شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى

تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى» 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى
ئېلان قىلغان ئورگان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区耕地占用税实施办法
ماقۇللانغان ۋاقتى 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دەپ ئېلىندى)غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى (159-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى» 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى.

1-ماددا بۇ چارە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دەپ ئېلىندى)غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئۆي سالغان ياكى دېھقانچىلىقتىن باشقا قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇن ياكى شەخسلەر يەر ئىگىلەش بېجىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلىرى بولۇپ، «نىزام» ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەر ئىگىلەش بېجى تاپشۇرىدۇ.

بۇ چارىدە دېيىلگەن تېرىلغۇ يەر زىرائەت تېرىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى، جۈملىدىن، پىششىق يەر، يېڭىدىن ئېچىلغان يەر، قايتا ئېچىلىپ رەتلەنگەن يەر، بوش يەر، نۆۋەت بىلەن ئاق قالدۇرۇلغان يەر، ئوتلاق-ئېتىز نۆۋەت يېرى، ئارىلىق يەر، ئۆزلەشتۈرۈلگەن سايلىق يەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ چارىدە دېيىلگەن ئورۇن دۆلەت كارخانىسى، كوللېكتىپ كارخانا، خۇسۇسىي كارخانا، پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، دۆلەت ئورگىنى، قىسىم، شۇنداقلا باشقا ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ، شەخسلەر يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە باشقا شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئىلتىماس ئارقىلىق يەر ئىشلىتىشى تەستىقلانغانلارنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى تەستىق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلەتكۈچى بولىدۇ؛ تەستىق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلمىگەنلەرنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى يەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بولىدۇ؛ يەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بېكىتىلمىگەن بولسا، باج تاپشۇرغۇچى يەر ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بولىدۇ. تەستىقلاتماي تۇرۇپ يەر ئىگىلىگەنلەرنىڭ باج تاپشۇرغۇچىسى يەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچى بولىدۇ.

4-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى باج ھېسابلاش ئاساسى قىلىنىپ، بەلگىلەنگەن تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى بويىچە بىر قېتىمدىلا ئېلىنىدۇ. ئەمەلىي ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەستىق بويىچە ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ۋە تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5-ماددا ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)لەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىدا ھەر كۋادرات مېتىر تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش ئوتتۇرىچە باج سوممىسى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ:

1) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 30 يۈەن.

2) سانجى ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ 20 يۈەن.

3) بايىنغۇلىن ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى، ئارال شەھىرىنىڭ 18 يۈەن.

4) ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ 15 يۈەن.

5) قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئون يۈەن.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئوتتۇرىچە باج سوممىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ تۇرىدۇ.

6-ماددا ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنىڭ ئوتتۇرىچە باج سوممىسىغا ئاساسەن، ناھىيە بىرلىك قىلىنغان كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ۋە رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، قوشنا ۋىلايەتلەرنىڭ باج ئېلىش سوممىسى بىلەن تەڭپۇڭ بولۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە، قارىمىقىدىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسىنى بېكىتىدۇ، بېكىتكەن تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئوتتۇرىچە باج سوممىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

7-ماددا ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى يېرى، باقمىچىلىق سۇ يۈزى ۋە بېلىقچىلىق سۇ دائىرىسىدىكى چۆكمە سازلىق قاتارلىق باشقا يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئۆي سېلىش ياكى دېھقانچىلىقتىن باشقا قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىشلەتمەكچى بولغاندا، «نىزام» ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەر ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇش كېرەك.

8-ماددا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، ئىقتىساد-سودا رايونى، يېزا ئىگىلىك رايونى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرى بەك ئاز رايونلار باج نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ، ئەمما شۇ جاينىڭ باج نىسبىتىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

9-ماددا ئاساسىي ئېتىزنى ئىگىلىگەنلەرگە تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى مۇشۇ چارىنىڭ 5–، 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شۇ جاينىڭ باج سوممىسى ئۆلچىمى ئاساسىدا %50 ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.

