دورا

كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددا – دورا دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دورا
خەنزۇچە ئاتىلىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دورائۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي نەزەرىيىلىرىدىكى «تۆت ماددا تەلىماتى»غا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ يەنى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ماددا بولغان ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق قاتارلىقلار ئۆز كەيپىيات خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ماددىلارغا ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا مۇئەييەن مىزاجنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىنسانلار تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، شۇ ئوزۇقلۇقلاردىن بەدەندە ھاياتلىق ئۈچۈن مۇھىم بولغان ماددا – خىلىت شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسان بەدىنى شۇ خىل خىلىتلاردىن ئوزۇقلىنىپ ھاياتلىق داۋاملىشىدۇ ھەم شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنسان بەدىنىدىمۇ مۇئەييەن مىزاق شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئىنسان بەدىنىدىكى مىزاج ۋە خىلىتنىڭ نورماللىقى ساغلاملىق ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھەر خىل ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىزاج ۋە خىلىتلاردا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلسە ئورەانىزمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسان بەدىنىدىكى ھەربىر نورمالسىزلىقنىڭ مەنبەسى يەنىلا تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا كېسەل داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئورگانىزمدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ساقلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا تۆت چوڭ تەڭپۇڭسىزلىقلارنى تۈگىتىپ، ساقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىدە مۇئەييەن مىزاج (كەيپىيات) ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان ھەر خىل ماددىلار ئىشىتىلىپ، بەدەندە يۈز بەرگەن كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىنسان ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. دېمەك، دورا تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىنى مۇئەييەن مىزاج ۋە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ماددى ھەم كەيپىيات تەسىرلىرى بىلەن بەدەندىكى ھەر خىل تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەدەندىكى ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن بولغان «تەبىئەت» نى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ھەم دىئاگنوز قويۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دورا – ئورگانىزمدىكى ھەرخىل تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە «تەبىئەت كۈچى»گە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم بىر ۋاسىتە بولۇپ، ئەمما دورىلارنى ھەممىگە قادىر بىردىن – بىر ۋاسىتە دەپ قاراشقا، ئۆلۈك ھالدا قارىغۇلارچە ئىشلىتىۋېرىشكە ھەم ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكىرى ئوخشاش بولمىغاچقا ھەم مىزاجىدىمۇ پەرق بولغاچقا، بىر كىشىگە مەنپەئەت قىلغان، ياخشى ئۈنۈم بەرگەن دورىلار يەنە بىر كىشىەە مەنپەئەت قىلمايدۇ ياكى ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا دورا داۋالاش تەدبىرلىرى ئىچىدە مۇرەككەپ ۋە مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دورىلارنى ھەر بىر كىشىنىڭ يېشى، مىللىتى، جىنسى، بەدىنىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، يەر شارائىتى، پەسىل، ئۆرۈپ – ئادەت، كەسپى قاتارلىقلارغا ئاساسەن جانلىق ئىشلىتىش كېرەك.

1. دورا – ئەشيالارنى تەبىئەتكە ئايرىش دورا – ئەشيالارنى تەبىئەت، خۇسۇسىيەتكە ئايرىش ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزاق مۇددەت داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دورىلارنىڭ بەدەندە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى بىر قانچە خىل تەبىئەتلەرگە ئايرىلغان. ئەگەر مەلۇم بىر خىل خام دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەننى قىزىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرگەن بولسا ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر قىزىتما قايتۇرۇپ، سۈيدۈك مىقدارىنى كۆپەيتكەن، تومۇر ھەرىكىتىنى ئاستىلاشتۇرغان بولسا سوغۇق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى قىزىتىپ، ئېغىزنى قۇرۇتۇپ، سەپرا خىلتىغا خاس بولغان ئالامەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسا قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى قىزىتىپ، قان نومۇر ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئەسنەش، كېرىلىش پەيدا قىلىپ، قان خىلىتىغا خاس ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ئۇنى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى سوۋۇتۇپ، ھېس – تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرۇپ بەدەندە ئېغىرلىق پەيدا قىلغان بولسا ھەم بەلغەم خىلتىغا خاس بولغان ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ئۇنى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. ئەگەر بەدەننى سوۋۇتقاندەك قىلسىمۇ ئەمما ئېغىزىنى قۇرۇتۇپ، ئاشقازان كىرىش قىسمىدا سانچىلغاندەك سېزىم پەيدا قىلسا ھەم سەۋدا خىلتىغا خاس بولغان ئالامەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ئۇنى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك دورا دەپ قارىغان. يۇقىرىقىلار پەقەت دورىلارنىڭ بەدەندە كۆرسەتكۈچ تەسىرلىرىگە ئاساسەن تەبىئەتكە ئايرىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر دورىنىڭ كېلىش مەنبەسى، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن دورىلار يەنە تەبىئەتكە ئايرىلىدۇ. دورىلار يۇقىرىقىدەك ھەرخىل تەبىئەتلەرگە ئايرىلىشتىن سىرت يەنە، ھەر بىر دورىنىڭ تەبىئەت دەرىجىسىمۇ بېكىتىلىپ، 1 – دەرىجىلىك، 2 – دەرىجىلىك، 3 – دەىجىلىك، 4 – دەرىجىلىك دەپ ئايرىلغان. ئادەتتە ئۇيغۇر تېبابىتىدە 1 – دەرىجىدىكى ۋە 2 – دەرىجىدىكى تەبىئەتلىك دورىلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. 3 – دەرىجىلىك تەبىئەتتىكى دورىلار ئاز ئىشلىتىلىدۇ ياكى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. 4 – دەرىجىلىك دورىلار زەھەر دەپ قارىلىدۇ.

