ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 73133 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 维吾尔玉其温乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 13243 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى wéi wú ěr yù qí wēn xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. يېزىلىق ئورگاننىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر. شەرقتە قاش دەرياسى، جەنۇبتا بايتوقاي ۋە يېڭىتام يېزىسى، غەربتە ئونيار يېزىسى، شىمالدا دۆڭمازار بازىرى بىلەن تۇتاشقان.

شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 73133 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىغا قاراشلىق 7 كەنت ئاھالە كومىتېتى، توققۇز تەبىئىي كەنت، 35 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار، يېزا ئورگىنىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ئۇيغۇر ئۇچئۇن كەنتىنىڭ جەنۇبىدا، ئىتتىپاقلىق ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن قوشنا.

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى ئەسلىدە دۆڭمازار گۇڭشېسى تەۋەلىكىدە بولغان. 1984-يىلى، يېزا تەسىس قىلىنغان، تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامى بويىچە نام بېرىلگەن. («ئۇيغۇر ئۈچئون»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچ ئون ئائىلە» دېگەن مەنىدە).

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىدا ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، توگو، خۇيزۇ، جۇۋاڭزۇ، مىياۋزۇ قاتارلىق يەتتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، 2363 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 13243 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 6925 ئادەم، ئاياللار 6318 ئادەم، غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 327 ئادەم، نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق نوپۇس 96 ئادەم، ئۇيغۇرلار 4370 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %33 نى، خۇيزۇلار 4901 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %37 نى، خەنزۇلار 2378 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18 نى، دۇڭشياڭلار 1428 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.8 نى ئىگىلىگەن، قازاقلار 145 ئادەم، مياۋزۇلار 14 ئادەم، جۇاڭزۇلار 7 ئادەم.

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى خەلق ئۆستىڭى، ياشلار ئۆستىڭىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان، سۇ مەنبەسى مول، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 810مېتىردىن 750 مېتىرغىچە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 164 كۈن.

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان. قاراشلىق رايون ئىچىدە تۇرۇشلۇق يېڭى نەنجىڭ شېكەر زاۋۇتى، ئىتتىپاقلىق ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بار، بۇلار 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىقىزىلچا 4363 مو، بۇغداي بىلەن ئېڭىز كۆكتات مىقدارى 2880 مو، يۇقىرى ھوسۇللۇق سېرىق پۇرچاق 7319 مو، تۈرلۈك قوغۇن-تاۋۇز 200 مو، ئۆزگىچە زىرائەت سامساق بىلەن پىياز 1348 مو. ھەر خىل زىرائەت تېرىش تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمى 54550 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائەتلىرى 42453 مو، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %77.8 نى ئىگەللىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە : بۇغداي 5243 مو، قوناق 29280 مو، (19783 مو توننىلىق ئاشلىق ئېتىز)، سېرىق پۇرچاق 7930 مو، (يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىز 7319 مو)، ئىقتىسادىي زىرائەت 12097 مو بولۇپ، يېزا بويىچە ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %22.2 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە: 7272 مو قىزىلچا، 1100 مو كۈزگى قىچا، 557 مو ئاپتاپپەرەس، زىغىر 70 مو، ماي زىغىر 80 مو. ھەر خىل كۆكتات 1765 مو، بۇنىڭ ئىچىدە، سامساق 848 مو، پىياز 500 مو، سۇلياۋ يوپۇق بەرەڭگە 100 مو، پەمىدۇر 150 مو، باشقا زىرائەتلەر 167 مو، قوغۇن-تاۋۇز 200 موغا يەتكەن.

ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىدىكى ھەر خىل مېۋىلىك باغ كۆلىمى 2190 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 300 مو كېسىلگەن دەرەخ ئورنىدا ئورمان بىنا قىلىنغان، 258 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، بەرپا قىلغان ئىھاتە ئورمان كۆلىمى 350 موغا يەتكەن، تىكىلگەن كۆچەت 123 مىڭ تۈپكە يەتكەن، 521 مو ئىقتىسادىي ئورمان، ئۆرۈك 400 مو، ئالما 101 مو، ياڭاق 20 مو، ھويلا ئىچىدە ھەر خىل ئىقتىسادىي دەل-دەرەخلەر 334 مو، «تۆت ئۆي» كۆچەت تىكىش كۆلىمى 500 موغا يەتكەن، ئۇچئۇن كەنتىدە 160 مو ئۆرۈك باغچىسىنى مەركەز قىلىپ، 400 مو قوشنا دېھقان ئائىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، تۇتاش كەتكەن باغۋەنچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلغان.

بۇ يېزىنىڭ ھازىر قوتاندا بېقىلىۋاتقان سىيىرلارنىڭ سانى 3386 تۇياققا، ئەلا سۈپەتلىك سىيىر 1125 تۇياققا، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۈپەتلىك سۈت كالىسى 250 تۇياققا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئەلا سۈپەتلىك سۈت كالىسى 165 تۇياققا، قوي 16358 تۇياققا، تۇخۇم توخۇسىنىڭ مىقدارى 12 مىليون دانىگە، چۈجە 100 مىڭ دانىگە، بورداش مىقدارى 16120 دانىگە يەتكەن، قۇش ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتى % 96 دىن ئاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#