ستىۋېن خاۋكىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ستىۋېن خاۋكىڭ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، ھەمدە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1959-يىلى 17 ياشلىق خاۋكىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ ئالىي ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇشنى ناھايىتى ئاز ۋاقىت ئىچىدە تاماملاپ، 1-دەرىجىلىك شەرەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1963-يىلى ستىۋېن خاۋكىڭ 21 ياش ۋاقتىدا مۇسكۇل يىگلەش خاراكتېرلىك پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا دوختۇرلار ئۇنى ئاران 3 يىل ياشىيالايدۇ، 30 ياشقىچە ياشاش نىسبىتى ئاران %5 دېگەن.
بىراق ئۇ ئىزچىل كۈچلۈك ھالدا ياشاش ئۈچۈن تېرىشىپ كەلگەن.
Intel شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى Travis Bonifield ئون يىلدىن بۇيان خاۋكىڭ بىلەن ئىزچىل قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن ھەمدە بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم مەخسۇس خاۋكىڭ ئۈچۈن كومپيۇتېر ئىشلەپ ئۇنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
بۇ قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە خاۋكىڭ Thinkpad x220 ماركىلىق تاختا كومپيۇتېرغا ئېرىشكەن، بۇ تاختا كومپيۇتېرغا Intel Core i7 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، ئالدى تەرەپكە كامېرا ئورنىتىلغان.
خاۋكىڭ Skype ئارقىلىق تېلېفون ئۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ھازىرغىچە 80-يىللاردا DEC ياساپ چىققان ئاۋاز بىرىكتۈرۈش ۋە تېكىست تەرجىمە قىلىش تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن DECtalk قورالىنى ئىشلىتىدۇ.
1989-يىلى ئەنگلىيە جازى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان.
لوندون خان جەمەتى ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 1 ئوردېنىغا ئېرىشكەن.
ۋاتىكان پاپا ئوردىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك بەنچىيەن ئوردېنىغا ئېرىشكەن.
خوپىنگىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا دانيېل ياۋروپا خېينېمان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ماكسۋېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھيۇس مېدالىغا ئېرىشكەن.
1978-يىلى دۇنيادىكى فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات-ئېينشتېيىن مېدالىغا ئېرىشكەن.
1988-يىلى روگېر ۋولف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى ئەركىنلىك ئوردېنىغا ئېرىشكەن-ئوباما شەخسەن ئۆزى مۇكاپات تارقاتقان.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.