سانجۇ يېزىسى

سانجۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە.

ئۇيغۇرچە نامى سانجۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 桑株乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2767.5 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشسانجۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە. شەرقتە زاڭگۇي يېزىسى، دۇۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپىدە قوشتاغ يېزىسى، شىمالدا مۇجى يېزىسى، جەنۇبتا كەڭقىر قىرغىز مىللىي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 45 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 61.5 كىلومېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 2767.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىر سانجۇ يېزىسىنىڭ قارىمىقىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 100 ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، يېزدىكى ئومۇمىي نوپۇس سانى 32123 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىلىرى 6781 ئائىلە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسىدىكىلەر 29265 ئادەم، 66 مەسچىت ، 70 نەپەر دىنىي زات، 81 نەپەر تالىپ بار. يېزا بويىچە جەمئىي 17 پونكىت، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ، 2 مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر 9 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ بار. يېزا بويىچە جەمئىي 27 پارتىيە ياچېيكا، بۇنىڭ ئىچىدە 19 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، 823 پارتىيە ئەزالىرى بار. پۈتۈن يېزىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. دېھقان-چارۋىچىلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

رەھبەرلەربۇ يېزىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇب ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، يەر شەكلى شىمالغا قىيسايغان، كۆپ تاغلىق ھەم ئازراق شورلۇق، سازلىق . دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700-5500 مېتىر، قۇرۇقلۇق كىلىماتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10، قىروسىز مەزگىل 180 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ. 

يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55086 مو، سانجۇ دەرياسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شىمالغا ئېقىپ ئۆتىدۇ. سانجۇ يېزىسىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاريېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن مايلىق دان، بېدە ۋە ئازراق مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي نى ئاساس قىلىدۇ، ئات، تۆگە، قوتاز، ئېشەك قاتارلىقلارمۇ بار. ياڭاق، جىگدە، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆرۈك سورتى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ئورمانلاردا جەرەن، سۇغۇ، تۈلكە، سۈلەيسۈن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە چاتقال كەكلىكى، بۈركۈت، ئۆردەك، ياۋا غاز ۋە كەپتەر قاتارلىق ياۋايى ئۇچار قاناتلىقلارمۇ بار. يەنە قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، يەر مەدىكى، ئارپىبەدىيان، پۇراقلىق ھىندى پەرەڭگۈلى قاتارلىقلارمۇ بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#