكتىرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرۇت قاتارلىق كېسەللىك مەنبەلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى، كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك سەۋەبىنىڭ مېخانىزىمى، كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرە ئىلمى، مولېكۇلا بىئولوگىيەسى، ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، قانۇنىيىتى ۋە داۋالاش، راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى، راكقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۆۋەتتىكى تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكى نەزەرىيىۋىي ۋە ئەمىلى مەسىلىلەردىن ئىبارەت. جەمئىي 25 ئىلمىي تەتقىقات ئىشخانىسى، قوشۇمچە ھايۋانلارنىڭ بېقىلىشىنى تەجرىبە قىلىش، ھايۋانلارنىڭ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى سىناق قىلىش، مىكرو ئورگانىزىملىق باكتېرىيىنى ساقلاش، ئىرسىيەت گېنىنى يېشىش، مولېكۇلا كېسەللىك تەتقىقاتى قاتارلىق بۆلۈملەر ۋە بىر قارمىقىدىكى دوختۇرخانا بار. نۇرغۇنلىغان خادىملارنىڭ تېببىي تېخنىكىسى يۇقىرى، ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە.

يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش ئورنى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىياپونىيەنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى بىردىنبىر تەتقىقات ئورنى. 1925-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نەزەرىيىۋىي تەتقىقات تۈرلىرىدىن يەر تەۋرەش دولقۇنى، يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىش مېخانىزىمى، يانار تاغنىڭ گېئولوگىيەسى، فىزىكا ۋە خىمىيەسى، دېڭىز شاۋقۇنى، دېڭىز ئاستىدىكى يەر تەۋرەش قاتارلىقلار بار؛ ئەمىلى تەتقىقات تۈرلىرىدىن يەر تەۋرەش، يانار تاغ، دېڭىز شاۋقۇنىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ خەۋەر قىلىش، يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇش قۇرۇلىشى، قېزىلما بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش، قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۈچلۈك يەر تەۋرەشنى ئالدىن مۆلچەرلەش مەركىزى يەر تەۋرەشنى ئالدىن خەۋەر قىلىشنى كۆزىتىش مەركىزى تەسىس قىلغان، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا 20 گە يېقىن يەر تەۋرەش، يانار تاغ، دېڭىز شاۋقۇنىنى كۆزىتىش ئورنىنى تەسىس قىلغان.

شەرق مەدىنىيىتى تەتقىقات مەركىزى

شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى، شەرقى ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق تەتقىقات ئىشخانىلىرىغا تايىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگوغا قاراتقان تەتقىقاتى ئەڭ ئەتراپلىق، كۈچى ئەڭ زور، ماتېرىياللىرى ئەڭ مول، تەتقىقاتى سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، سەنئەت، تارىخ قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، قوشۇمچە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشىغا تۆھبە قوشۇش مەركىزى قۇرۇلغان.

جەمئىيەت ئىلمى تەتقىقات ئورنى

تەتقىقات دائىرىسىگە ئاساسەن ئىككىگە بۆلىنىدۇ، بىرى، جەمئىيەت ئىلمىنىڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىك تەتقىقاتى؛ يەنە بىرى، ئاساسلىقى سېلىشتۇرما تەتقىقات، نەزىرىنى نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيىتىگە قاراتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، جەمئىيەت مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرشارى خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. يەنە سىرتتىن كەلگەن خادىملار تەتقىقاتقا قاتنىشىدىغان ھازىرقى زامان ياپونىيە جەمئىيىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنى تەسىس قىلغان.

تارىخى ماتېرىياللارنى تۈزۈش ئورنى

ئۇزاق تارىخقا ئىگە تارىخىي ماتېرىياللار سارىيى، تارىخىي ماتىرىياللارنى تەتقىق قىلىش، رەتلەپ تەھرىرلەش ۋە نەشىر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. قەدىمكى دەۋر، ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان تارىخى ماتېرىياللار قەدىمكى كىتابلارنىڭ تەرتىپسىز خاتىرىلىرى، ئالاھىدە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى تاللاپ رەتلىنىدۇ ۋە تەھرىرلىنىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئورنى

ئەسلى توكيو خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى سانائەت ئىنىستىتۇتى بولۇپ، ئاساسلىقى ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە توشۇلىشى بىلەن شوغۇللانغان، ھازىر توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەتقىقات ئورنى بولۇپ، 44 قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان.

