قويچى يېزىسى

قويچى يېزىسى

قويچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيەسى بازىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قويچى يېزىسى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى
نوپۇسى 24705 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0903
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2669 كۋادرات كىلومېتىر
ئىنگلىزچە نامى koyqi yezisi
پوچتا رايون نومۇرى 848100

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قويچى يېزىسىقويچى يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى بازىرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 11 كىلومېتىر، شەرقىي تۈۋەت يېزىسى، 47-تۈەن 1-ۋە 2-ليەنى، يېڭىيەر يېزىسى، كاۋاك يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي پۇرچاقچى يېزىسى، 47-مەيدان، قاراساي يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى دىكى ئاۋات ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1317 ~ 1733 مېتىر. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2669 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28688 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.21 مو.

قويچى، ئۇيغۇر تىلى دا پادىچى، قوي باقىدىغان ئادەم دېگەن مەنىدە، رىۋايەت قىلىنىشىچە قەدىمكى زاماندا چارۋىچىلار كۆپ بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. 1937 ~ 1944-يىلى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ 3-رايون تەۋەلىكىدە بولغان.

1944-يىلىدىن كېيىن ئاساسلىقى، يەر سىلىق يېزىسى بولغان، قىسمەن جايلىرى ئىشەنچ يېزىسىغا تەۋە بولغان.

1948-يىلى، سىلىق يەر يېزىسىغا قارىغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن 10-رايون قىلىنغان، ئۇنىڭ قارىمىقىدا قىزاق، كۆكيار، يېڭىئۆستەڭ، تۆتلۈك، باچۇق، تۆۋەنكى تۆتلۈك قاتارلىق ئالتە يېزىسى بولغان.

1956-يىلدىن كېيىن 9-رايون قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

گوڭشىلاشتۇرۇش مەزگىلىدە 8-رايون بىرلەشتۈرۈلۈپ راكېتا گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

1982-يىلى ئەسلىدىكى 9-رايون راكېتا گۇڭشېسى ئايرىلىپ چىقىپ، قويچى گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

1984-يىلى قويچى يېزىسى قۇرۇلغان.

قويچى يېزىسى قارىمىقىدا: زىۋا كەنتى، باش قازاق كەنتى، ئاياغ قازاق كەنتى، باخشى كەنتى، لوخان كەنتى، كۆكيار كەنتى، چاڭگا كەنتى، كونا ئېرىق كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، كۆلئېرىق كەنتى، زەگەر كەنتى، شاخار كەنتى، تۇتلۇق كەنتى، چىراغدۆڭ كەنتى، ھەلچاق كەنتى، غەزەل كەنتى، بارچۇق كەنتى، شاپۇق كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، قوشماق كەنتى، ساداق كەنتى، سەككىز پارچە كەنتى، چىلان كەنتى، يىڭىكۆل كەنتى، قويچى كەنتى قاتارلىق 25 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

2006-يىلى، تەۋەلىكىدە 16 يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، 25 كەنت، 105 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 5753 ئائىلىلىك (يېزا نوپۇسى 5293 ئائىلە، شەھەر نوپۇسى 460 ئائىلە)، 24705 ئادەم (11943 ئايال)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 24692 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.95 نى ئىگەللىگەن، خەنزۇ لار 13 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.05 نى ئىگەللىگەن.

2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 3894.39 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 2791.65 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە %71.68 نى ئىگەللىگەن، 2-كەسىپنىڭ 258.79 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە %6.65 نى ئىگەللىگەن، 3-كەسىپنىڭ 843.93 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە %21.67 نى ئىگەللىگەن. 2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1297.63 يۈەنگە يەتكەن.

2006-يىلى، پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 20 مىڭ يۈەن، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 80 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، يېزىلاردىكى مۇقىم تېلېفون ئابونېنتى 420 گە، ئىنتېرنېت تورى ئابونېنتى 22 گە يەتكەن.

قويچى يېزىسىيېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 29700 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 435.66 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12939 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 15100 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 397.62 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6004 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 14600 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 475 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6935 توننا، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 2300 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 125.22 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 288 مىڭ توننا (ساپ پاختا) بولغان. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 57530 تۇياققا يەتكەن.

ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 150 ئادەم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇغۇچىسى 1543 ئادەم، ئوقۇتقۇچىلار 87 ئادەم، باشلانغۇچ مەكتەپ 12، ئوقۇغۇچىسى 3629 ئادەم، ئوقۇتقۇچىلار 125 ئادەمگە يەتكەن.

2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلىغى 253.92 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە، تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %85 كە يەتكەن. كۇتۇپخانا 27 ، ھەر خىل كىتابلار 15400 خىل، مەدەنىيەت ئۆيى 16، ئامبولاتورىيەسى بىر، تېببىي خادىملار 43 ئادەم، كېسەل كارۋىتى 60 تالغا يەتكەن.

2006-يىلى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 206.3 مىڭ يۈەن بولۇپ، 39445 كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمى تاماملانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#