ئۈستىقۇددۇس ئېچىملىكى ھەققىدە چۇشەنچە
】دورا ئىسمى【ئۈستىقۇددۇس ئېچىملىكى
】تەركىبى【ئۇستىقۇددۇس، پىرسىياۋشان، ئۇدسەلىپ، گاۋزىبان، بىخ سۇس، بەدىيان، كىرەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇغى، بىخ بىنەپشە، قىزىل گۈل، سەرفىستان، قۇرۇق ئۈزۈم.
】شەكلى ۋە خۇسۇسىيتى【بۇ قېنىق قىزىل رەڭلىك سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ، خۇشپۇراقلىق، تەمى تاتلىق، سەل قىرتاق كىلىدۇ.
】تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى【غەيرى نۇرمال بەلغەم ۋە سەپرانى تازلايدۇ. نىرۋىنى تېنىچلاندۇرىدۇ. باش ئاغرىش، خامۇشلۇق، نىرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
】ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى【 كۈنىگە 3 قېتىم، ھەرقېتىمدا ml10 دىن ئىچىلىدۇ.
】ئۆلچىمى【ھەر بىر ئامپۇلغا 10ml دىن قاچىلىنىدۇ
】ساقلاش【 ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ ساقلىنىدۇ.
】قاچىلنىشى【ml10×10 ئامپۇل \ قاپ، دۇرىغا ئىشلىتىلدىغان ئامپۇلغا قاچىلىنىدۇ .
】ئۈنۈملۈك مۇددىتى【 1 يىل
】تەستىق نۇمۇرى【شىنجاڭ دورا تەستىق نۇمۇرى03000106Z
】داۋالاش ئاپىراتى【
خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى
ئادرىسى : خوتەن شەھەر بېيجىڭ غەربى يولى 37- نومۇر.
پوچتا نومۇرى:848000
تېلېفۇن نومۇرى :2511122-0903
تەييارلىغۇچى : دورا ياساش بۆلۇمى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت