ئۆچكە

جۇڭگونىڭ ئۆچكە بېقىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بۇنىڭدىن شيا، شاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا قوي بېقىش نەزمىلىرى خاتىرلەنگەن. ئۆچكنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى، باشقۇرۇش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھازىرغىچە جۇڭگودا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىش، ئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن ئېتىبارەن، جۇڭگو ئۆچكىلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.  

ئۇيغۇرچە نامى ئۆچكە
ئىنگلىزچە نامى Capra aegagrus hircus
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 山羊
تارقالغان رايونلار جۇڭگو
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلارتۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئۆچكە ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزى ئىنچىكە ھەم ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئىككى تەرەپكە ئېچىلغان.  كۆز قارىچۇقى كېڭەيگەندە، شەكلى تىك تۆت تەرەپلىك بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ئۆچكنىڭ كۆز ئەينەك تەنچە ئوپتىكا ئالاھىدىلىكى ھەم كۆرۈش تور پەردىسى شەكلى ۋە سەزگۈرلۈك دەرىجىسى شۇنىڭدەك ئۆچكنىڭ ياشاش مۇھىتى قاتارلىقلارغا چىقىرىلغان توغرا قارار. كۆپ ساندىكى تۇياق بارماقلىق ھايۋانلارنىڭ كۆز قارچۇقى چوڭايغان چاغدا، ھەممىسى تىك تۆت تەرەپلىك بۇلۇپ قالىدۇ.

جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئۆچكە سورت بايلىقى ئەڭ مول دۆلەت. ئۆچكە ئائىلىسى نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپالىق ئەمگەك ۋە كۆڭۈل قويۇپ تالىشى ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك قارا ئۆچكە قاتارلىق 40 قا يېقىن تۈر يېتىشتۈرۈپ چىقتى ھەم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆچكە نەسلىنى بارلىققا كەلتۈردى. 

ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ: سۈت تىپىلىق، گۆش تىپىلىق، تىۋىت تىپلىق.

سۈت تىپلىق

بۇ بىر خىل ئۆچكە سۈتىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان سورت. سۈت ئۆچكىسىنىڭ تىپىك سىرتقى ئالاھىدىلىكى: سۈت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، سۈتنىڭ سۈپىتى ياخشى. شەنشى ئۆلكىسى گۇەنجۇڭ رايونىغا ۋەكىللىك قىلدىغان سۈت ئۆچكىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ گۇەنجۇڭ ۋىلايىتىدىن چىقىدىغان بولغاچقا، شۇڭا سۈت ئۆچكىسى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. گۇەنجۇڭ سۈت ئۆچكىسى ئېلىمىزنىڭ سۈتلۈك ئۆچكىلەر ئارىسىدىكى مەشھۇر ئەلا سورتى بۇلۇپ، ئۇنىڭ تېنى پۇختا، قۇرۇلمىسى تەكشى، ئىرسىيەت خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق. بېشى ئۇزۇن، پېشانىسى كەڭ، كۆزى چوڭ، قۇلىقى ئۇزۇن. سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم، سۈت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، سۈت سۈپىتى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى. ئادەتتە لاكتاتسىيە دەۋرى 7 ~ 9 ئايغىچە بولۇپ، يىلىغا 450 ~ 60 كىلوگرام سۈت ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىرلىك تىرىك ئېغىرلىق سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كالىغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولغان. سۈت تەركىبىدە خام قايماق، %3.6 ئاقسىل، %3.5 سۈت شېكىرى، ئومۇمىي قۇرۇق ماددا %11.6 ئاشقان. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، كازېئىن قۇرۇلمىسى بىلەن ئادەم سۈتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كىسلاتا قىممىتى تۆۋەن، سۈتنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. بوۋاق بالىلار، قېرىلارۋە بىمارلارنىڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكى.

گۆش تىپىلىق

 بۇ بى رخىل ئۆچكە گۆشى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان تۈر. ئۆچكنىڭ تىپىك سىرتقى قىياپىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى: گۆشلۈك چارۋا، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى تولغان، ئىنچىكە، شالاڭ تىۋىتلىق. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز. ئۆچكە گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆپ، گۆش سۈپىتى ياخشى. بۇنىڭ ئىچىدە بور ئۆچكىسى، قارا ئۆچكە قاتارلىقلار ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك رايونى تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادى تۇرلىرىدىن بىرى.