جەمئىيەت خەۋەرلىرى تەتقىقات ئورنى

تارقىتىش ۋاستىسى، ئۇچۇر تارقىتىش، ئۇچۇر ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەتقىقات ئىشخانىسى، قوشۇمچە تارقىتىش ۋاستىلىرى ماتېرىياللىرى مەركىزى تەسىس قىلىنغان.

ئالەم نۇرى تەتقىقات ئورنى

ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسىنى تەتقىق  قىلغان بولۇپ، يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك كۈچلۈك تەسىر، ئاجىز تەسىر، نېيترون فىزىكىسى، ئالەم نۇرىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاتوم يادروسى تەتقىقات ئورنى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىئاتوم يادروسىنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ۋە ئاساسىي زەررىچىنىڭ تەجرىبە تەتقىقاتى، شۇنداقلا ئاساسىي نەزەرىيىۋىي تەتقىقات، تەتقىقات مەزمۇنلىرىدىن ئاتوم يادروسى، رادىئوئاكتىۋلىق ئىقتىدارى، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك تېزلەتكۈچ قۇرۇلمىسى، نېيتروننى سىناق قىلىش، يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك دانچە فىزىكىسى، ئاتوم يادروسىنى سىناق قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى بوشلۇق ئىلمى، ئوتتۇرا ئېنىرگىيىلىك فىزىكا چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى جەلپ قىلىدىغان زىيارەتچىلەر تەتقىقات ئىشخانىسى.

دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنى

ياپونىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى بىردىنبىر تەتقىقات ئورنى، دېڭىز-ئوكيان جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دېڭىز-ئوكيان فىزىكىسى، ھاۋا كىلىماتى، دېڭىز-ئوكيان خىمىيەسى، بىئولوگىيەسى، دېڭىز ئاستىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە گېئولوگىيەسى، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسى، دېڭىز-ئوكيان مىكروئورگانىزمى، دېڭىز-ئوكيان بايلىق مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەتقىقات ئىشخانىلىرى بار. يەنە ئىككى دېڭىز-ئوكياننى تەكشۈرۈش پاراخوتى بار.

فىزىكا تەتقىقات ئورنى

ماتېرىيالنىڭ خۇسۇسىيەتىنىڭ تەجرىبە تەتقىقاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىۋىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن، ماددىنىڭ لىمىت خۇسۇسىيىتى، قويۇلدۇرۇش خۇسۇسىيىتى، رادىئوئاكتىۋلىق خۇسۇسىيىتى، يېڭى ماتېرىياللارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلار.

بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىچىدە، ئالەم نۇرى تەتقىقات ئورنى، ئاتوم يادروسى تەتقىقات ئورنى، دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنى، فىزىكا تەتقىقات ئورنى دۆلەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىدىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى1. چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېر مەركىزى- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر مەركىزى بولۇپ، تۆت يېڭى تىپتىكى M-200H ئېلىكتىرونلۇق كومپيۇتېر سىستېمىسى ئورنىتىلغان، سىغىمى چوڭ، ئەسلىھەلىرى تولۇق، ۋاقىت بۆلۈش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان توكيو كومپيۇتېر تورىنى ھاسىل قىلغان، كومپيۇتېرنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.

پايتەخىت توكيودىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەزا بولۇش سالاھىيىتى بار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

2.توكيو ئۇنىۋېرسىتى ھۆججەت مەركىزى، 1968-يىلى نامىنى «پەن-تېخنىكا ئۇچۇر مەركىزى» گە ئۆزگەرتكەن، دۆلەتتىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەمىنلەيدۇ.

3. ئىقلىم سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى، كېلىمات ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىقلىم سىستېمىسىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، توكيو ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ماتېرىيال بۆلىمى، تۆۋە تېمپىراتورا مەركىزى، ئىزوتوپ تەتقىقات مەركىزى، ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات مەركىزى، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر مەركىزى، مۇھىت بىخەتەرلىك مەركىزى، ئىرسىيەت تەجرىبىخانىسى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مەركىزى، مۇرەككەپ تېخنىكا مەركىزى، فىزىكا قۇرۇلىشى تەتقىقات مەركىزى، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى قاتارلىقلار بار.

ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى

ئىجتىمائىي پەنلەر، پېداگوگىكا، قانۇنشۇناسلىق ۋە سىياسەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، يېزا-ئىگىلىك ئىلمى، دورىگەرلىك، ئاتوم ئېنىرگىيىسى، تەقۋىم ساناقلىرى پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق 12 تەتقىقات بۆلىمى بار بولۇپ، جەمئىي  104 كەسپنىڭ تەتقىقات يۆلىنىشى بار. ئۇ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن 95 نى تەسىس قىلغان.

ئون چوڭ ئىنىستىتۇتى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىقانۇن ئىنىستىتۇتى-توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئەڭ داڭلىق ئىنىستىتوت ياپونىيە تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان سىياسىي ساھەدىكى شەخىسلەر مۇشۇ ئىنىستىتوتتىن چىققان. دېموكراتىيە، ئومۇمىي قانۇن، سىياسەتشۇناسلىقدىن ئىبارەت ئۈچ فاكولتىتىنى تەسىس قىلغان، قارمىقىدىكى بۆلۈملەردىن دۆلەت قانۇنى ھۆججەت مەركىزى، يېقىنقى زامان ياپون تارىخى ماتېرىيال مەركىزى بار.

ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى-ئەدەبىيات، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ھەرىكەتشۇناسلىقدىن ئىبارەت تۆت فاكولتىتى بار، قوشۇمچە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، شىمالىي دېڭىز مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىككى پراكتىكا تەجرىبە بۆلىمى تەسىس قىلىنغان. بۇ ئىنىستىتوتتىن نۇرغۇنلىغان ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئەدىب، يازغۇچى، شائىرلىرى، سەنئەتكارلىرى چىققان.

ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى-پەقەت ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە تىجارەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى فاكولتىتى بار بولۇپ، قارمىقىدا سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقات ئىشخانىسى بار.

پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى-پېداگوگىكا، مائارىپ پىسخلوگىيىسى، مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق تەربىيىسىدىن ئىبارەت بەش فاكولتىت بار، قارمىقىدىكى مەكتەپلەردىن ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار.

تېببىي ئىنىستىتوت-تېببىي ئىلىم، سالامەتلىكنى ئاسراشتىن ئىبارەت ئىككى فاكولتىت بار، قوشۇمچە مېڭە تەتقىقات تەجرىبىخانىسى، تېببىي ئېلېكتىرون تەتقىقات ئىشخانىسى، ئاۋاز تىلى تېببىي ئىلىم تەتقىقات ئىشخانىسى، ھايۋانلارنى بېقىشنى تەجرىبە قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان.

قارمىقىدىكى دوختۇرخانا، مەكتەپلەردىن پەرۋىش مەكتىپى، تۇغۇت سېستراسى مەكتىپى بار. بۇ ئىنىستىتۇتىنىڭ تاشقى بۆلىمى، بولۇپمۇ مېڭە تاشقى بۆلىمى دۇنياغا داڭلىق.

فىزىكا ئىنىستىتۇتى-ماتېماتىكا، ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى، فىزىكا، ئاسترونومىيە، يەرشارى فىزىكىسى، خىمىيە، بىئوخىمىيە، بىئولوگىيە ئىلمى، يەرشارى ئىلمى قاتارلىق توققۇز فاكولتىتى بار بولۇپ، قارمىقىدىكى بۆلۈملەردىن دېڭىز بويى تەجرىبە مەيدانى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، ئاساسىي زەرىچە فىزىكىسى خەلقئارالىق مەركىزى، سىپېكتىر خىمىيە تەتقىقات مەركىزى، يەر پوستى خىمىيەسى تەتقىقات مەركىزى، ئاسترونومىيە ئىلمى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلار بار.

سانائەت ئىنىستىتۇتى-توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنىستىتوت بولۇپ، 23 فاكولتىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بارلىق سانائەت پەنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار بولۇپ، ئاممىۋىي قۇرۇلۇش ئىشلىرى، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتىرون، كېمە، ئاۋىئاتسىيە، ئاتوم ئېنىرگىيەسى، بايلىق مەنبەسى، مېتال، ماتېرىيال، قوللىنىشچان خىمىيە، قوللىنىشچان فىزىكا، ھېساپلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ خىل پەن-تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قۇرۇلۇش فاكولتىتى، بىر ئاتوم ئېنىرگىيىسى قۇرۇلۇش تەتقىقاتى ۋە ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانى بار.

دوراشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى-دوراشۇناسلىق ۋە دورا ياساش خىمىيىسىدىن ئىبارەت ئىككىلا فاكولتىت بار، قوشۇمچە دورىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى تەسىس قىلىنغان.

