ئارىشاڭ ناھىيەسى

ئارشاڭ ناھىيەسى
ئارىشاڭ ناھىيەسى جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ غەربىي چېتىگە، بورتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جالاشقان. شەرقتىن بورتالا شەھىرى بىلەن جەنۇبتىن قورغاس ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

نامى ئارىشاڭ ناھىيەسى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 5904.85 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ماتېرىك خاراكتېرلىك مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە نامى 温泉县
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
نوپۇسى 74600 (2012-يىلى)
ئۆزىگە قاراشلىق رايون 2 بازار، 4 يېزا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارشاڭ ناھىيەسىئارىشاڭ ناھىيەسى جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ غەربىي چېتىگە، بورتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جالاشقان. شەرقتىن بورتالا شەھىرى بىلەن جەنۇبتىن قورغاس ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب ۋە شىمال تەرەپتىن قازاقىستان بىلەن چېرگىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 275 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 139.4 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 64.8 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 5663.7 كۋادرات كىلومېتىر.

 بۇ ناھىيەگە 2 بازار، 4 يېزا، 46 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5-شىسىنىڭ 2 تۇەن-مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قارايدىغان بىر ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 613 كىلومېتىر. 1995 يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 72 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار%14.76 نى، خەنزۇلار %61.81 نى، باشقا مىللەتلەر %23.43 نى تەشكىل قىلىدۇ. 

ئارىشاڭ ناھىيەسى تەۋەسىدە ئارشاڭ بولغانلىقىدىن ئارشاڭ دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇسۇنلارنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈركلەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى سالغۇتىغا قاراشلىق چاغار موڭغۇل لەشكىرى سول قاناتنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 27-يىلى (1938-يىلى) ئارىشاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەمۇرىي رايونىغا قارىغان، مىنگونىڭ 31-يىلى (1942-يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ناھىيە تەسىس قىلىنغان. 1954-يىلى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىدىن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى غا ئايرىپ بېرىلگەن. 

ئارشاڭ ناھىيەسىئارىشاڭ ناھىيەسى مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراىسى 3.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 35.9. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2869.2 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2395.4، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 201.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1558.1 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيەسى ھەر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ 360 كىلوۋات سائەت. 

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەنزىرىلىك مەشھۇر جايلاردىن يىتپېرخە قەدىمكى شەھىرى، ئىكسۇم بۇتخانىسى، قەدىمكى تاش سىزما، تاش ئويما، تاش ئادەم، قەدىمكى قەبرىلەر شۇنىڭدەك بۆگدۆر ئارىشىڭى، ئوتوگىسەر ئارشىڭى، ئارشات ئارىشىڭى قاتارلىقلار بار. بۆگدۆر ئارشىڭى مەشھۇر داۋالىنىش ئورنى. 

ئارشاڭ ناھىيەسىناھىيىنىڭ جەنۇبىي، غەربىي، شىمالىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى ۋە ئېدىرلىق %70.5 نى، تۈزلەڭلىك %25.6 نى، سۇ يۈزى %3.9 نى ئىگىلەيدۇ. بورتا دەرياسى ناھىيەدىكى بىردىنبىر دەريا ھېسابلىنىدۇ، يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 928 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك راونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 340 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، شىنجاڭ شىمال سۈلەيسۈنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سوغىگۈ، چاكاندا، چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، ئەڭلىك ئوت، قان تېپەر، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۆمۈر، مىس، ئاليومىن، سىنك، قەلەي، نىئوبىې، تانتال، لىتې، چرىمتال قاتارلىقلار بار. 

ئارشاڭ ناھىيەسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ناھىيە. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 18 مىڭ 700 گېكتار (281 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 60 مىڭ 200 گېكتار (903 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 412 مىڭ 800 گېكتار (6 مىليون 192 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 17 مىڭ 200 گېكتار (258 مىڭ مو) قاقاس يېرى بار، چارۋىچىلىقتا قوي ئاساس قىلىنىدۇ. كالا، ئات، ئۆچكە بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىردىن بۇغداي، مايلىقدان، قىزىلچا، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق، ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلار بار. 

ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشمەكتە. بورتالا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي شىمالى قىرغىقىدىكى ئىككى ئاسفالىت يول خارابۇخ بازىرىدا تۇتىشىدۇ. ناھىيەدىن بورتالا شەھىرى گە بارىدىغان تاشيول بارلىق يېزا، بازارلارغا تۇتىشىدۇ. ھازىر 3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#