10-ماددا بىۋاسىتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى يېرى، باقمىچىلىق سۇ يۈزى، بېلىقچىلىق سۇ رايونى دائىرىسىدىكى چۆكمە سازلىق قاتارلىق باشقا يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلىسە، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن بىۋاسىتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى، شۇنداقلا ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ساقلاش ئەسلىھەلىرى؛ نەسىللىك چارۋا-قۇش، ئۇرۇق، كۆچەت يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى؛ ئەنئەنىۋى چارۋا-قۇش بېقىش ئەسلىھەلىرى؛ ياغاچ توپلاش يولى، ياغاچ توشۇش يولى؛ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، تەجرىبە قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى؛ ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، ئورمان قوغداش، ئورمان-ئوتلاق ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئورمان ئوت مۇداپىئەسى، قاقاس تاغنى كۆكەرتىش، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ئەسلىھەلىرى؛ مەخسۇس يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇغىرىش-زەي چىقىرىش، سۇ، توك، ئىسسىقلىق، گاز بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرى؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا زۆرۈر بولىدىغان ياتاق ۋە باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرى؛ بىۋاسىتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

11-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەشكە دائىر تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىگە ياتىدىغانلاردىن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنمايدۇ:

1) مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان قىسىم، زاپاس ئەسكەرلەر قىسىمى، قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى قوماندانلىق، ئۇرۇش قىلىش قۇرۇلۇشى؛ ھەربىي ئايرودروم، پورت، پرىستان؛ ھەربىي تاشيول، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيىسى؛ ھەربىي خەۋەرلىشىش، توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى؛ ھەربىي ماي، سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى؛ ھەربىي كامىر، ئامبار؛ گازارما رايونى، مەشىقلەندۈرۈش مەيدانى، سىناق قىلىش مەيدانى، ھەربىي خەۋەرلىشىش، رازۋېدكا قىلىش، يول باشلاش، كۆزىتىش ئىستانسا-پونكىتى ۋە ئۆلچەش، يول باشلاش بەلگىسى؛ سىناق قىلىش بازىسى، قارىغا ئېتىش مەيدانى ۋە ھەربىي ئىشلارغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان باشقا ئەسلىھەلەر.

2) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇش تارىخى خاراكتېرىدىكى كەسپىي مائارىپ مەكتىپى ۋە ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى.

3)ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى رويخەتكە ئالغان ياكى ئەنگە ئالغان يەسلى ئىچىدىكى بالىلارنى بېقىش، تەربىيىلەش سورۇنى.

4) تەستىق بىلەن قۇرۇلغان ياشانغانلار ساناتورىيىسى ئىچىدىكى ياشانغانلارغا تۇرمۇشتا ئېتىبار بېرىش، مەدەنىيەت، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش پائالىيەت سورۇنلىرى.

5) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان دوختۇرخانىلارنىڭ ئىچىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سورۇن ۋە يانداش ئەسلىھەلەر.

مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدىكى تىجارەت سورۇنلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيى، دوختۇرخانا ئىچىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆيى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىگەن بولسا، شۇ جاينىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرىدۇ.

12-ماددا كەنت ئاھالىسى ياكى كەنت دەرىجىلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەبلەغ توپلاپ ياسىغان كەنت دەرىجىلىك يولدىن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنمايدۇ.

سۇ ئامبىرى رايونىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالە، ئاپەت رايونىدىكى ئاھالە بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ قايتا ئۆزى تۇرىدىغان ئۆي سالسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ۋاقتىنچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنمايدۇ.

13-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەشكە دائىر تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىگە ياتىدىغانلاردىن ھەر كۋادرات مېتىر ئۈچۈن ئىككى يۈەن تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى كېمەيتىلىدۇ:

1)تۆمۈريول ئۇلى، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، تونېل ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئىككى ياققا قالدۇرۇلغان يەر.

2) تەستىق ئارقىلىق قۇرۇلىدىغان دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، ناھىيە يولى، يېزا يولى ۋە كەنت تاشيولى ئاساسىي قۇرۇلۇشى ۋە ئىككى ياقتىكى يان ئېرىق ياكى سۇ توسۇش ئېرىقى.

3) تەستىق بىلەن قۇرۇلىدىغان پۇقرالار ئايرودرومىنىڭ پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى ئۇچۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش، يۈرۈش، توختاشقا ئىشلىتىلىدىغان مەيدانى.

4) پورت-پرىستانلارنىڭ ئىچىگە ياسىلىدىغان كېمە-پاراخوت توختاش مەيدانى ۋە يولۇچىلار چىقىش-چۈشۈش، مال قاچىلاش-چۈشۈرۈش سورۇنى.

5) دەريا، كۆل، قولتۇق قاتارلىق سۇ رايونىدىكى كېمە-پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان يول.

مەخسۇس تۆمۈريول ۋە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيىسى، مەخسۇس تاشيول ۋە شەھەر رايونى ئىچىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىمەكچى بولغاندا، يەرلىكنىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرىدۇ.

14-ماددا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ئاھالىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ تۇەن–مەيدانلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەستىق ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ يېڭىدىن ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆي سالسا، شۇ جاينىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسىنىڭ يېرىمى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنىدۇ.