يېزا-ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى-يېزا ئىگىلىك بىئولوگىيە ئىلمى، يېزا-ئىگىلىك خىمىيەسى، ئورمانچىلىق ئىلمى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمى، يېزا-ئىگىلىك ئىقتىسادى ئىلمى، يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، مال دوختۇرلۇق ئىلمى، ئورمان مەھسۇلاتلىرى ئىلمى، قاتارلىق  سەككىز فاكولتىت تەسىس قىلىنغان، قوشۇمچە دېھقانچىلىق مەيدانى، پراكتىكا ئورمان مەيدانى، چارۋىچىلىق مەيدانى، مال دوختۇرخانىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەجرىبە قىلىش مەيدانى يېشىللىق ئۆسۈملۈكلىرى تەجرىبە مەيدانى قاتارلىق پراكتىكا تەجرىبە ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان.

تەربىيەلەش ئىنىستىتۇتى-پۈتۈن مەكتەپتىكى تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىي پەنلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت، رايون مەدىنىيىتى، جەمئىيەت پەن-تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەنلەر، سىستېما تەبىئىي پەنلىرى، تەبىئىي پەنگە مۇناسىۋەتلىك  پەنلەردىن ئىبارەت بەش فاكولتىتقا بۆلىنىدۇ، ھەمدە ئامېرىكا تەتقىقاتى ماتېرىيال مەركىزى، تىل مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى، ماتېماتىكا-فىزىكا تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىمەركىزى مەكتەپ رايونى: پايتەخت توكيونىڭ بۇنكيۇكۇ رايونى، 40.27 گېكتار؛

ئاسانو مەكتەپ رايونى: پايتەخت توكيونىڭ بۇنكيۇكۇ رايونى، 4.37 گېكتار؛

يايوئى مەكتەپ رايونى: پايتەخت توكيونىڭ بۇنكيۇكۇ رايونى، 11.28 گېكتار؛

تەبىئىي  پەن فاكولتىتى تەتقىقات بۆلىمىنىڭ قارمىقىدىكى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى: پايتەخت توكيونىڭ بۇنكيۇكۇ رايونى، 16.08 گېكتار

كومابا مەكتەپ رايونى-پايتەخىت توكيونىڭ مېگىرۇ رايونى، 35.20 گېكتار؛

مائارىپ ئىنىستىتۇتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجلىك مائارىپ مەكتىپى، دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئورنى: پايتەخىت توكيونىڭ ناكانو رايونى، 4.87 گېكتار؛

ئاق ئالتۇن مەكتەپ رايونى: پايتەخت توكيونىڭ مىناتو كۇ رايونى، 7.2 گېكتار

دېھقانچىلىق ئىلمى ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات بۆلىمى قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى: پايتەخت توكيونىڭ غەربىي توكيو شەھىرى، 31.36 گېكتار؛

مىتاكا مەكتەپ رايونى: پايتەخت توكيونىڭ مىتاكا شەھىرى، 6.88 گېكتار؛

يېزا-ئىگىلىك ھاياتلىق تەتقىقاتى قارمىقىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى: ئىباراكى كېن غەربىي ئىباراكى كېن ۋىلايىتى، 36.12 گېكتار؛

ماددا خۇسۇسىيىتى تەتقىقات ئورنى، ئالەم نۇرى تەتقىقات ئورنى، يېڭى ساھەدىكى پەن-تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش بۆلىمى: چىبا ناھىيەسى چىبا شەھىرى، 32.2 گېكتار؛

دېھقانچىلىق ئىلمى ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات بۆلىمى قارمىقىدىكى نىنومىيا مېۋىلىك دەرەخ باغچىسى: كاناگاۋا كېن ۋىلايىتى، 3.93 گېكتار؛

تېببىي ئىلىم تەتقىقات ئورنى قارمىقىدىكى ئامامى ئوشما كېسەللىك زىيانداش ھايۋانلىرى تەتقىقات ئورنى: گاكوشىما ۋىلايىتى گاكوشىما ناھىيەسى، 0.88 گېكتار؛

دېھقانچىلىق ئىلمى ھاياتلىق پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات بۆلىمى قارمىقىدىكى ئەيچى مەشىق ئورمىنى: ئەيچى ناھىيەسى سېتو شەھىرى 1264.63 گېكتار؛

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى توكيو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئورنى توكيودىكى بۇنكيو كۇدا بولۇپ، يەر مەيدانى 40 گېكتار كېلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا مېگورو رايونىدىكى كومابادا تەلىم-تەربىيە ۋە ئارقا سەپتە ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى مەكتەپ رايونىنى قۇرغان.

