كۇجە ئاش

كۇجە ئاش

كۇجە ئاش تەملىك، سىڭىشلىك بولۇپ، ئاشقازان ۋە باشقا كېسەللىك تۈپەيلى پەرھىز تۇتقۇچىلارغىمۇ زىيان قىلمايدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كۇجە ئېشىنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۈچەينى تازلاش، ئۆپكىنى ياخشىلاش، بەدەننى قۇۋەتلەش قاتارلىق كۆپ خىل رولى بار.

ئۇيغۇرچە نامى كۇجە ئاش
تۈرى قوناق ئۇنى تائاملىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللارخام ماتېرىيالى: لوق گۆش (مۇۋاپىق مىقداردا)، ئىككى قۇتا قوناق كونسىرۋاسى، ئاز مىقداردا سۇماي، بىر تال بەرەڭگە، بىر دانە قىزىلمۇچ، بىر دانە كۆكمۇچ، يىسۋىلەك (مۇۋاپىق مىقداردا)، بىر دانە پەمىدۇر، پالەك (مۇۋاپىق مىقداردا).

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قوناق كونسىرۋاسىنى ئۇششاق سوقۇۋالىمىز، قالغان ماتېرىياللارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.

كۇجە ئېشىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىپىشۇرۇش ئۇسۇلى: ئاۋۋال قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، توغرىۋالغان ماتېرىياللارنى ئۆي لەغمەنگە قورىغان سەيدەك قىلىپ قورۇيمىز، ئاندىن ئاز مىقداردا سۇ قۇيىمىز، سۇ قاينىغاندىن كېيىن، ئۇششاق سوقۇۋالغان قۇناق كونسىرۋاسىنى سالىمىز ئاندىن تۇزىنى تەڭشەيمىز، ئاندىن پالەكتىن ئازراق سېلىۋىتپ قاچغا ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#