15-ماددا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ئاھالىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ تۇەن-مەيدانلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەستىق ئارقىلىق كۆچۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى ئۆي ئورنى تېرىلغۇ يەرگە قايتۇرۇلسا، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆينىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش كۆلىمى ئەسلىدىكى كۆلەمدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنمايدۇ؛ ئەسلىدىكى ئۆي ئورنى كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئاشقان قىسمى ئۈچۈن شۇ جاينىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسىنىڭ يېرىمى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئېلىنىدۇ.

16-ماددا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ۋە بىڭتۇەننىڭ تۇەن-مەيدانلىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەسى(ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا-ئانىسى)، مېيىپ ھەربىيلەر، بويتاق، تۇل، يېتىم-يېسىر، ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ماكانلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلار، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تۇرمۇش قىيىنلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە چەت-ياقا نامرات رايونلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئائىلىلىرى بەلگىلەنگەن يەر ئىشلىتىش ئۆلچىمى ئىچىدە يېڭىدىن ئۆي سالماقچى بولۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، باج تاپشۇرغۇچى ئىلتىماس سۇنۇپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ياكى كېمەيتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.

17-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان ياكى كېمەيتىلگەندىن كېيىن، باج تاپشۇرغۇچى يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتسە ھەمدە تېرىلغۇ يەرنى ئىشلىتىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئەھۋالىغا كىرمىسە، ئىشلىتىلىشى ئۆزگەرتىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، يەرلىكنىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.

18-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلىگەنلەر «نىزام« ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى تەستىقلانغان تېرىلغۇ يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش سۈرۈكى ئىچىدە ئىگىلەنگەن تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرغان بولسا، تاپشۇرغان تېرىلغۇ يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەش بېجى پۈتۈن سومما بويىچە قايتۇرۇلىدۇ.

19-ماددا بۇلغاش، قۇم، شېغىل، توپا ئېلىش، كان قېزىشتىن كېلىپ چىققان گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تېرىلغۇ يەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، «نىزام» ۋە مۇشۇ چارىدىكى تېرىلغۇ يەرنى ۋاقىتلىق ئىگىلەشكە ئائىت بەلگىلىمە بويىچە، زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئورۇن ۋە شەخس شۇ جاينىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرىدۇ؛ ئىككى يىل ئىچىدە تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرگەنلەرگە تاپشۇرغان باج پۇلى پۈتۈن سومما بويىچە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ.

20-ماددا بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى تېرىلغۇ يەر تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر)نىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى يەرلىك باج ئورگىنىغا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇلىدۇ.

21-ماددا تەستىق ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىگەنلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ھاسىل بولغان ۋاقىت باج تاپشۇرغۇچى زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش تارمىقى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئىگىلەش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈن بولىدۇ.

تەستىقلاتماي تۇرۇپ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىسە، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ھاسىل بولغان ۋاقىت باج تاپشۇرغۇچى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىگەن كۈن بولىدۇ.

22-ماددا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يىغىشقا ناھىيىلىك (شەھەرلىك) يەرلىك باج ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى تېرىلغۇ يەر ياكى باشقا يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلىگەندە، تېرىلغۇ يەر ياكى باشقا يېزا ئىگىلىك يېرى جايلاشقان يەردە باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

23-ماددا زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش تارمىقى ئورۇن ياكى شەخسكە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئۇقتۇرغاندا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېرىلغۇ يەر جايلاشقان يەردىكى تەڭ دەرىجىلىك يەرلىك باج ئورگىنىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ئورۇن ياكى شەخسلەر زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك. زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش تارمىقى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى ياكى باجنى كەچۈرۈم قىلغانلىق ئىسپاتى ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەتكە ئاساسەن، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر تەستىقنامىسىنى بېرىدۇ.

زېمىن بايلىقى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ياكى تېرىلغۇ يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ، تېرىلغۇ يەردە تېرىقچىلىقنى توختىتىپ قويغان تېرىلغۇ يەرنى بىكار قويغان، پېچەتلىگەن، قالدۇرۇپ قويغان، زاپاس قالدۇرغانلار شۇ جايدىكى يەرلىك باج ئورگىنىغا باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، باج ئورگىنى شۇ جاينىڭ تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ئالىدۇ.

24-ماددا بۇ چارە 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1987-يىلى 10-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى» ئەمەلدىن قالىدۇ.

بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى ھېسابلاش ۋاقتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، 2008-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#