قارمىقىدىكى مەكتەپ، تەتقىقات بۆلىمى، تەجرىبە پراكتىكا بازىسى (مەسىلەن، دېھقانچىلىق مەيدانى، ئورمان، يەر تەۋرەش، يانار تاغ، ئاسترونومىيە قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ئورنى)، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشقان. ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر 8055 نەپەر بولۇپ، مۇدىر بىر نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى 35 نەپەر، ھەر خىل ئىشچى-خىزمەتچىلەر (مەمۇرىي خادىم، تېخنىك خادىم، داۋالاش ئىشلىرى مەركىزىدىكى سېسترا، دورىگەر، كېلىنكىلىق تازلىق تەكشۈرگۈچى، ئوزۇقلۇقشۇناس) 4055 نەپەر. 3964 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە، پروفېسسور 1133 نەپەر، دوتسېنت 1083 نەپەر، لېكتور 170 نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى 1578 نەپەر، پروفېسسور بىلەن دوتسېنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ %56 نى ئىگەللەيدۇ.

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ ئومۇمىي سانى 6،646،133 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لاتىن يېزىقىدىكى كىتابلار 3،129،050 پارچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەكتەپتىكى 60 ئاكادېمىكلار بۆلىمى، تەتقىقات ئورنى، باشقا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر، كۇتۇپخانا ۋە ماتېرىيال بۆلۈملىرىدە ساقلانغان. مەركىزىي كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتاب بىر مىليون پارچىغا، ژۇرناللار 38600 خىلغا يېتىدۇ، ھەر يىلى مەكتەپ 200 مىڭ پارچىغا يېقىن كىتاب سېتىۋالىدۇ. مەكتەپتە ئۈچ پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى قارماق دوختۇرخانا بار؛ تېببىي بۆلۈم قارمىقىدىكى دوختۇرخانا، تارماق دوختۇرخانا، تېببىي پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى قارمىقىدىكى دوختۇرخانا قاتارلىقلاردا جەمئىي 1246 كېسەل كارۋىتى بار.[2]

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن.

سىياسى ساھە بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، كىشىلەر توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى «ئەمەلدارلارنىڭ ئىسسىق كارىۋىتى»، «ۋەزىر ۋە تالانتلىق شەخىسلەرنىڭ مەنبەسى»، «توكيو ئۇنىۋېرسىتى تەربىيىلەپ چىققان كىشىلەر ياپونىيەنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىنى ئىگىلىگەن» دېيىشىدۇ. بۇ قارىماققا ئاشۇرۇپ ماختىۋەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن شۇنداق! پەقەت قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن 40 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىلا 2700 كىشى ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىگەن.

توكيو ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن داڭلىق كىشىلەردىن:

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر

ياسۇنارى كاۋاباتا، 1968-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

لېئو ئېساكى، 1973-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئېيساكۇ ساتو، 1974-يىلى نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كېنزابۇرو ئوئې، 1994-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ماساتوشى كوشىبا، 2002-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يوئىچىرو نامبۇ، 2008-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئېي-ئىچى نېگىشى، 2010-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ياپونىيە ۋەزىرلىرى

شىگېرۇ يوشىدا، ياپونىيە ۋەزىرى (1946-1947، 1948-1954)؛

نوبۇسۇكې كىشى، ياپونىيە ۋەزىرى (1957-1960)؛

ئېيساكۇ ساتو، ياپونىيە ۋەزىرى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن (1964-1972)؛

تاكېئو خۇكۇدا، ياپونىيە ۋەزىرى (1976-1978)؛

ياسۇھىرو ناكاسونې، ياپونىيە ۋەزىرى (1982-1987)؛

كىئىچى مىيازاۋا، ياپونىيە ۋەزىرى (1991-1993)؛

يۇكىئو خاتوياما، ياپونىيە ۋەزىرى (2009-2010)؛

ماتېماتىكلار

تاداتوشى ئاكىبا، كىيوشى ئىتو، كېنكىچى ئىۋاساۋا، مىكىئو ساتو، گورا شىمۇرا، يۇتاكا تانىياما، تېيجى تاكاگى، كېنتارو يانو، تسۇيوشى مورى، ماشى ئائويى؛

