رۇسىيە تۈركىيەنىڭ رۇسىيە مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى
ۋاقتى: 2015-12-09
ئاۋاتلىقى: 873 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8- دېكابىر تۈركىيەنىڭ رۇسىيەلىك مۇخبىرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى .
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى تور بېكىتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە تېلېۋىزىيە 1- ئىستانسىسنىڭ سۈرئەتكە ئىلىش گۇرۇپپىسى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بىلەن سۈرىيە چېگرالىشىپ تۇرىدىغان خاتائى ئۆلكىسىدە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ كىشى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، پۇقراچە كىيىم كىيىۋالغان بۇ كىشىلەر سالاھىيەت كىنىشكىسىنى چىقارمىغانلارنى شۇ يەردىكى ساقچى ئىدارىسىغا ئىلىپ بارغان، ھەمدە ئۇلارغا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەرىكەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان. تۈركىيە دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر بەرمىگەن.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/xwzx/gjxw/201512/t20151209_991513.html