2. دورىلارنى خۇسۇسىيەتلەرگە ئايرىش

 3. ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئەمەلىيىتىدە دورىلارنىڭ تەبىئىتىنى بەلگىلەشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەدەندە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى دېيىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورىلار – تەڭشىگۈچى دورىلار،قان تازىلىغۇچى دورىلر، پىشۇرغۇچى دورىلار، سۈرگۈچى دورىلار، توسالغۇنى ئاچقۇچى دورىلار. ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار، ئىششىق تارتقاتقۇچى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار، تاش پارچىلىغۇچى دورىلار، يەل ھەيدىگۈچى دورىلار، يۇمشاتقۇچى دورىلار، قۇرت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار، ھەيز ماڭدۇرغۇچى دورىلار، قۇستۇرغۇچى دورىلار، تەرلەتكۈچى دورىلار، بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل پەسەيتكۈچى دورىلار، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، تېنچلاندۇرغۇچى دورىلار، تۇتقۇچى، قۇرۇغۇچى دورىلار، قان توختاتقۇچى دورىلر، تېرىنى قىزارتقۇچى دورىلار، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار،قان كۆپەيتكۈچى دورىلار، زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلار، تېرىنى پارقىراتقۇچى دورىلار، تارتقۇچى دورىلار، سۈت ۋە مەنى كۆپەيتكۈچى دورىلار، چۈشكۈتكۈچى دورىلار، بىھۇش قىلغۇچى دورىلار، كۆيدۈرگۈچى دورىلار، كۆڭۈلنى ئاچقۇچى دورىلار، مېڭە ۋە يۈرەككە خۇشلۇق كەلتۈرگۈچى دورىلار... دېگەندەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئايرىلىدۇ. يۇقىرىقىدەك دورىلارنىڭ تەبىئىىتى ۋە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئايرىلىشى ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇر تېۋىپ، ھۆكۈمالىرى ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالاش ئەمەلىيەتلىرى جەريانىدا ھەر خىل دورىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، تەبىئىي، شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئۇلارنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا قوللانغان ھەم بۇ ھەقتە قىممەتلىك مەلۇمەت ۋە تەجرىبىلەرنى قالدۇرغان. شۇڭا قەدىمقى ئۇيغۇر تېۋىپ ھۆكۈمالىرىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرى ۋە بىزگە قالدۇرۇپ قويغان قىممەتلىك مىراسلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت – دورىگەرلىكىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ بىر قىسىم دورىگەرلىك نەزەرىيىلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەنبەدىن كېلىدۇ.

1. ئۆسۈملۈك دورىلار: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسەن ئۆسۈملۈكلۈرنىڭ پۈتكۈل تېنى، يىلتىزى، يىلتىز پوستى، گۈل – چېچەكلىرى، مېۋە پوستى، ئۇرۇقى، مېغىزى، شېخى، يۇپۇرمىقى، قوۋزىقى يىلىمى، سۈتى، ئۆسۈملۈك مايلىرى قاتارلىقلار دورىلىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: قىزىل گۈل، زەپەر، سەرپىستان، كاسىنە ئۇرۇقى، كاسىنە يىلتىزى، سەندەل، ئەپيۈن، ئەنجۈر سۈتى، چۈچۈكبۇيا قىيامى، بادام يېغى، سازەج، دارچىن، بادىرەنجىبۇيا قاتارلىقلار.

2. ھايۋانى دورىلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھايۋانلاردىن ئېلىنىدىغان دورىلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئومۇمەن ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل ئەزالىرى، ئاجراتمىلىرى، پۈتكۈل تېنى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتقلىدۇ. مەسىلەن: ئىپار، ئەنبەر، بۇياق چويىسى، بۇغا ماڭگۈزى، چايان، چۈمۈلە، سەقەنقۇر، سەدەپ، توخۇ تاشلىقى، يىلان، قۇچقاچ مېڭىسى، كەپتەر تۇخۇمى... قاتارلىقلار ئوخشاش.

3. مەدەن دورىلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە مەدەن دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسەن تەبىئىي كان بايلىقلىرى، تەبىئىي تۇپراق مەنبەلىك ماددىلار ۋە بىر قىسىم ئېلېمېنتلر رودىسى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىىدۇ. مەسىلەن: ئالتۇن، كۈمۈش، سىماپ، ياقۇت، قوغۇشۇن، كۆكتاتش، سەنگى جاراھەت، زەرنىخ، كىبرىت، تۆمۈر، مەدەستان، قاشتېشى، گىل (سېغىز)، سۈرمە، موميا، تۇز،مىس، قەلەي... قاتارلىقلارغا ئوخشاش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1002

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#