فىزىكىشۇناسلار

ئاكىتو ئارىما، ئۇكىچىرو ناكايا، يوشىئو نىشىنا، سېئىجى ئوگاۋا، تويوئىچى تاناكا، مورىكازۇ تودا، يوجى توتسۇكا؛

خىمىيەشۇناسلار

كىكۇنائې ئىكېدا، يوكىچى تاكامىنې، ئۇمېتارو سۇزۇكى؛

ئارخېتېكتورلار

كىشو كۇروكاۋا، كېنزو تانگې، ئاراتا ئىسوزاكى، تويو ئىتو؛

يازغۇچىلار

كوبو ئابې، ريۇنېسۇكې ئاكۇتاگاۋا، ياسۇنارى كاۋاباتا، يۇكىئو مۇشىما،مورى ئوگائى، ناتسۇمې سوسېكى

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىتوكيو ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىسى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. ھازىر ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ قالغان.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەنگلىيە ئالىي مائارىپنى تەكشۈرۈش شىركىتى 2011-يىللىق ئاسىيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى تەرتىپكە تۇرغۇزغاندا، تۆتىنچى بولغان.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنگلىيە «تامېس گېزىتى ئالىي مائارىپ قوشۇمچە سانى» دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاسىيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەرتىپكە تىزغاندا، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيادىكى يۈز داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدى بولغان.

مەكتەپ مۇدىرلىرى

خىرويۇكى كاتو، 1877-يىلى 4-ئاي؛

كېنسائى ئىكېدا، 1877-يىلى 4-ئاي؛

خىرويۇكى كاتو، 1877-يىلى 7-ئاي؛

ماساكازۇ توياما، 1886-يىلى 1-ئاي؛

خانلىق ئۇنىۋېرسىتېت

ماساكازۇ توياما، 1886-يىلى 1-ئاي؛

خىروموتو ۋاتانابې، 1886-يىلى 3-ئاي؛

خىرويۇكى كاتو، 1890-يىلى 5-ئاي؛

ئاراتا ھامائو، 1893-يىلى 3-ئاي؛

ماساكازۇ توياما، 1897-يىلى 11-ئاي؛

توكيو خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتى

دائىروكۇ كىكۇچى، 1898-يىلى 5-ئاي؛

كېنجىرو ياماكاۋا، 1901-يىلى 6-ئاي؛

نائوكىچى ماتسۇئى، 1905-يىلى 12-ئاي؛

ئاراتا خامائو، 1905-يىلى 12-ئاي؛

يوجى ساكۇرائى، 1912-يىلى 8-ئاي؛

كېنجىرو ياماكاۋا. 1913-يىلى 5-ئاي؛

ياشىنوئو كوزائى، 1920-يىلى 9-ئاي؛

كىخېئىجى ئونوزۇكا، 1928-يىلى 12-ئاي؛

ماتارو ناگايو، 1934-يىلى 12-ئاي؛

كانجى ساتو، 1938-يىلى  11-ئاي؛

يۇزۇرۇ خىراگا، 1938-يىلى 12-ئاي؛

كانئىچى تېرازاۋا، 1943-يىلى 2-ئاي؛

يوشىكازۇ ئۇچىدا، 1943-يىلى  3-ئاي؛

شىگېرۇ نانبارا، 1945-يىلى 12-ئاي؛

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى

تادائو يانائىھارا، 1951-يىلى 12-ئاي؛

سېئىجى كايا، 1957-يىلى 12-ئاي؛

كازۇئو ئوكوچى، 1963-يىلى 12-ئاي؛

ئىچىرو كاتو، 1968-يىلى 11-ئاي؛

ئىچىرو كاتو، 1969-يىلى 4-ئاي؛

كېنتارو خاياشى، 1973-يىلى 4-ئاي؛

تاكاشى مۇكائىبو، 1977-يىلى 4-ئاي؛

ريۇئىچى خىرانو، 1981-يىلى 4-ئاي؛

ئاكىتو ئارىما، 1989-يىلى 4-ئاي؛

خىرويۇكى يوشىكاۋا، 1993-يىلى 4-ئاي؛

شىگېخىكو خاسۇمى، 1997-يىلى 4-ئاي؛

تاكېشى ساساكى، 2001-يىلى 4-ئاي؛

خىروشى كومىياما، 2005-يىلى 4-ئاي؛

جۇنىچى خامادا، 2009-يىلى 4-ئاي؛[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#