تىۋىت تىپلىق 

بۇ بىرخىل ئۆچكە تىۋىتى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىغان ئۆچكە نەسلى. تىۋىتلىق ئۆچكنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى: بەدىنى تىۋىت، يۇڭ ئارىلاش ئۆسىدۇ، تۈكلۈك ئۇزۇن تىۋىتى يۇمشاق، ئاپئاق تۈكلىرى پارقىراق، تېنى يوغان،بېشى كىچىك، بوينى توم، قېلىن، بويۇن ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرھال، كۆكرىكى كەڭ ھەم چوڭقۇر، سەرى ھەم كىرىت قىسمى كەڭ، دۈمبىسى تۈز كېلىدۇ. تىۋىت مىقدارى كۆپرەك، تىۋىت سۈپىتى ياخشى.

ھەرىكەتچان خاراكتېرلىك 

ئۆچكە باتۇر، شوخ، چاققان، زېرەك، ئېگىزگە يامىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ماھىر، ھەرىكەتچان، كىچىك كۆشىگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە جانلىق. 

ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك

ئۆچكنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئارىلاش ۋە ھەرخىل خىل ئوت-چۆپلەر، چاتقال، شاخ-يوپۇرماق، زىرائەتلەرنىڭ شاخ-شۇمبىلىرى، كۆكتات يوپۇرمىقى، مېۋە شۈپۈكى، پېلەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىلدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى باشقا ئۆي ھايۋانلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر كەڭ. يەم خەشەك قىلىش نىسبىتىنى %88، ئەمما قوي، تەرپە، ئات، چوشقا قاتارلىقلارنىڭ يەم خەشەك قىلىش نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %64، %73، ۋە %46 نى تەشكىل قىلىدۇ.

چىقىشقاقلىق

ئۆچكىنىڭ چىقىشقاقلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. مەيلى مال بېقىش ياكى قوتاندا بولسۇن، ئۆچكە دائىم سەپداشلىرى بىلەن بىللە پائالىيەت قىلدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېشى چوڭ، ئەۋلادى كۆپ، تېنى ساغلام ھەم كۈچلۈك بولغانلىرى باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئۆچكىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا، باشقىلىرى پەقەت ئىتائەتمەنلىك بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ. ئۆچكىنىڭ چىقىشقاقلىقى توپ مالنى بېقىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

كۆپ كېزەكلىك

ئۆچكە بالدۇر يېتىلىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدە ھاشارات بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولۇپ، بالىلىرىنىمۇ ھاشارات بىلەن باقىدۇ، كۆپ تۇغۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۆچكە كۆپ كېزەكلىك، ئۇنىڭ كۆپىيىش ئۈنۈمى خېلىلا يۇقىرى،گۆشى باقمىچىلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. 

ئۆچكە بېقىشنىڭ ئاساسلىقى ئىككى خىل ئۇسۇلى بار. يەنى: يايلىتىپ بېقىش، يەنە بىرى قوتاندا بېقىش. يايلىتىپ چارۋا بېقىشتا، يەم- خەشەكنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بېقىش تەننەرخى تۆۋەن، ئەمما ھاۋا رايى ۋە پەسىل تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ قىشتىكى زىياننى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدۇ. چارۋىچىلارغا چارۋىلارنى ئېغىلدا بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، بۇنىڭ بىلەن قوي تەكشى يېتىلدۇ، يەنە يەم-خەشەكتىن  پايدىلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بوۇلىدۇ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئاسان شەكىللەندۈرۈپ، تاۋار نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ.

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

ئۆچكنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قەرەللىك ھالدا قوينىڭ ئىچ-سىرتىدىكى پارازىتنى قوغلاپ، قوتان تازىلىقغا دىققەت قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، كۈندىلىك باشقۇرۇش داۋامىدا دائىم كۆزىتىپ، يېمەك-ئىچمەك، گەندە قاتارلىقلارنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېسەلنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، كېسەلنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش. 

بېقىش-باشقۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرى 

تىۋىت ۋە يۇڭلىرىنى قىرقىش.

مۈڭگۈزنى ئېلىش. 

تۇياقلىرى تۈزەش. [0]

شى جيې خاراكتېرلىك 

شى جيې خاراكتېرلىك 

شى جيې خاراكتېرلىك 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#